9
دانىيالنىڭ ئۆز خەلقىگە دۇئا قىلىشى
1مېدىئالىق ئاھاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئۇسنىڭ بىرىنچى يىلىدا (ئۇ كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلىندى) 2يەنى تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى مەنكى دانىيال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشۇم بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەرگە يەتكۈزگەن كالام-بېشارىتى بويىچە، يېروسالېمنىڭ خاراب بولىدىغان جازا مەزگىلى يەتمىش يىل ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. 3شۇنىڭ ئۈچۈن مەن رەب خۇدايىمغا روزا تۇتۇپ، بۆز رەختكە يۆگىنىپ، كۈل-توپىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىزدىنىشكە بەل باغلىدىم. 4مەن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا دۇئا قىلىپ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلىپ مۇنداق دېدىم:
ــ «ئاھ رەب، ئى سېنى سۆيۈپ، ئۆز ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغۇچىلارغا ۋەدە-ئەھدەڭدە ۋاپادار بولۇپ، ئۆزگەرمەس مېھرىڭنى ئۈزلۈكسىز كۆرسەتكۈچى ئۇلۇغ، سۈرلۈك تەڭرىم!
5بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، قەبىھلىك قىلدۇق؛ رەزىللىك بىلەن سېنىڭ ئەمر-ھۆكۈملىرىڭدىن ۋاز كېچىپ، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق، 6شۇنداقلا سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىز، ئەمىرلىرىمىز، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋە پۈتكۈل زېمىندىكى خەلققە سۆز-كالامىڭنى يەكۈزگەن قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرگە زادى قۇلاق سالمىدۇق.
7ئى رەب، ھەققانىيەت سەندىلا تېپىلىدۇ، لېكىن ساڭا ئاسىيلىق ۋە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىمىز تۈپەيلىدىن، بىزگە، يەنى يەھۇدالارغا، يېروسالېمدىكىلەرگە ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا، يېقىندا بولسۇن، يىراقتا بولسۇن، سەن بىزلەرنى سۈرگۈنلۈككە ھەيدىۋەتكەن بارلىق يۇرتلاردا بولسۇن، پەقەت بۈگۈنكىدەك يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىكلا قالدى. 8ئى رەب، بىزگە، يەنى پادىشاھلىرىمىزغا، ئەمىرلىرىمىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغىمۇ يۈزىمىزنى كۆتۈرەلمىگۈدەك شەرمەندىلىك قالدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.
9ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ. 10بىز سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، قۇللىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئالدىمىزغا قويغان قانۇن-ھۆكۈملىرىڭدە ھېچ ماڭمىدۇق. 11پۈتكۈل ئىسرائىل سېنىڭ تەۋرات-قانۇنۇڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئاۋازىڭغا قۇلاق سالماي سېنىڭدىن يۈز ئۆرىدى. دەرۋەقە، سېنىڭ قۇلۇڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەن لەنەت ھەمدە ئۇنىڭ قەسەميادىدىكى جازالار ئۈستىمىزگە ياغدۇرۇلدى؛ چۈنكى بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. 12سەن ئۆزۈڭ بىزگە ۋە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈمدارلىق قىلغۇچىمىزغا قارىتا دېگەنلىرىڭگە ئەمەل قىلىپ بىزگە زور ئېغىر كۈلپەتنى كەلتۈردۈڭ؛ چۈنكى يېرۇسالېمدا قىلىنغان ئىشلار ئاسمان ئاستىدىكى ھەرقانداق باشقا يۇرتتا ئەزەلدىن قىلىنغان ئەمەس! 13مۇساغا تاپىلانغان تەۋرات-قانۇنىدا پۈتۈلگەندەك، بۇ پۈتۈن كۈلپەت بىزگە چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، لېكىن بىز قەبىھلىكلىرىمىزدىن قول ئۈزۈپ، ھەقىقىتىڭنى چۈشىنىپ يېتىدىغان قىلغايسەن دەپ تېخىچە سەندىن ئىلتىپاتىڭنى ئۆتۈنمىدۇق. 14دەرۋەقە سەن پەرۋەردىگار شۇ كۈلپەتنى تەييارلاپ ساقلاپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشۈردۇڭ؛ چۈنكى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بارلىق قىلغان ئىشلىرىڭدا ئادىل بولۇپ كەلدىڭ؛ بىراق ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىدۇق.
15ئەمدى، ئۆز كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن خەلقىڭنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، شۇڭلاشقا بۈگۈنكىدەك ئۆزۈڭگە نام-شۆھرەت تىكلىدىڭ، ئى رەب خۇدايىمىز، ــ بىز گۇناھ سادىر قىلدۇق، بىز رەزىللىك قىلدۇق! 16ئۆتۈنىمەن، ئى رەب، پۈتكۈل ھەققانىيلىقىڭغا ئۇيغۇن، يېرۇسالېم شەھىرىڭگە، يەنى مۇقەددەس تېغىڭغا بولغان قەھر-غەزىپىڭنى توختاتقايسەن! چۈنكى بىزنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغان قەبىھلىكلىرىنىڭ ۋەجىدىن، يېرۇسالېم ۋە خەلقىڭ بارلىق ئەتراپتىكىلىرىمىزنىڭ ھاقارەت ئوبيېكتى بولۇپ قالدۇق. 17ئەمدى ئى خۇدايىمىز، قۇلۇڭنىڭ دۇئا ۋە تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ۋەيران قىلىنغان مۇقەددەس جايىڭنى جامالىڭنى كۆرسىتىپ يورۇتقايسەن. 18ئى خۇدايىم، قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن! بىزنىڭ ۋە سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغان شەھەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە نەزەر سالغايسەن! بىزنىڭ ساڭا ئىلتىجا قىلغىنىمىز ئۆزىمىزنىڭ قانداقتۇر ھەققانىي ئىش قىلغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ زور رەھىمدىللىقلىرىڭغا تايانغانلىقىمىز سەۋىبىدىندۇر.
19ئى رەب، ئاڭلىغايسەن! ئى رەب، كەچۈرگەيسەن! قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپ ئامال قىلغايسەن! ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن! چۈنكى سېنىڭ بۇ شەھىرىڭ ۋە بۇ خەلقىڭ ئۆز نامىڭ ئاساسىدا ئاتالغانىدى!».
جەبرائىلنىڭ بېشارەت بېرىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى
20مەن دۇئايىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزۈم ۋە خەلقىم ئىسرائىلنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ ھەمدە خۇدايىمنىڭ مۇقەددەس تېغى ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇدايىمغا يېلىنىپ، 21تېخى دۇئا قىلىۋاتقىنىمدا، دەسلەپتە ماڭا غايىبانە ئالامەتتە كۆرۈنگەن جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم. ئۇ كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇش ۋاقتى ئىدى. 22جەبرائىل ماڭا ئەقىل بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ
«ئى دانىيال، مەن سېنى يورۇتۇپ، ئىشلارنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدىغان قىلىشقا كەلدىم.
23سەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىشىڭ بىلەنلا، جاۋاب-كالام بېرىلدى؛ سەن ئىنتايىن سۆيۈلگەن ئادەم بولغاچقا، مەن ساڭا ئۇنىڭ جاۋاب-كالامىنى يەتكۈزگىلى كەلدىم. ئەمدى بۇ جاۋاب-كالام ئۈستىدە پۇختا ئويلانغىن، غايىبانە كۆرۈنۈشنى كۆڭۈل قويۇپ چۈشەنگىن:
24ــ «خۇدا تەرىپىدىن «يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن. بۇ ۋاقىتلار ئىتائەتسىزلىكلەرنى تىزگىنلەش، گۇناھلارنى تۈگىتىش، قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش، مەڭگۈلۈك ھەققانىيلىقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش، بۇ غايىبانە ئالامەت بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر. 25شۇنى بىلىشىڭ ۋە چۈشىنىشىڭ كېرەككى، يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ. يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئەمما بۇ بىسەرەمجان كۈنلەردە بولىدۇ.
26بۇ ئاتمىش ئىككى «يەتتە ۋاقىت» مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ. كەلگۈسىدە بولىدىغان ئەمىرنىڭ خەلقى بۇ شەھەر بىلەن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى گۇمران قىلىدۇ. بۇ ئاقىۋەت كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ؛ ئاخىرىغىچە جەڭلەر داۋاملىشىدۇ؛ ئۇ يەردە بولىدىغان ۋەيرانچىلىقلار بېكىتىلگەندۇر. 27ئۇ ئەمىر خۇدانىڭ خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاخىرقى بىر «يەتتە ۋاقىت»تا بىر دوستلۇق ئەھدىسنى تاكامۇل قىلىدۇ، لېكىن بۇ «يەتتە ۋاقىت»نىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، ئۇ ئىبادەتخانىدىكى قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەرنى سۇنۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ئۇ چاغدا «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا قويۇلىدۇ. تاكى بالايىئاپەت، يەنى خۇدا بېكىتكەن كۈلپەت ۋەيران قىلغۇچى كىشىنىڭ بېشىغا ياغدۇرۇلغۇچە شۇ يەردە تۇرىدۇ».
Notes
□9:1
«كالدىيلەرنىڭ زېمىنى» ــ بابىل زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. «...پادىشاھ قىلىندى» ــ بۇ ئىبارە بەلكىم دارىئۇسنىڭ پارس ئىمپېراتورى قورەشنىڭ ئاستىدىكى بىر پادىشاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ پۈتكۈل پارس ئۈستىگە ئىمپېراتور ئەمەس ئىدى.
■9:2
يەر. 25:11، 12؛ 27:7؛ 29:10
■9:4
قان. 7:9
■9:5
زەب. 106:6؛ يەش. 64:4، 5، 6
□9:9
«ئى رەب خۇدايىمىز، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلغان بولساقمۇ، سەندىن يەنىلا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر تېپىلىدۇ» ــ ياكى «رەب خۇدايىمىزدا رەھىمدىللىك ۋە مەغپىرەت-كەچۈرۈملەر باردۇر؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلدۇق» (دېمەك، خۇدا بىزگە رەھىمدىللىك كۆرسەتمىگەن بولسا، بىز بالدۇرلا يوقىتىلاتتۇق).
■9:9
زەب. 130:3-8؛ يىغ. 3:22
■9:11
لاۋ. 26:14-45؛ قان. 27:15-26؛ 28:15-68؛ 29:20؛ 30:17-20؛ 31:17 ،18؛ 32:19-25؛ يىغ. 2:17
■9:15
مىس. 32:11؛ زەب. 105:7؛ 106:47
□9:17
«قۇلاق سالغايسەن، ئۆزۈڭ ئۈچۈن ... يورۇتقايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «رەبنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن ... يورۇتقايسەن».
□9:19
«ئۆزۈڭنىڭ نام-شۆھرىتىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈنىڭ سەۋەبىڭ ئۈچۈن ئەمدى تەخىر قىلمىغايسەن!».
□9:21
«...جەبرائىل دېگەن زات يېنىمغا كېلىپ ماڭا قولىنى تەگكۈزدى. مەن شۇ چاغدا تولىمۇ چارچاپ كەتكەنىدىم» ــ بۇنىڭ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «...جەبرائىل دېگەن زات تېزلا ئۇچۇپ كېلىپ، ماڭا قول تەگكۈزدى». ئەسلى تېكىستنى چۈشىنىش بىرقەدەر تەس.
□9:24
«قەبىھلىك ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈش» ــ «گۇناھلارنى يېپىپ كەچۈرۈم تەمىنلەش» دېگەنلىكتۇر. «لاۋ.» 4-باب ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆز-كالاملىرى» ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «پەيغەمبەرلەر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش» ــ «مەسىھلىنىش» ياكى «مۇقەددەس قىلىنىش»، مۇسا پەيغەمبەرگە بېرىلگەن مۇقەددەس قانۇنغا ئاساسەن، «مۇقەددەس پۇراقلىق ماي» سۈرۈلۈش بىلەن قىلىنىدۇ («مىس.» 9:26-10نى كۆرۈڭ). بۇ ئۇقۇم ئىبرانىي تىلىدا ««مەسىھ» قىلىنىش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەڭ مۇقەددەس بولغۇچىنى مەسىھ قىلىش» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى مەسىھ قىلىش. ««يەتمىش ھەسسە «يەتتە ۋاقىت»» سېنىڭ خەلقىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھىرىڭ ئۈستىگە بېكىتىلگەن... ... ھەمدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» يېڭىباشتىن مەسىھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەندۇر» ــ بۇ ئۇلۇغ بېشارەت ۋە 25-27-ئايەتلەردىكى بېشارەتلەرنىڭ تەپسىلاتلىرى توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
□9:25
«... يېرۇسالېمنى يېڭىباشتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىنا قىلىش بۇيرۇقى جاكارلانغاندىن تارتىپ، مەسىھ دېگەن ئەمىر مەيدانغا چىققۇچە يەتتە ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى ھەسسە «يەتتە ۋاقىت» ئۆتىدۇ» ــ قىسقىچە: ــ «بىر ۋاقىت»، يۇقىردىكى تەھلىلگە ئاساسەن 360 كۈن بولسا، «يەتتە ھەسسە يەتتە ۋاقىت» (49 ۋاقىت) ۋە «ئاتمىش ئىككىنىڭ يەتتە ھەسسىسى»، (434 ۋاقىت)، جەمئىي بولۇپ «483 ۋاقىت»، يەنى «يېرۇسالېمنى قايتىدىن بىنا قىلىشتىكى پەرمان»دىن «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ مەيدانغا چىقىشى»غىچە 173880 كۈن (تەخمىنەن 476 يىل) بولىدۇ. تارىخىي تەتقىقاتقا ئاساسەن، «يېرۇسالېمنى قايتىدىن بىنا قىلىشتىكى پەرمان»نىڭ چۈشۈرۈلۈشى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 445-يىلى ياكى 444-يىلى ئىدى، ئۇنداقتا «مەسىھ دېگەن ئەمىرنىڭ مەيدانغا چىقىشى» مىلادىيە 32-يىلى ياكى 33-يىلى بولۇشى كېرەك. كىتابخان بۇ پاكىتلاردىن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. «يېرۇسالېم شەھىرى يېڭىباشتىن بىنا قىلىنىپ، مەيدان-كوچىلار ۋە سېپىل-ئىستىھكام بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ...» ــ «سېپىل-ئىستىھكام» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدىكى «خارۇتس» دېگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى بولۇشى ناتايىن؛ چوقۇم بىرخىل ئىستىھكامنى كۆرسىتىدۇ. «كوچىلار» ئىچىدىكى، «خارۇتس» بەلكىم سىرتتىكى بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.
■9:25
نەھ. 2:2-8؛ لۇقا 19:35-44
□9:26
«مەسىھ ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ (ياكى «مەسىھ كېسىۋېتىلىدۇ») ــ مۇشۇ ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئادەتتە «ئۆلتۈرۈلىدۇ» دەپ ئىپادىلەيدۇ. «ئۇنىڭدا ھېچنەرسە قالمايدۇ» ــ ياكى، «ئۇنىڭ (مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىنىڭ) ئۆلتۈرۈلۈشى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەستۇر».
■9:26
لۇقا 19:41-44
■9:27
يەش. 28:15، 18؛ مات. 24:15؛ مار. 13:14؛ لۇقا 21:20؛ 2تېـس. 2:3-4