6
خۇدانىڭ ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىدىن ئازابلىنىشى
1ۋە شۇنداق بولدىكى، ئىنسانلار يەر يۈزىدە كۆپىيىشكە باشلىغاندا، شۇنداقلا قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغاندا، 2خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، خالىغانچە تاللاپ، ئۆزلىرىگە خوتۇن قىلىشقا باشلىدى.
3ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار سۆز قىلىپ: ــ
ــ مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئىنسان ئەتتۇر، خالاس. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! ــ دېدى.
4شۇ كۈنلەردە (ۋە شۇنداقلا كېيىنكى كۈنلەردىمۇ)، خۇدانىڭ ئوغۇللىرى ئىنسانلارنىڭ قىزلىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلاردىن بالىلارنى تاپقىنىدا، گىگانتلار يەر يۈزىدە پەيدا بولدى. بۇلار بولسا قەدىمكى زامانلاردىكى داڭلىق پالۋان-باتۇرلار ئىدى. 5پەرۋەردىگار ئىنساننىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان رەزىللىكى يەر يۈزىدە كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنىڭ ھەرقاچان يامان بولۇۋاتقىنىنى كۆردى. 6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار يەر يۈزىدە ئادەمنى ئاپىرىدە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ، كۆڭلىدە ئازابلاندى. 7بۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار: ــ
ئۆزۈم ياراتقان ئىنساننى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن ــ ئىنساندىن تارتىپ مال-چارۋىلارغىچە، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلاردىن ئاسماندىكى قۇشلارغىچە، ھەممىسىنى يوق قىلىمەن؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى ياراتقىنىمغا پۇشايمەن قىلدىم، ــ دېدى.
8لېكىن نۇھ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە شەپقەت تاپقانىدى.
نۇھنىڭ كېمە ياسىشى
9نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ
نۇھ ھەققانىي، ئۆز دەۋرىدىكىلەر ئارىسىدا ئەيىبسىز ئادەم ئىدى؛ نۇھ خۇدا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ ياشايتتى. 10نۇھتىن شەم، ھام، يافەت دېگەن ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى.
11پۈتكۈل جاھان خۇدانىڭ ئالدىدا رەزىللىشىپ، ھەممە يەر زوراۋانلىققا تولۇپ كەتكەنىدى. 12خۇدا يەر يۈزىگە نەزەر سېلىۋىدى، مانا، جاھان رەزىللەشكەنىدى؛ چۈنكى بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى. 13شۇنىڭ بىلەن خۇدا نۇھقا: ــ
مانا، ئالدىمغا بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ زاۋاللىقى يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پۈتكۈل يەر-جاھاننى ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قاپلىدى. مانا، مەن ئۇلارنى يەر بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلىمەن. 14ئەمدى سەن ئۆزۈڭگە گوفەر ياغىچىدىن بىر كېمە ياساپ، كېمىنىڭ ئىچىدە بۆلمە-خانىلارنى قىلىپ، ئىچى-تېشىنى قارىماي بىلەن سۇۋا. 15سەن ئۇنى شۇنداق ياسىغىن: ــ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ يۈز گەز، كەڭلىكى ئەللىك گەز ۋە ئېگىزلىكى ئوتتۇز گەز بولسۇن. 16كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر گەز بولسۇن؛ ئىشىكىنى كېمىنىڭ يېنىفا ئورۇنلاشتۇر؛ كېمىنى ئاستى، ئوتتۇرا ۋە ئۈستى قىلىپ ئۈچ قەۋەت ياسا.
17چۈنكى مانا، مەن ئۆزۈم ئاسماننىڭ ئاستىدىكى ھاياتلىق تىنىقى بارلىكى ھەربىر ئەت ئىگىسىنى ھالاك قىلىدىغان سۇ توپاننى يەر يۈزىگە كەلتۈرىمەن؛ بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەخلۇقلار تىنىقىدىن توختايدۇ. 18لېكىن سەن بىلەن ئەھدەمنى تۈزىمەن. سەن ئۆزۈڭ، ئوغۇللىرىڭ، ئايالىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ بىرلىكتە كېمىگە كىرىڭلار. 19ئۆزۈڭ بىلەن تەڭ تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، بارلىق جاندارلاردىن ھەرقايسىسىدىن بىر جۈپ، يەنى ئەركىكىدىن بىرىنى، چىشىدىن بىرىنى كېمىگە ئېلىپ كىرگىن؛ 20تىرىك قېلىش ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن، مال-چارۋىلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن ۋە يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋارلارنىڭ ھەربىر تۈرلىرىدىن بىر جۈپى قېشىڭغا كىرىدۇ. 21ئۆزۈڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن ھەرخىل يېمەكلىكلەردىن ئېلىپ، يېنىڭغا غەملىگىن، ــ دېدى.
22نۇھ شۇنداق قىلدى؛ خۇدا ئۆزىگە بۇيرۇغان ھەممە ئىشنى ئۇ بەجا كەلتۈردى.
Notes
□6:2
«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ــ بۇ توغرۇلۇق تۆت خىل چۈشەنچە بار: ــ (1) ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى بىر خىل زاتلار، پەرىشتىلەر ياكى روھلاردىن ئىبارەتتۇر. (2) ئىنسان ئەمەس، بەلكى جىنلار ياكى يامان روھلاردىن ئىبارەتتۇر. (3) ھەر جەھەتتىن ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئادەملەر، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدار. (4) قابىلنىڭ خۇداسىز ئەۋلادلىرىدەك ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان شېتنىڭ ئىخلاسمەن ئەۋلادلىرىدۇر. بىز بىرىنچى كۆزقاراشتا بولىمىز؛ «ئايۇپ» 6:1، 1:2، 7:38نى كۆرۈڭ. بۇنىڭ سەۋەبىنى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە بېرىمىز.
■6:2
يەھ. 6-7
□6:3
«ئىنسان ئەتتۇر» ــ «ئەت» دېگەن ئىبارە (ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان باشقا ئىبارىلەر) ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا تىلغا ئېلىنغاندا، دائىم دېگۈدەك ئىنسانلارنىڭ گۇناھقا ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى، يەنى ئۆز ئېتىدىكى ھەۋەس-ئىشتىياقلىرىغا ئەسىر بولۇپ قېلىشىنى تەكىتلەيدۇ. «ئەت» دېگەن سۆز مۇقەددەس كىتابتا مۇشۇ يەردە بىرىنچى قېتىم ئىنساننىڭ تەبىئىتىنى كۆرسەتكەن. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزنىمۇ كۆرۈڭ. «مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ كۈرەش قىلىۋەرمەيدۇ» ــ بۇ جۈملىنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ روھىم ئىنسانلار بىلەن مەڭگۈ ياشاۋەرمەيدۇ». لېكىن بىزنىڭچە خۇدا بۇ ئايەتتە ئۆز روھىنىڭ ئادەمنىڭ گۇناھىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ۋىجدانىدا كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولۇشى كېرەك؛ بۇ تەرجىمىنى ئالدى-كەينىدىكى بايانلارغا ئەڭ مۇۋاپىق تەرجىمە دەپ قارايمىز. خۇدا ئادەمنىڭ گۇناھلىرىغا چەك قويۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆمرىگە چەك (120 ياش) قويىدۇ («تېسالونىكالىقلارغا (2)»)دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ. ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقايدۇكى، نۇھتىن ئىلگىرى ئادەملەر بىرنەچچە يۈز يىل ياشايتتى. «كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى پەقەت بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى: «بىراق ئۇلارغا يەنىلا بىر يۈز يىگىرمە يىل (توپان كەلگۈچە) ئۆمۈر بېرىمەن».
□6:4
«گىگانتلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «نەفىلىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «نەفىلىم» دېگەننىڭ ئەسلىدىكى مەنىسى «يىقىلغانلار» بولۇشى مۇمكىن. «داڭلىق پالۋان-باتۇرلار» ــ ئۇلار گەرچە «پالۋان-باتۇرلار» بولسىمۇ، ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن رەزىل ئىدى (5-ئايەتنى كۆرۈڭ).
□6:5
«ھەرقاچان» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۈتكۈل كۈنىدە».
■6:5
يار. 8:21؛ ئايۇپ 15:16؛ پەند. 6:14؛ يەر. 17:9؛ مات. 15:19؛ رىم. 3:11،12،13؛ 8:6.
□6:9
«نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ» ــ مۇشۇ جۈملە بىلەن «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»نىڭ ئۈچىنچى «تولىدوت»ى («تارىخى»)، يەنى «نۇھنىڭ تارىخى» ياكى «نۇھنىڭ تولىدوتى» (9:6-29:9) باشلىنىدۇ («تولىدوت» توغرۇلۇق «كىرىش سۆز»نى كۆرۈڭ).
■6:9
يار. 5:22.
□6:12
«ئەت ئىگىلىرى» ــ بۇ ئىبارە مۇقەددەس كىتابتا ئادەتتە ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ (3:6نىڭ ئىزاھاتىنىمۇ كۆرۈڭ). بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 19-ئايەتتە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (4:6نى كۆرۈڭ). «بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ ... قىلىۋاتقىنى يۇزۇقچىلىق ئىدى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق ئەت ئىگىلىرى... ئۆز يولىنى بۇزغانىدى».
□6:14
«گوفەر ياغىچى» ــ ياكى «ئارچا ياغىچى». «كېمە» ــ مۇشۇ يەردە «ساندۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى ۋە بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان نىسبىتى ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ چوڭ كېمىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن شەكلى پەقەت ساندۇقتەك ئىدى. سەۋەبى، شۇ كېمىنىڭ مەقسىتى دېڭىزدا مېڭىش ئەمەس، پەقەت لەيلەپ يۈرەشتىن ئىبارەت ئىدى.
□6:15
«گەز» ــ مۇقەددەس كىتابتا ئىشلىتىلگەن «گەز» ئادەمنىڭ قولنىڭ جەينەكتىن بارماقنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئارىلىقى (تەخمىنەن 45 سانتىمېتر) ئىدى.
□6:16
«كېمىنىڭ پېشايۋىنى ئاستىغا بىر ئوچۇقچىلىق ياسا» ــ بۇ جۈملىنىڭ كۆپ خىل تەرجىمىلىرى بار، لېكىن ئاساسىي مەنىسى ئوخشاش.
■6:18
1پېت. 3:20؛ 2پېت. 2:5.
□6:19
«بارلىق جاندارلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئەت ئىگىلىرىدىن». بەزى ۋاقىتلاردا «ئەت ئىگىلىرى» (مەسىلەن، 15:7دە) ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
■6:22
يار. 7:5؛ ئىبر. 11:7.