4
قابىل بىلەن ھابىل
1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى؛ ھاۋا ھامىلىدار بولۇپ قابىلنى تۇغۇپ: «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ دېدى.
2ئاندىن ئۇ يەنە قابىلنىڭ ئىنىسى ھابىلنى تۇغدى. ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا تېرىقچى بولدى. 3بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتتە شۇنداق بىر ئىش بولدىكى، قابىل تۇپراقنىڭ ھوسۇلىدىن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە كەلتۈردى. 4ھابىلمۇ پادىسىدىن قويلىرىنىڭ تۇنجىلىرىدىن، يەنى ئۇلارنىڭ يېغىدىن ھەدىيە سۇندى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى. 5لېكىن قابىل ۋە ئۇنىڭ سۇنغىنىغا قارىمىدى. شۇ ۋەجىدىن قابىلنىڭ تولىمۇ ئاچچىقى كېلىپ، چىرايى تۇتۇلدى.
6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قابىلغا: نېمىشقا ئاچچىقلىنىسەن؟ نېمە ئۈچۈن چىرايىڭ تۇتۇلۇپ كېتىدۇ؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟ لېكىن دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ، مانا گۇناھ ئىشىك ئالدىدا سېنى پايلاپ بېغىرلاپ ياتىدۇ، ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولىدۇ؛ لېكىن سەن ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشىڭ كېرەك، دېدى.
8قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى. دالادا شۇ ۋەقە بولدىكى، قابىل ئىنىسى ھابىلغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى.
9پەرۋەردىگار قابىلغا: ئىنىڭ ھابىل نەدە؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋاب بېرىپ: بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمۇ؟ ــ دېدى.
10خۇدا ئۇنىڭغا: ــ سەن نېمە قىلدىڭ؟ مانا، ئىنىڭنىڭ قېنى يەردىن ماڭا پەرياد كۆتۈرۈۋاتىدۇ! 11ئەمدى ئىنىڭنىڭ قولۇڭدا تۆكۈلگەن قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ، لەنەتكە ئۇچرايسەن. 12سەن يەرگە ئىشلىسەڭمۇ ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا قۇۋۋىتىنى بەرمەيدۇ؛ سەن يەر يۈزىدە سەرسان بولۇپ، سەرگەردان بولىسەن، ــ دېدى.
13بۇنى ئاڭلاپ قابىل پەرۋەردىگارغا جاۋاب قىلىپ: ــ مېنىڭ بۇ جازايىمنى ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك! 14مانا، سەن بۈگۈن مېنى يەر يۈزىدىن قوغلىدىڭ، مەن ئەمدى سېنىڭ يۈزۈڭدىن يوشۇرۇنۇپ يۈرىمەن؛ يەر يۈزىدە سەرسەن بولۇپ سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن؛ شۇنداق بولىدۇكى، كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!، ــ دېدى.
15لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ شۇنداق بولىدۇكى، كىمكى قابىلنى ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ، ــ دېدى. شۇلارنى دەپ پەرۋەردىگار قابىلغا ئۇچرىغان بىرسى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن دەپ ئۇنىڭغا بىر بەلگە قويۇپ قويدى.
16شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەمنىڭ مەشرىق تەرىپىدىكى نود دېگەن يۇرتتا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى ــ «مەدىنىيەت»نىڭ باشلىنىشى
17قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولۇپ، ئايالى ھامىلىدار بولۇپ ھانوخنى تۇغدى. ئۇ ۋاقىتتا قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىۋاتاتتى؛ ئۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوغلىنىڭ ئىسمى بىلەن ھانوخ دەپ ئاتىدى. 18ھانوختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مەھۇيائىل تۆرەلدى، مەھۇيائىلدىن مەتۇشائىل تۆرەلدى، مەتۇشائىلدىن لەمەخ تۆرەلدى.
19لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى. 20ئاداھ يابالنى تۇغدى. ئۇ چېدىردا ئولتۇرىدىغان كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى. 21ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. بۇ چىلتار بىلەن نەي چالغۇچىلارنىڭ بوۋىسى ئىدى. 22زىللاھ يەنە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. ئۇ مىس-تۆمۈر ئەسۋابلارنى سوققۇچى ئىدى. تۇبال-قايىننىڭ نائاماھ ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى.
23لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ:
ــ «ئەي ئاداھ بىلەن زىللاھ، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!
ئەي لەمەخنىڭ ئاياللىرى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
مېنى زەخىملەندۈرگىنى ئۈچۈن مەن ئادەم ئۆلتۈردۈم،
تېنىمنى زېدە قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر يىگىتنى ئۆلتۈردۈم.
24ئەگەر قابىل ئۈچۈن يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنسا،
لەمەخ ئۈچۈن يەتمىش يەتتە ھەسسە ئىنتىقام ئېلىنىدۇ!» ــ دېدى.
شېت بىلەن ئېنوش
25ئادەمئاتا يەنە ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭغا شېت دەپ ئات قويۇپ: قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنى ئۈچۈن خۇدا ئۇنىڭ ئورنىغا ماڭا باشقا بىر ئەۋلاد تىكلەپ بەردى، دېدى.
26شېتتىنمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇلدى؛ ئۇ ئۇنىڭغا ئېنوش دەپ ئات قويدى. شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىشقا باشلىدى.
Notes
□4:1
«ئادەمئاتا ئايالى ھاۋا بىلەن بىللە بولدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانانى تونىدى» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «قابىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قايىن» دېيىلىدۇ. «قايىن» ياكى «كايىن» دېگەن ئىسىم ئىبرانىي تىلىدا «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش. «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ ئۇ پەرۋەردىگاردۇر!» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم». ئەينى تېكىست «مەن بىر ئادەمگە ئىگە بولدۇم ــ پەرۋەردىگار!» دېگەن مەزمۇندىدۇر. بىزنىڭچە ھاۋائانىمىز «خۇدانىڭ قۇتقۇزغۇچى توغرۇلۇق ۋەدىسى ھازىر مەن تۇغقان بالا بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى!» دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك. ئۇ ناھايىتى تېزلا قابىلنىڭ ۋەدە قىلىنغان قۇتقۇزغۇچى ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ، ئەلۋەتتە.
□4:2
«ھابىل» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ھەبەل» بولۇپ، مەنىسى «بىر تىنىق»، «ھور»، «بۇس» «ھېچنېمە» دېگەندەكتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئىسىم ھاۋائانىمىز ياكى ئادەمئاتىمىزنىڭ بىرخىل ئۈمىدسىزلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ.
□4:3
«بېكىتىلگەن شۇنداق بىر ۋاقىت ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزگە قارىغاندا، خۇدا ھابىل ۋە قابىلغا ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىدىغان بىر كۈننى بېكىتىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
□4:4
«ئۇلارنىڭ يېغى» ــ قويلارنىڭ ئەڭ ئېسىل قىسمى دەپ قارىلاتتى. «پەرۋەردىگار ھابىلنى ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىنى قوبۇل قىلدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسىگە قارىدى».
■4:4
ئىبر. 11:4.
□4:7
«ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، سەن كۆتۈرۈلمەمسەن؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلساڭ، كۆتۈرۈلۈش بولمامدۇ؟» دېيىلىدۇ. ئەمدى نېمە كۆتۈرۈلىدۇ؟ ياكى قابىلنىڭ يۈزى ياكى ئېلىپ كەلگەن قۇربانلىقى (توغرا بولسا) كۆتۈرۈلىدۇ ياكى قوبۇل قىلىنىدۇ. يەنە بىر مۇمكىنچىلىكى بار تەرجىمىسى شۇكى: ــ «سەن (قابىل) ئىنىڭدىن يۇقىرى (ئاكا سۈپىتىگە لايىق) كۆتۈرىلىسەن» دېگەندەك بولىدۇ. «دۇرۇس ئىش قىلمىساڭ...» ــ نېمىشقا قابىلنىڭ ھەدىيەسى قوبۇل قىلىنمىدى؟ «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.
□4:8
«قابىل ئىنىسى ھابىلغا: «دالىغا چىقىپ كېلەيلى!» دېدى» ــ ئەڭ كونا كۆچۈرمىلەردە پەقەت «قابىل ئىنىسى ھابىل بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇپ، دالادا...» دېيىلىدۇ.
■4:8
مات. 23:35؛ 1يۇھ. 3:12؛ يەھ. 11.
■4:10
ئىبر. 12:24.
□4:11
«ئاغزىنى ئاچقان يەردىن قوغلىنىپ...» ــ دېمەك: (1) يەر-زېمىن ھابىلنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلىشقا ئاغزىنى ئاچقان ۋە (2) قابىل شۇ زېمىندىن قوغلانغان.
■4:12
پەند. 28:17.
□4:14
«كىملا مېنى تېپىۋالسا، ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!» ــ روشەنكى، شۇ ۋاقىتتا يەر يۈزىدە ئادەملەر ئاللىقاچان كۆپىيىپ كەتكەنىدى. «كىملا مېنى تېپىۋالسا ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!» ــ قابىل قەيەرگىلا بارسا شۇ يەردىكى تۇپراق ئۈنمەس بولۇپ قالىدۇ. ئۇ مېڭىۋاتقان بىر ئاپەتتۇر، شۇڭا ئۇنى كۆرگەنلا كىشى ئۇنى يوقىتىشنى ئويلايدۇ.
■4:14
ئايۇپ 15:20، 21.
□4:16
«نود» ــ مەنىسى «سەرگەردانلىق»، «بىئاراملىق».
□4:17
«قابىلنىڭ ئايالى» ــ قابىلنىڭ ئايالى بەلكىم ئۇنىڭ سىڭلىسى ياكى نەۋرە سىڭلىسى بولسا كېرەك («يار.» 4:5نى كۆرۈڭ). شۇ ۋاقىتتا يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان ئەمەس؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق نىكاھلىنىش دەسلەپكى دەۋرلەردە ھېچقانداق ئىرقىي (گېنېتىكىلىك) كەمتۈكلۈك ياكى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقارمايتتى.
□4:19
«لەمەخ ئۆزىگە ئىككى خوتۇن ئالدى» ــ بۇ ئەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم ئىككى ئايال ئېلىشى ئىدى. گەرچە شۇ چاغدا خۇدا بۇ توغرۇلۇق بىۋاسىتە ئەمر بەرمىگەن بولسىمۇ، روشەنكى، ئۇ ئادەمئاتىمىزغا پەقەت بىر ھاۋائانىمىزنى يارىتىپ بەرگەنىدى («مات.» 3:19-6نى كۆرۈڭ).
□4:20
«بوۋىسى» ــ ياكى «پىرى»، «ئاساسچىسى»
□4:21
«ئېنوش» ــ ياكى «پىرى»، «ئاساسچىسى».
□4:24
«لەمەخ بولسا ئاياللىرىغا سۆز قىلىپ... دېدى» ــ لەمەخنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ خاتىرىلىنىشىدىكى مەقسەت بەلكىم ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمەن ناھايىتى تەكەببۇرلىشىپ، مەنمەنچىلىككە پېتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن.
■4:24
يار. 4:15.
□4:25
«شېت» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېكىتىلگەن» ياكى «تىكلەنگەن» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.
□4:26
«ئېنوش» ــ «(ئاجىز) ئىنسان» دېگەن مەنىدە. بۇ سۆز ئەرەبچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرىپ «ئىنسان» بولۇپ قالغان. «ئادەملەر پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا نىدا قىلىشقا باشلىدى» ــ بۇ ئىبارە خۇداغا ئىبادەت-دۇئا قىلىشنى بىلدۈرىدۇ («يوئېل» 32:2، «روس.» 21:2، «رىم.» 13:10، «1كور.» 2:1نى كۆرۈڭ).