3-مۇناجات ــ جازا ۋە ئۈمىد •••• ئازاب تارتقۇچى دەرد-ئەلەم تۆكىدۇ
1|א| (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن.
2مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى،
نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛
3بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛
4|ב| (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى،
سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى.
5ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى،
ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى.
6ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.
7|ג| (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛
زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى.
8مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ،
ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى.
9ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى،
چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى.
10|ד| (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك،
پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر.
11مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تېتما-تىتما قىلدى؛
مېنى تۈگەشتۈردى.
12ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ،
مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى.
13|ה| (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى.
14مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى،
كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم.
15ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ،
كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى.
16|ו| (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى،
مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛
17جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛
ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم.
18مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم.
19|ז| (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى،
ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى يەپ-ئىچكىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!
20جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ،
يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا.
21لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى،
شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ
22|ח| (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛
چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛  
23ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛
سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر!
24ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛
شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن.
25|ט| (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە،
ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛
26پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش،
ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر.
27ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر.
28|י| (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛
چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى.
29يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن،
ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟  
30مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛
تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن!
31|כ| (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛
32ئازار بەرگەن بولسىمۇ،
ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛
33چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر.
34|ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا،
35ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا،
36ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟
37|מ| (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا،
كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟
38كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟
39ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ،
ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟
40|נ| (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى،
پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛
41قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى!
42بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛
سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ.
43|ס| (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛
سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ.
44سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى،
دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس.
45سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ.
46|פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلدى؛
47ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق،
ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت.
48خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن،
كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا.
49|ע| (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ،
ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ،
50تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ ھالىمىزغا قارىغۇچە.
51مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە،
شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن.
52|צ| (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار،
مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى.
53ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ،
ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى.
54سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛
مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم.
55|ק| (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛
56سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛
قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇۋالمىغىن!
57ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ،
«قورقما» ــ دېدىڭ.
58|ר| (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛
سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ.
59ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛
60سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى،
بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن.
61|ש| (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى،
مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن،
62ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى،
ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن.
63ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن!
مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسى بولدۇم.
64|ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛
65ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن!
بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ!
66غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن،
ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن!

Notes


3:1 «مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن...» ــ 3-بابتا (1-66) سۆزلىگۈچى بەلكىم يەرەمىيانىڭ ئۆزى؛ ئۇ بەزى يەرلەردە (1) «يېرۇسالېمغا ۋەكىل بولۇپ» سۆزلەيدۇ؛ (2) (بىزنىڭچە) يەنە بەزى يەرلەردە مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ئارقىلىق مەسىھنىڭ گۇناھىمىز ئۈچۈن تارتىدىغان قۇربانلىق ئازابلىرىنى ئالدىنئالا كۆرسىتىدۇ. «مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن» ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئادەم» دېگەن سۆز، ئادەتتە «ئەركەك»، «ئوغۇل بالا»، باتۇر-پالۋاننى كۆرسىتىدۇ.

3:13 «ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى» ــ ئىبرانىيلار بۆرەكنى ۋىجدان ياكى ھېسسىياتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى.

3:17 «جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جېنىمنى تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇردۇڭسەن».

3:19 «مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەدان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى يەپ-ئىچكىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن!» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىم، مېنىڭ سەرگەردان بولغانلىرىمنى ئەسلىسەم، ئەمەن يېگەندەك ۋە ئۆت سۈيىنى ئىچىۋالغاندەك بولىمەن».

3:21 زەب. 73‏:17

3:22 «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى ھەرگىز ئۈزۈلمەيدۇ؛...»

3:22 يەش. 1‏:9؛ ھاب. 3‏:13

3:23 زەب. 30‏:5

3:24 ھاب. 2‏:3

3:26 «ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر» ــ «سۈكۈت ئىچىدە» دېگەنلىك مۇشۇ يەردە يەنە «سەۋر-تاقەت بىلەن» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.

3:27 «ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر» ــ بۇ ئايەتنىڭ بەلكىم ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) ئادەم ياش ۋاقتىدا جاپا-مۇشەقەتنى كۆرۈش ياخشى ئىشتۇر؛ (2) بابىلنىڭ بويۇنتۇرۇقى يۈكلەنگەنلەر (سۈرگۈن بولغانلار) ئارىسىدىن ياشلار ئاخىرىدا بۇ بويۇنتۇرۇقنىڭ (تەخمىنەن 60 يىلدىن كېيىن) ئېلىپ تاشلىنىشىنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا شۇ چاغدا «بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرگەن ياشلار»نىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇلارغا نىسبەتەن «ياشلىقتا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈش ياخشى ئىشتۇر».

3:29 «يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئاغزىنى تۇپراققا باستۇرسۇن». بۇ ھەرىكەت قاتتىق دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.

3:29 روس. 8‏:22

3:37 زەب. 33‏:9

3:38 يەش. 45‏:7؛ ئام. 3‏:6

3:39 «ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟» ــ گۇناھلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسى جىسمانىي ھەم روھىي ئۆلۈم بولسا، بىز تىرىك چاغدا شۇ تېگىشلىك جازانى تېخى تارتمىدۇق.

3:54 «سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، يەرەمىيا پەيغەمبەر «سۇ ئازگىلى»غا تاشلىۋېتىلگەن. لېكىن مۇشۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان دەردلەر ئاشۇ سەرگۈزەشتتىن ئېشىپ كېتىدۇ.