148
148-كۈي •••• پۈتكۈل ئالەم، پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار!
1 ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارنى ئاسمانلاردىن مەدھىيىلەڭلار؛
يۇقىرى جايلاردا ئۇنى مەدھىيىلەڭلار؛■ لۇقا 2‏:14؛ ۋەھ. 5‏:13
2 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق پەرىشتىلىرى؛
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، بارلىق قوشۇنلىرى!
3 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئى قۇياش ھەم ئاي،
ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ھەممە پارلاق يۇلتۇزلار؛
4 ئۇنى مەدھىيىلەڭلار، ئاسمانلارنىڭ ئاسمانلىرى،
ئاسماندىن يۇقىرى جايلاشقان سۇلار!
5 بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛
چۈنكى ئۇ بۇيرۇغان ھامان، ئۇلار ياراتىلغاندۇر؛■ يار. 1‏:6-31؛ زەب. 33‏:6، 9
6 ئۇ ئۇلارنى ئەبەدىلئەبەدگىچە تۇرغۇزدى؛
ئۇلار ئۈچۈن ۋاقتى ئۆتمەيدىغان بەلگىلىمىنى بۇيرۇغان.■ ئايۇپ 14‏:5،13؛ 26‏:10؛ 38‏:33؛ زەب. 104‏:5؛ 119‏:91؛ يەر. 31‏:35؛ 33‏:25
7 پەرۋەردىگارنى زېمىندىن مەدھىيىلەڭلار،
دېڭىزدىكى بارلىق ئەجدىھالار، دېڭىزنىڭ بارلىق تەگلىرى؛
8 ئوت، مۆلدۈز، قار، تۇمان،
ئۇنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلىدىغان جۇدۇنلۇق شامال؛
9 تاغلار ھەم بارلىق دۆڭلەر،
مېۋىلىك دەرەخلەر، بارلىق كېدىر دەرەخلىرى،
10 ياۋايى ھايۋانلار، بارلىق مال-ۋارانلار،
ئۆمىلىگۈچىلەر ھەم ئۇچار-قاناتلار؛
11 جاھان پادىشاھلىرى ۋە بارلىق قوۋملار،
ئەمىرلەر ھەم يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاكىم-سوتچىلار؛
12 ھەم يىگىتلەر ھەم قىزلار،
بوۋايلار ۋە ياشلار، ــ
13 ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلىسۇن؛
چۈنكى پەقەتلا ئۇنىڭ نامى ئالىيدۇر؛
ئۇنىڭ ھەيۋىتى يەر ھەم ئاسماندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.■ پەند. 18‏:10؛ يەش. 12‏:4
14 ھەم ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى،
يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسىنى ئېگىز كۆتۈرگۈزگەن؛
ئۇلار ئىسرائىل بالىلىرى،
ئۆزىگە يېقىن بىر خەلقتۇر!
ھەمدۇسانا!□ «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.  ■ زەب. 132‏:17
 
 

■148:1 لۇقا 2‏:14؛ ۋەھ. 5‏:13

■148:5 يار. 1‏:6-31؛ زەب. 33‏:6، 9

■148:6 ئايۇپ 14‏:5،13؛ 26‏:10؛ 38‏:33؛ زەب. 104‏:5؛ 119‏:91؛ يەر. 31‏:35؛ 33‏:25

■148:13 پەند. 18‏:10؛ يەش. 12‏:4

□148:14 «ئۆز خەلقىنىڭ مۈڭگۈزىنى، يەنى بارلىق مۇقەددەس بەندىلىرىنىڭ مەدھىيىسى...» ــ تەۋراتتا «مۈڭگۈز» ئادەتتە ئادەمنىڭ نام-شۆھرىتى ياكى ھوقۇقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتە ئۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداغا بولغان مەدھىيىلىرىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «كۆتۈرۈش» ئادەمنىڭ قولى بىلەن كۆتۈرۈش ئەمەس، بەلكى خۇدا ئۇلارنىڭ مەدھىيە ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈشىنى بىلدۈرىدۇ.

■148:14 زەب. 132‏:17