ئەيسانىڭ چۆل-باياۋاندا سىنىلىشى
مات. 4‏:1-11؛ مار. 1‏:12-13
1ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 2ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
3ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا:
ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى.
4ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.  
5ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 6ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. 7ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى.
8ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ:
ــ تەۋراتتا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.  
9ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ:
ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! 10چۈنكى تەۋراتتا: «خۇدا ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ 11ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى.  
12ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «تەۋراتتا: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى.  
13ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.
ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە
مات. 4‏:12-17؛ مار. 1‏:14-15
14ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى.    15ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى.
ناسارەتتە چەتكە قېقىلىش
مات. 13‏:53-58؛ مار. 6‏:1-6
16ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى 17ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:
18‏-19ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا،
چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى.
تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى،
ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا،
ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا،
پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى».  
20ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. 21ئۇ كۆپچىلىككە:
ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى.
22ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ:
ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى.
23ئۇ ئۇلارغا:
ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى.
24ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. 25مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ 26بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. 27ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى.  
28سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ 29ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. 30لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى.
ئەيسانىڭ جىننى ھەيدىۋېتىشى
مار. 1‏:21-28
31ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. 32ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. 33ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىن قاتتىق ئاۋازدا:  
34ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى.
35لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ:
ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. 36ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە:
ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. 37شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى.
ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى
مات. 8‏:14-17؛ مار. 1‏:29-34
38ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. 39ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
40كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى.    41كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
42كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. 43لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.
44شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى.

Notes


4:1 مات. 4‏:1؛ مار. 1‏:12.

4:2 مىس. 34‏:28؛ 1پاد. 19‏:8.

4:3 «سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ...» ــ گرېك تىلىدا بۇ 3- ۋە 9-ئايەتلەردىكى «ئەگەر» ئادەتتە «ئەگەر ... بولساڭ» (ئەگەر بولساڭ ۋە دەرۋەقە شۇنداق بولىسەن)» دېگەن مەنىنى پۇرىتىدۇ. «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە.

4:4 «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» ــ «قان.» 3:8. «بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دېگەن سۆزلەر بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ («مات.» 4:4نى كۆرۈڭ).

4:4 قان. 8‏:3؛ مات. 4‏:4.

4:8 «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» ــ تەۋرات، «قان.» 13:6.

4:8 قان. 6‏:13؛ 10‏:20؛ 1سام. 7‏:3.

4:9 «ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ...» ــ ياكى «ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ...». «خۇدانىڭ ئوغلى» ــ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.

4:11 «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» ــ «زەب.» 11:91، 12. شەيتاننىڭ بۇ ئايەتنى ئىشلەتكىنى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

4:11 زەب. 91‏:11،12.

4:12 «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» ــ «قان.» 16:6.

4:12 قان. 6‏:16.

4:14 «روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە...» ــ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدە، ئەلۋەتتە.

4:14 مات. 4‏:12؛ مار. 1‏:14؛ يـۇھ. 4‏:43؛ روس. 10‏:37.

4:15 «ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى» ــ «سىناگوگ»لار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ.

4:16 نەھ. 8‏:4، 5؛ مات. 13‏:54؛ مار. 6‏:1؛ يـۇھ. 4‏:43.

4:18‏-19 « ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى» ــ «مەسىھ قىلىش» (ياكى «مەسىھلەش») توغرۇلۇق «يەش.» 1:61دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»ىمىزنى كۆرۈڭ. بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۇ مېنى سۇنۇق كۆڭۈللەرنى ياساپ ساقايتىشقا» دېگەن سۆزلەر مۇشۇ ئايەتتە قوشۇلىدۇ. «ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى» ــ بۇ سۆزلەر «يەش.» 1:61 ھەم 6:58دىن ئېلىنغان.

4:18‏-19 يەش. 42‏:7؛ 61‏:1، 2؛ مات. 11‏:5.

4:20 «ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى» ــ سىناگوگلاردا تەلىم بەرگۈچىلەر ئاۋۋال مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇشقا تۇراتتى، ئاندىن تەلىم بېرىشكە ئولتۇراتتى.

4:22 يەش. 50‏:4؛ مات. 13‏:54؛ مار. 6‏:2؛ لۇقا 2‏:47؛ يـۇھ. 6‏:42.

4:23 مات. 4‏:13.

4:24 مات. 13‏:57؛ مار. 6‏:4؛ يـۇھ. 4‏:44.

4:26 «زارەفات» ــ گرېك تىلىدا «سارەپتا». «ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن» ــ بۇ ۋەقە «1پاد.» 9:17-24دە خاتىرىلەنگەن. ئىلياس پەيغەمبەر زىدون رايونى (يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنى)دىكى شۇ تۇل خوتۇننىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ۋە ئاچارچىلىق ئاخىرلاشقۇچە تۇل خوتۇن، ئوغلى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەمىنلىگەن. دېمەك، خۇدانىڭ ئۆز خەلقى ــ يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئىلىياسنىڭ شۇنداق مۆجىزىلىك ياردىمىگە ئېرىشكۈدەك ئىخلاسمەنلىك مەۋجۇت بولمىغانىدى، ئەكسىچە، ئىتائەتسىزلىك ۋە ئاسىيلىق ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈنەتتى.

4:27 «ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس!» ــ سۇرىيەلىك نائامان يەھۇدىي ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. بۇ ۋەقە «2پاد.» 1:5-14دە خاتىرىلەنگەن. مەسىھنىڭ ئۇلارغا «سىلەر خۇدانىڭ شاپائىتىنى ۋە نىجاتىنى رەت قىلغاچقا، ئۇ ئەمدى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېگەندەك ئىدى.

4:27 2پاد. 5‏:14.

4:29 «ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنى شەھەردىن تاشلاپ...».

4:31 مات. 4‏:13؛ مار. 1‏:21.

4:32 مات. 7‏:29؛ مار. 1‏:22.

4:33 «ناپاك جىننىڭ روھى» ــ بۇ دېگەنلىك سۆز بەلكىم بۇ جىننىڭ ئىنتايىن ناپاك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى.

4:33 مار. 1‏:23.

4:36 «بۇ زادى قانداق ئىش!» ــ ياكى «بۇ زادى قانداق تەلىم؟».

4:38 مات. 8‏:14؛ مار. 1‏:29.

4:40 «كۈن پېتىشى بىلەنلا،...» ــ شابات كۈنى تۈگىگەندە (كەچتە)، «ئىش قىلىش» ياكى «خىزمەت قىلىش»قا بولاتتى (مەسىلەن، كېسەل ئادەمنى كۆتۈرۈش قاتارلىق).

4:40 مات. 8‏:16؛ مار. 1‏:32؛ 7‏:32؛ 8‏:23،25.

4:41 مار. 1‏:34؛ 3‏:11.

4:42 مار. 1‏:35.

4:44 «گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «يەھۇدىيەدىكى سىناگوگلاردا» دېيىلىدۇ.