101
101-كۈي •••• ئادىل پادىشاھ بولۇشقا بەل باغلاش 
 1 داۋۇت يازغان كۈي: ــ 
مەن ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ھەم ئادالەت توغرۇلۇق ناخشا ئېيتىمەن، 
سېنى، ئى پەرۋەردىگار، ناخشىلار بىلەن كۈيلەيمەن. 
 2 مەن مۇكەممەل يولدا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرىمەن؛ 
سەن قاچانمۇ يېنىمغا كېلىسەن!؟ 
ئۆز ئۆي-ئوردامدا ساپ كۆڭۈل بىلەن يۈرىمەن. 
 3 ھېچ پاسىق نەرسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرمەيمەن، 
يولدىن چەتنىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا نەپرەتلىنىمەن؛ 
بۇنداقلار ماڭا ھېچ يېپىشماس ئەسلا. 
 4 ئەگرى كۆڭۈل مېنىڭدىن يىراق كېتىدۇ، 
ھېچ رەزىللىكنى تونۇغۇم يوقتۇر. 
 5 كىمكى ئۆز يېقىنىنىڭ كەينىدىن تۆھمەت قىلغان بولسا، 
مەن ئۇنى يوقىتىمەن؛ 
نەزىرى ئۈستۈن، دىلى تەكەببۇر ئادەمنى مەن سىغدۇرمايمەن؛ 
 6 كۆزلىرىم زېمىندىكى مۆمىنلەردىدۇر، 
ئۇلار ئوردامدا مەن بىلەن بىللە تۇرسۇن! 
كىم مۇكەممەل يولدا ماڭسا، ئۇ مېنىڭ خىزمىتىمدە بولىدۇ. 
 7 ئالدامچىلىق يۈرگۈزگەنلەرنىڭ ئۆي-ئوردامدا ئورنى بولمايدۇ، 
يالغان سۆزلىگەنلەر كۆز ئالدىمدا تۇرمايدۇ. 
 8 پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرىدىن يامانلىق قىلغۇچىلارنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن، 
ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن.□  «ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ. 
□101:8 «ھەر سەھەردە زېمىندىكى بارلىق رەزىل ئادەملەرنى يوقىتىمەن» ــ دېمەك، داۋۇت ھەر ئەتىگەندە خەلقنىڭ دەۋالىرىنى سوراپ سوت ئاچاتتى. بۇ ئىش مۇكەممەل بولمىغان بولسىمۇ، كەلگۈسىدە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ بۇنداق ئىشنى مۇكەممەل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. داۋۇتنىڭ شۇنداق ئادىل سوراق قىلىشى مەسىھنىڭ كەلگۈسىدىكى سوراق قىلىشىغا بېشارەت بولىدۇ.