16
يەرەمىياغا توي قىلماسلىق، ماتەم تۇتماسلىق ۋە بەزمىلەرگە قاتناشماسلىق بۇيرۇلىدۇ
1پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېيىلدى: ــ 2سەن ئايال زاتىنى ئەمرىڭگە ئالمايسەن، شۇنداقلا مۇشۇ زېمىندا ئوغۇل-قىز پەرزەنت تاپمايسەن. 3چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ يەردە تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلار، بۇ زېمىندا ئۇلارنى تۇغقان ئانىلار ۋە ئۇلارنى تۇغدۇرغان ئاتىلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ــ 4ئۇلار ئەلەملىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ؛ ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۆلۈكلىرى تېزەكتەك تۇپراق يۈزىدە ياتىدۇ، ئۇلار قىلىچ، قەھەتچىلىك بىلەن يەپ كېتىلىدۇ؛ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە زېمىندىكى ھايۋاناتلار ئۈچۈن ئوزۇق بولىدۇ. 5چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن يەرەمىيا، ھازا بولۇۋاتقان ھېچبىر ئۆيگە كىرمە، ياكى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرۈش ياكى ئۆكۈنۈشكە بارما؛ چۈنكى مەن بۇ خەلقتىن خاتىرجەملىكىمنى، مېھىر-مۇھەببىتىمنى ۋە رەھىمدىللىكلىرىمنى ئېلىپ تاشلىدىم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
6ئۇلۇغلاردىن تارتىپ پەسلەرگىچە بۇ زېمىندا ئۆلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە كۆمۈلمەيدۇ؛ ھېچكىم ئۇلار ئۈچۈن ئاھ-زار كۆتۈرمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى دەپ، يا ئەتلىرىنى تىلمايدۇ، يا چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتمەيدۇ؛ 7ئۇلار قارىلىق تۇتقانلارنى يوقلاپ، نان ئوشتۇمايدۇ، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كۆڭۈل سورىمايدۇ؛ ئاتا-ئانىسى ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھېچكىم تەسەللى قەدەھىنى سۇنمايدۇ. 8سەن بولساڭ ئەل-يۇرت بىلەن بىللە يەپ-ئىچىشكە توي-بەزمە بولغان ئۆيگىمۇ كىرمە؛ 9چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئۆز كۈنلىرىڭلاردا ۋە ئۆز كۆز ئالدىڭلاردا، بۇ يەردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازلىرىنى توختىتىمەن.
سۈرگۈن بولۇش، ئاندىن زېمىنغا قايتۇرۇلۇش
10شۇنداق بولىدۇكى، سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق زور بىر كۈلپەتنى بېشىمىزغا چۈشۈرۈشكە بېكىتكەن؟ بىزنىڭ قەبىھلىكىمىز زادى نېمە؟ پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ. 11ئەمدى سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: ــ چۈنكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مەندىن ۋاز كەچكەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھەمدە باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغان، ئۇلارغا چوقۇنغان؛ ئۇلار مەندىن ۋاز كەچكەن، تەۋرات-قانۇنۇمنى ھېچ تۇتمىغان؛ 12سىلەر بولساڭلار، ئاتا-بوۋىلىلىرىڭلاردىن تېخىمۇ بەتتەر قىلغانسىلەر؛ مانا، ھەربىرىڭلار ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقنىڭ كەينىگە كىرىپ، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغانسىلەر؛ 13شۇڭا مەن سىلەرنى بۇ زېمىندىن ئېلىپ، سىلەر ياكى ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ھېچ بىلمەيدىغان باشقا بىر زېمىنغا تاشلايمەن؛ سىلەر شۇ يەردە كېچە-كۈندۈز باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر؛ چۈنكى مەن سىلەرگە ھېچ مېھىرنى كۆرسەتمەيمەن.
14شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «ئىسرائىللارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دېگەن قەسەم قايتىدىن ئىشلىتىلمەيدۇ، 15بەلكى شۇ كۈنلەردە «ئىسرائىللارنى شىمالىي زېمىنىدىن ۋە ئۆزى ئۇلارنى ھەيدىگەن بارلىق زېمىنلەردىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچىلىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنىغا قايتۇرىمەن. 16ھالبۇكى، مانا ھازىر بولسا، مەن نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى تۇتقۇزۇشقا چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئاندىن نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قوغلاپ ئوۋلاشقا چاقىرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ھەربىر تاغدىن، ھەربىر ئېگىزلىكتىن، قىيا تاشلارنىڭ غار-قىسىلچاقلىرىدىن تېپىۋالىدۇ. 17چۈنكى كۆزلىرىم ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ؛ ئۇلار ئالدىمدا ھېچ سۇقۇنالمىدى، ئۇلارنىڭ قەبىھلىكى كۆزلىرىمدىن ھېچ يوشۇرۇلمىدى. 18لېكىن مەن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە گۇناھىنى بېشىغا ھەسسىلەپ قايتۇرىمەن؛ چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى يىرگىنچلىك نەرسىلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن بۇلغىغان، مېنىڭ مىراسىمنى لەنەتلىك نەرسىلىرى بىلەن تولدۇرغان.
يەرەمىيا سۆز قىستۇرىدۇ
19ــ ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ كۈچۈم ۋە قورغىنىمسەن، ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدە باشپاناھىمسەن. ئەللەر بولسا يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن يېنىڭغا كېلىدۇ ۋە: «بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان؛ بۇ نەرسىلەردە ھېچ پايدا يوقتۇر. 20ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە خۇدالارنى ياسىيالامدۇ؟! لېكىن ياسىغىنى خۇدا ئەمەستۇر!» ــ دەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنىڭ داۋامى
21ــ شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم بۇ رەزىل خەلققە شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ نامىمنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ!
Notes
■16:4
يەر. 7:33؛ 9:22؛ 14:16؛ 15:2، 3؛ 25:33؛ 34:20
□16:6
«ئەتلىرىنى تىلىش» ۋە «چاچنى چۈشۈرۈش» ــ بۇلار قاتتىق قايغۇنى بىلدۈرەتتى. «ئەتلىرىنى كېسىش» ئادىتى تەۋراتتا مەنئى قىلىنغان.
■16:6
لاۋ. 19:28؛ قان. 14:1
■16:9
يەش. 24:7، 8؛ يەر. 7:34؛ 25:10؛ ئەز. 26:13
□16:10
«سەن بۇ خەلققە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېيتقىنىڭدا، ئۇلار سەندىن: «... پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئالدىدا زادى سادىر قىلغان نېمە گۇناھىمىز باردۇ؟» ــ دەپ سورايدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، يەرەمىيانىڭ ئۇلارنىڭ توي-نەزىرلىرىگە كىرمەسلىكى ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايتتى.
■16:10
يەر. 5:19
■16:12
يەر. 3:17؛ 7:26؛ 9:14؛ 11:10؛ 13:10؛ 17:23
■16:13
قان. 4:27؛ 28:64،65
■16:14
يەر. 23:7، 8
□16:16
«مەن... نۇرغۇن بېلىقچىلارنى ... نۇرغۇن ئوۋچىلارنى ئەۋەتىپ...» ــ «بېلىقچىلار» ۋە «ئوۋچىلار» بولسا دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■16:17
ئايۇپ 34:21؛ پەند. 5:21؛ يەر. 32:19
□16:18
«يىرگىنچلىك نەرسىلىرى... لەنەتلىك نەرسىلىرى...» ــ بۇتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. «يىرگىنچلىك نەرسىلىرىنىڭ ئۆلۈكلىرى» ــ بەلكىم «دەرۋەقە، ئەرزىمەسلەر!» دەپ تاشلىۋەتكەن بۇتلىرىنى ياكى شۇ بۇتلارغا قۇربانلىق قىلغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■16:18
يەر. 3:2؛ ئەز. 43:7
□16:19
«بەرھەق، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىككە مىراسخورلۇق قىلغان» ــ «يالغانچىلىق ھەم بىمەنىلىك» يەنە «ساختا ئىلاھلار»، بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
□16:21
«شۇڭا، مانا، مەن بۇ قېتىم بۇ رەزىل خەلققە شۇنى ئوبدان بىلدۈرىمەن، ــ ئۇلارغا مېنىڭ قولۇم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمنى ئوبدان بىلدۈرىمەن...» ــ بۇ جۈملىدىكى ئەڭ مۇھىم سۆز «شۇڭا»دۇر. ئەگەر كەلگۈسىدە «يات ئەللەر» خۇدانى ئوبدان تونۇيدىغان بولسا، ئۇنداقتا خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىل خۇدانى تونۇشى كېرەك ئەمەسمۇ؟
■16:21
يەر. 33:2