3
ھايات پەسىللىرى
1ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ئاسمانلار ئاستىدىكى ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار؛
2تۇغۇلۇشنىڭ بىر ۋاقتى بار، ئۆلۈشنىڭمۇ بىر ۋاقتى بار؛
تىكىش ۋاقتى بار، تىكىلگەننى سۆكۈش ۋاقتى بار؛
3ئۆلتۈرۈش ۋاقتى بار، ساقايتىش ۋاقتى بار؛
بۇزۇش ۋاقتى بار، قۇرۇش ۋاقتى بار؛
4يىغلاش ۋاقتى بار، كۈلۈش ۋاقتى بار؛
ماتەم تۇتۇش ۋاقتى بار، ئۇسسۇل ئويناش ۋاقتى بار؛
5تاشلارنى چۆرىۋېتىش ۋاقتى بار، تاشلارنى يىغىپ-توپلاش ۋاقتى بار؛
قۇچاقلاش ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىش ۋاقتى بار؛
6ئىزدەش ۋاقتى بار، يوقالدى دەپ ۋاز كېچىش ۋاقتىمۇ بار؛
7يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛
سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛
8سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛
ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار.
ئىنسان خۇدا بېكىتكەن ۋاقىت-پەسىللەرنى بىلمەيدۇ
9ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟ 10مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن. 11ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر.
12ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم. 13شۇنداقلا يەنە، ھەربىر كىشىنىڭ يېيىش-ئىچىشى، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەجرىدىن ھۇزۇر ئېلىشى، مانا بۇ خۇدانىڭ سوۋغىسىدۇر.
14خۇدانىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بولسا، مەڭگۈلۈك بولىدۇ، دەپ بىلىمەن؛ ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى قوشۇشقا ۋە ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى ئېلىۋېتىشكە بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ سەۋەبى ئىنساننى ئۆزىدىن ئەيمىندۈرۈشتۇر. 15ھازىر بولغانلىرى ئۆتكەندىمۇ بولغاندۇر؛ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىش ئاللىقاچان بولغاندۇر؛ خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ.
ئادالەتسىز ئىشلار
16مەن قۇياش ئاستىدا يەنە شۇ ئىشنى كۆردۈمكى ــ سوراق ئورنىدا، شۇ يەردە ھېلىھەم رەزىللىك تۇرىدۇ؛ ھەققانىيلىق تۇرۇش كېرەك بولغان جايدا، مانا رەزىللىك تۇرىدۇ! 17مەن كۆڭلۈمدە: «خۇدا ھەققانىي ھەم رەزىل ئادەمنى سوراققا تارتىدۇ؛ چۈنكى ھەربىر ئارزۇ-مەقسەت ۋە ھەربىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتى بار» ــ دېدىم.
18مەن كۆڭلۈمدە: ــ بۇنداق بولۇشى ئىنسان بالىلىرىنىڭ سەۋەبىدىندۇر؛ خۇدا ئۇلارنى سىنىماقچى، بۇ ئىشلار ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ھايۋانلارغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بولغان، دەپ ئويلىدىم. 19چۈنكى ئىنسان بالىلىرىنىڭ بېشىغا كېلىدىغىنى ھايۋانلارغىمۇ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرىدىغىنى ئوخشاش بولىدۇ. ئۇلاردىن ئالدىنقىسى قانداق ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىمۇ شۇنداق ئۆلىدۇ، ئۇلاردا ئوخشاشلا بىرلا نەپەس باردۇر. ئىنساننىڭ ھايۋانلاردىن ھېچ ئارتۇقچىلىقى يوق؛ چۈنكى ھەممە ئىش بىمەنىلىكتۇر. 20ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جايغا بارىدۇ؛ ھەممىسى توپا-چاڭدىن چىققان، ھەممىسى توپا-چاڭغا قايتىدۇ. 21كىم ئادەم بالىلىرىنىڭ روھىنى بىلىدۇ؟ ئۇ يۇقىرىغا چىقامدۇ، بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ھايۋانلارنىڭ روھى، ئۇ يەر تېگىگە چۈشەمدۇ، كىم بىلىدۇ؟
22شۇنىڭ بىلەن مەن ئىنساننىڭ ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇرلىنىشىدىن ئارتۇق ئىش يوقتۇر، دەپ كۆردۇم؛ چۈنكى مانا، بۇ ئۇنىڭ نېسىۋىسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنى ئۆزىدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشكە كىم ئېلىپ كېلىدۇ؟
Notes
□3:1
«ھەربىر ئىشنىڭ مۇۋاپىق پەسلى بار، ... ھەممە ئارزۇنىڭ ئۆز ۋاقتىمۇ بار» ــ ئوقۇرمەنلەر ئىشلارنىڭ «ئۆز پەسلى» ياكى «ئۆز ۋاقتى» دېگەننىڭ «خۇدا بېكىتكەن ۋاقىت»نى ياكى بولمىسا پەقەت «مۇۋاپىق، توغرا كەلگەن ۋاقىت»نى كۆرسىتىدىغانلىقىنى پەرق ئېتىشى كېرەك.
■3:5
1كور. 7:5
■3:9
توپ. 1:3
□3:11
«ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن...» ــ بۇ ئايەت ئىنتايىن مۇھىم. خۇدا ئىنسانلارغا، كۆڭلىدە ھاياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھمىيىتىنى سېزىشنى ئاتا قىلغان. بىراق ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئىنسانلار بۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بېكىتكەن پىلانىنىڭ ۋاقتى-سائەتلىرىنى بىلىپ يەتمەيدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.
□3:15
«خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ» ــ «سورايدۇ» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى باشقا مەنىسى «ئىزدەيدۇ». «ئۆتكەن ئىشلارنى سورايدۇ» دېگەننىڭ مەنىسى: «خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ ئادەملەردىن ھېساب ئالىدۇ» دېگەنلىك بولسا كېرەك. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇدا ئۆتكەن ئىشلارنى يەنە بولغۇزىدۇ».
■3:20
يار. 3:19