13
ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە سالاملار
1بۇ يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشىم بولىدۇ. «ھەر بىر ھۆكۈم ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك». 2-3مەن ئىلگىرى ئىككىنچى قېتىم يېنىڭلاردا بولغىنىمدا بۇرۇن گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ھەم قالغان ھەممىڭلارغا شۇنداق ئېيتقان، ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى (سىلەر مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق سۆزلىگەنلىكىگە ئىسپات تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقىنىڭلار تۈپەيلىدىن)، مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن؛ دەرۋەقە مەن ئارقىلىق سۆزلەۋاتقان مەسىھ سىلەرگە نىسبەتەن ئاجىز ئەمەس، بەلكى ئالدىڭلاردا ئىنتايىن قۇدرەتلىكتۇر؛ 4ئۇ دەرۋەقە ئاجىزلىقتا كرېستلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن يەنىلا ھايات. بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز. 5ئەمدى ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادتا بارمۇ-يوق دەپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭلار؛ ئۆزۈڭلارنى سىناپ بېقىڭلار! سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزۈڭلاردا بولغانلىقىنى (سىناقتىن شاللىنىپ قالمىساڭلار!) بىلىپ يەتمەمسىلەر؟ 6ئەمدى سىلەرنىڭ بىزنىڭ سىناقتىن شاللىنىپ قالمىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
7سىلەرنىڭ ھېچقانداق رەزىللىك قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىمىز؛ بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار. 8چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس. 9چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز. شۇنىڭدەك بىز يەنە شۇنىڭغا دۇئا قىلىمىزكى، سىلەر كامالەتكە يەتكۈزۈلگەيسىلەر. 10سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا رەب ماڭا غۇلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئېتىقادنى قۇرۇش ئۈچۈن ئامانەت قىلغان ھوقۇقىمنى ئىشلىتىپ سىلەرگە قاتتىق قوللۇقنى كۆرسەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مەن سىلەردىن يىراقتا بولغىنىمدا مۇشۇلارنى يازدىم.
11ئەڭ ئاخىردا، قېرىنداشلار، شادلىنىڭلار؛ كامالەتكە يەتكۈزۈلۈڭلار، رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار؛ بىر ئوي، بىر پىكىردە بولۇڭلار؛ ئىناق-خاتىرجەملىكتە ئۆتۈڭلار؛ ۋە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. 12بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 13بارلىق مۇقەددەس بەندىلەردىن سىلەرگە سالام. 14رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شاپائىتى، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە مۇقەددەس روھنىڭ ھەمراھ-ھەمدەملىكى سىلەرگە يار بولغاي!
Notes
□13:1
«ھەر بىر ئىش ئىككى-ئۈچ گۇۋاھچىنىڭ ئاغزىدا ئىسپاتلىنىشى كېرەك» ــ بۇ تەۋراتنىڭ سۆزى، شۇنداقلا تەۋراتتىكى ۋە ئىنجىلدىكى مۇھىم بىر پرىنسىپتۇر. «چۆل.» 15:19، «مات.» 16:18، «1تىم.» 19:5نى كۆرۈڭ.
■13:1
چۆل. 35:30؛ قان. 17:6؛ 19:5؛ مات. 18:16؛ يـۇھ. 8:17؛ ئىبر. 10:28.
□13:2-3
«ھازىرمۇ سىلەردىن نېرى بولساممۇ قايتىدىن ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىمەنكى... مەن بارغىنىمدا ھېچكىمنى ئايىمايمەن» ــ «ھېچكىمنى ئايىمايمەن»: پاۋلۇس «1كور.» 5-بابتا، ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان بىر كىشى ئۈستىدىن «ئەتلىرى ھالاك قىلىنسۇن، شۇنداق بولغاندا روھى رەب ئەيسانىڭ كۈنىدە قۇتقۇزۇلار، دەپ شەيتانغا تاپشۇرۇلسۇن» دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان. پاۋلۇس مۇشۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنى، گۇناھقا پاتقان كىشىلەر ئوخشاش ھۆكۈمگە ئۇچرىشى مۇمكىن، دېمەكچى.
□13:4
«بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ...» ــ بۇ ئاجايىب ئىبارە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. «...بىزمۇ ئۇنىڭدا ئاجىز بولساقمۇ، خۇدانىڭ سىلەرگە قاراتقان قۇدرىتى بىلەن، ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھايات ياشايمىز» ــ دېمەك، روسۇللار سىرتتىن قارىغاندا ئاجىز كۆرۈنسىمۇ (ۋە بەلكىم ئۆزلىرىنى ئاجىز ھېس قىلغان بولسىمۇ) ئۇ خۇدانىڭ كورىنتلىقلار ئارىسىدا ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇنىڭغا ئىشەنچى كامىل بولۇپ، «بىز شۇ قۇدرەت بىلەن خىزمىتىڭلاردا كۈچلۈك بولىمىز» دېگەندەك بولىدۇ.
■13:5
1كور. 11:28.
□13:7
«بۇ، بىزنىڭ سىناقتىن ئۆتتى دەپ قارىلىشىمىز ئۈچۈن ئەمەس ــ ھەتتا سىناقتىن ئۆتمىدى، دەپ قارالساقمۇ، مەيلى ــ مۇھىمى سىلەرنىڭ دۇرۇس بولغاننى قىلىشىڭلار» ــ دېمەك، كورىنتلىقلار رەزىللىكتىن توۋا قىلغان بولسا، پاۋلۇس ۋە ھەمكارلىرىنىڭ خىزمىتى ئۈنۈملۈك، مېۋىلىك ۋە شەرەپلىك كۆرۈنۈشى مۇمكىن ــ لېكىن پاۋلۇسقا نىسبەتەن، مۇھىمى كورىنتلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ روھىي ئەھۋالىدۇر. بۇ ناھايىتى ئۇلۇغ سۆز توعرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□13:8
«چۈنكى بىز ھەقىقەتكە قارشى ھېچ ئىش قىلالمايمىز؛ نېمىلا قىلساق ئۇ بەرىبىر ھەقىقەتنى ئايان قىلىدۇ، خالاس» ــ بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بىز ھەقىقەتكە زىت ئىشلارنى قىلماستىن، ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك».
□13:9
«چۈنكى بىز ئاجىز بولساقمۇ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك بولغىنىڭلاردىن شادلىنىمىز» ــ «كۈچلۈك» ۋە «ئاجىز» روھىي تەرەپتە ئېيتىلغان، ئەلۋەتتە.
■13:10
2كور. 10:8.
□13:11
«رىغبەت-تەسەللىدە كۈچەيتىلىڭلار» ــ مۇشۇ ئىبارە گرېك تىلىدا بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. «مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى خۇدا» ــ گرېك تىلىدا: «مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھەم ئىناق-خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، ئۇ مېھىر-مۇھەببەت، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم مېھىر-مۇھەببەتتە ۋە ئىناق-خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.
■13:11
رىم. 12:16،18؛ 15:5؛ 1كور. 1:10؛ فىل. 2:2؛ ئىبر. 12:14؛ 1پېت. 3:8
■13:12
رىم. 16:16؛ 1كور. 16:20؛ 1تېس. 5:26؛ 1پېت. 5:14.