30
خۇدانىڭ خەلقىگە تەسەللى، رىغبەت ۋە ئۈمىد بېرىش ئۈچۈن يەرەمىيانىڭ كىتاب يېزىشى
1پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ
2ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن؛ 3چۈنكى مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەلقىم ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.
4پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ۋە يەھۇدا توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ
5چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
ئاڭلىتىلىدۇ ئالاقزادىلىك ھەم قورقۇنچلۇقنىڭ ئاۋازى،
بولسۇن نەدە ئامان-تىنچلىق!
6سوراڭلار، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭلاركى، ئەر بالا تۇغامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئەمدى تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ھەربىر ئەر كىشىنىڭ چاتىرىقىنى قولى بىلەن تۇتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ نېمىشقا يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەندۇ؟ 7ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. 8شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن، ئاسارەتلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن، يات ئادەملەر ئۇنى ئىككىنچى قۇللۇققا چۈشۈرمەيدۇ. 9شۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھەمدە مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ.
10ئەمدى سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يەرلەردىن، سېنىڭ نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزىمەن؛ ياقۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ئارام تېپىپ ئازادە تۇرىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. 11چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويۇپ قويمايمەن.
پەرۋەردىگار يەھۇدانىڭ يارىسىنى ساقايتىدۇ
12چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ زېدەڭ داۋالىغۇسىز، سېنىڭ ياراڭ بولسا ئىنتايىن ئېغىردۇر. 13سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايدىغان ھېچكىم يوق، ياراڭنى تاڭغۇچى يوقتۇر، ساڭا شىپالىق دورىلار يوقتۇر؛ 14سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان. 15نېمىشقا زېدەڭ تۈپەيلىدىن، دەرد-ئەلىمىڭ داۋالىغۇسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسەن؟ قەبىھلىكىڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز بولغانلىقىدىن، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغانلىقىدىن، مەن شۇلارنى ساڭا قىلغانمەن.
16لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن. 17چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن.
پەرۋەردىگار ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ
18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
مانا، مەن ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن،
ئۇنىڭ تۇرالغۇلىرى ئۈستىگە رەھىم قىلىمەن؛
شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ،
ئوردا-قەلئە ئۆز جايىدا يەنە ئادەمزاتلىق بولىدۇ.
19شۇ جايلاردىن تەشەككۈر كۈيلىرى ۋە شاد-خۇراملىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ؛
مەن ئۇلارنى كۆپەيتىمەنكى، ئۇلار ئەمدى ئازايمايدۇ؛
مەن ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىمەن، ئۇلار ھېچ پەس بولمايدۇ.
20ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىمدىكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جامائىتى ئالدىمدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ؛
ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن.
21ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ،
ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ؛
مەن ئۇنى ئۆز يېنىمغا كەلتۈرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا يېقىن كېلىدۇ؛
چۈنكى يېنىمغا كەلگۈچى جېنىنى تەۋەككۈل قىلغۇچى ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
22ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر،
مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن.
23مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن!
ئۇنىڭدىن قەھر چىقتى؛
بەرھەق، دەھشەتلىك بىر قارا قۇيۇن چىقىپ كەلدى؛
ئۇ پىرقىراپ رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
24كۆڭلىدىكى نىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ تولۇق ئەمەل قىلغۇچە،
پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى يانمايدۇ؛
ئاخىرقى كۈنلەردە سىلەر بۇنى چۈشىنىپ يېتىسىلەر.
Notes
□30:1
«پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز..» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا «يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش» ھەم «قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش»نى جاكارلاشقا چاقىرغان (10:1). ئۇ «يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش» توغرۇلۇق بېشارەتلەر بەرگەندىن كېيىن، ھازىر ئۇنىڭغا «قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش» توغرۇلۇق بېشارەتلەر (30-33-بابلار) بېرىلىدۇ.
□30:2
«مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن» ــ «مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىم» بەلكىم 30-31بابلاردا كۆرۈلىدۇ. سۆزلەر بەلكىم چۈش ئارقىلىق يەرەمىياغا تاپشۇرۇلغان (26:31نى كۆرۈڭ). ئۇلار ئەسلى ئايرىم ئورام كىتابچە بولۇشى كېرەك ئىدى.
■30:6
يەر. 4:31؛ 6:24
□30:7
«ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر» ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. بېشارەت بابىلدىن قايتۇرۇلۇشىنى كۆرسەتكىنى بىلەن، «ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنى»نىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاخىرقى زاماندا بولسا كېرەك.
■30:7
يو. 2:11؛ زەف. 1:15
□30:8
«مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن» ــ «ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى» دېگىنى مۇشۇ يەردە ئاۋۋال نەبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىنى، ھەمدە ئاخىرقى زاماندىكى بابىل پادىشاھى «دەججال»نىڭ قۇللۇقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
□30:9
«مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھى...» ــ «داۋۇت پادىشاھى» شۈبھىسىزكى، داۋۇتنىڭ ئۆزىدىن ئۇلۇغ بولغان ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.
■30:9
ئەز. 34:23،24؛ 37:24؛ ھوش. 3:5
■30:10
يەش. 41:13؛ 43:5؛ 44:1؛ يەر. 46:28
■30:11
يەش. 27:8؛ يەر. 4:27؛ 5:10،18؛ 10:24؛ 46:28
■30:12
يەر. 10:19؛ 15:18
□30:14
«سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان» ــ «ئاشنىلىرىڭ» مۇشۇ يەردە (1) ئىسرائىلغا «سىلەرگە ئىتتىپاقداش بولايلى» دېگەن بۇتپەرەس ئەللەرنى (2) يەھۇدادىكىلەر چوقۇنغان ھەم تايانغان بۇتلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■30:14
يەر. 22:20
■30:15
يەر. 5:6؛ 13:17
■30:16
مىس. 23:22؛ يەش. 41:11؛ يەر. 10:25
□30:18
«شەھەر خارابىلىرى ئۇل قىلىنىپ قايتىدىن قۇرۇلىدۇ» ــ «شەھەر» يېرۇسالېمنى كۆرسىتىشى كېرەك. «شەھەر»نىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «ھەربىر شەھەر...».
■30:19
يەر. 31:4
□30:21
«ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم سۈرگۈچىسى ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىن چىقىدۇ...» ــ بۇ ئايەت يەنە داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھنى كۆرسىتىدۇ. ئايەت ئۇنىڭ ھەم پادىشاھ ھەم كاھىن (باشقىلارغا ۋەكىل بولۇپ خۇدانىڭ ئالدىغا دۇئا قىلىشقا كېلىدىغان) بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■30:22
يەر. 24:7؛ 31:1،33؛ 32:38
■30:23
يەر. 23:19، 20؛ 25:32