5
ئەيسانىڭ تۇنجى قېتىم مۇخلىس چاقىرىشى
مات. 4:18-22؛ مار. 1:16-20
1شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى. 2ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. 3ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ-توپ خالايىققا تەلىم بەردى. 4سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا:
ــ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، ــ دېدى.
5سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى.
6ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى. 7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى. 8سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ:
ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى. 9چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى. 10ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا:
ــ قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن ــ دېدى.
11ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى
مات. 8:1-4؛ مار. 1:40-45
12شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن:
ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى.
13ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:
ــ خالايمەن، پاكلانغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى. 14ئەيسا ئۇنىڭغا:
ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قۇربانلىقنى سۇنغىن، ــ دېدى.
15لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى. 16ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.
ئەيسانىڭ ئادەمنىڭ گۇناھلارنى «كەچۈرۈم قىلىندى» دېيىش ھوقۇقى
مات. 9:1-8؛ مار. 2:1-12
17شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى. 18شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. 19بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. 20ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ پالەچكە:
ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى.
21تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە:
ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى.
22بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن:
ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟ 23«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ 24ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە:
ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى.
25ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى. 26ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا:
ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى.
ئەيسانىڭ لاۋىينى مۇخلىسلىققا چاقىرىشى ــ «گۇناھكارلار» بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرۇشى
مات. 9:9-13؛ مار. 2:13-17
27بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا:
ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى.
28ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
29لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى. 30بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا:
ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى.
31ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:
ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر. 32مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى.
يېڭى كونىدىن ئۈستۈندۇر
مات. 9:14-17؛ مار. 2:18-22
33ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن:
ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى.
34ئۇ ئۇلارغا:
ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟ 35ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ.
36ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى:
ــ ھېچكىم يېڭى كۆڭلەكتىن يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلەككە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكنىمۇ يىرتقان بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئالغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ماس كەلمەيدۇ. 37شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇملار يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. 38شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. 39ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ: «بولدى، كونىسى ياخشى!» دەيدۇ.
Notes
■5:1
مات. 13:2؛ مار. 4:1.
□5:6
«ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى» ــ ئادەتتە گالىلىيە كۆلىسىدە بېلىقلار كۈندۈزدە چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇپ كىرىۋالىدۇ، ئۇلارنى تور بىلەن تارتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ. ئوقۇرمەنلەر شۇنى بايقىغان بولۇشى مۇمكىنكى، مەسىھ «تورلىرىڭلار»نى دېگىنى بىلەن پېترۇسنىڭ پەقەت بىرلا تورنى سېلىشقا ئىشەنچى بار ئىدى («يۇھ.» 11:21نى ۋە شۇ ئايەت توغرۇلۇق ئىزاھات ۋە «يۇھاننا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»نى كۆرۈڭ).
□5:10
«سەن ئادەملەرنى تۇتقۇچى بولىسەن» ــ مۇشۇ سۆز ئادەملەرنى زىندانلارغا ياكى قۇللۇققا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىدا ئادەملەرنى شەيتاننىڭ چاڭگىلىدىن ۋە ھالاك يولىدىن تۇتۇپ قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
■5:10
يەر. 16:16؛ ئەز. 47:9؛ مات. 4:19؛ مار. 1:17.
■5:11
مات. 4:20؛ 19:27؛ مار. 10:28؛ لۇقا 18:28.
□5:12
«تەقسىر...» ــ ياكى «ئى رەب...». «پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم....» ــ «ماخاۋ كېسىلى» بىرخىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك، دەپ قاراپ ئۇلارغا قەتئىي يېقىنلاشمايتتى. بۇ كېسەل توغرۇلۇق يەنە «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■5:12
مات. 8:2؛ مار. 1:40.
□5:14
«ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر قۇربانلىقنى سۇنغىن» ــ مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا شۇنداق ئەمرنى كۆرسەتكەن: ــ بىر ماخاۋ كېسىلى ساقايتىلغان بولسا، ئۇ مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ساقايتىلغانلىقىنى كاھىنغا كۆرسىتىپ ئاندىن ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى سۇنۇشى كېرەك ئىدى. شۈبھىسىزكى، مۇسا پەيغەمبەردىن باشلاپ مەسىھ ئەيسا كەلگۈچە بۇ مۇراسىم ھېچ ئۆتكۈزۈلۈپ باققان ئەمەس ئىدى. «لاۋ.» 1:14-32نى كۆرۈڭ.
■5:14
لاۋ. 13:2؛ 14:2؛ مات. 8:4.
□5:18
«... ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى» ــ ئەيسا ئۆيدە ئولتۇراتتى (19-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■5:18
مات. 9:1؛ مار. 2:3؛ روس. 9:33.
□5:21
«پەرىسىيلەر» ــ قاتتىق تەلەپلىك بىر دىنىي مەزھەپتىكىلەر ئىدى. ئۇلار توغرۇلۇق «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■5:21
زەب. 32:5؛ يەش. 43:25.
□5:24
«سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن» ــ «ئىنسانئوغلى» توغرۇلۇق «مات.» 20:8دىكى ئىزاھات ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
□5:27
«ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى» ــ «لاۋىي»نىڭ باشقا ئىسمى «ماتتا» ئىدى.
■5:27
مات. 9:9؛ مار. 2:14،15.
□5:29
«زور بىر توپ باجگىرلار» ــ «باجگىرلار» ئىسرائىلنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ سەۋەبتىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار.
■5:29
مات. 9:10؛ مار. 2:15؛ لۇقا 15:1.
□5:30
«سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟!» ــ «گۇناھكارلار» ــ تەۋرات-ئىنجىل بويىچە ھەربىر ئادەم گۇناھكار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇشۇ ئايەتتىكى «گۇناھكارلار» دېگەن سۆز، ھالى چوڭ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن ئالاھىدە «گۇناھكارلار» دەپ ئاتالغان باجگىرلار، پاھىشە ئاياللار، ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەر قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
□5:32
«مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم» ــ مۇشۇ سۆزىدە «گۇناھكارلار» دېگىنى، ئۆزلىرىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتكەنلەرنى كۆزدە تۇتىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھكاردۇر. «ھەققانىيلار» ئۆزىنى ھەققانىي دەپ ھېسابلىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەسىھ ئۇلارنى چاقىرالمايتتى ۋە ھازىرمۇ چاقىرالمايدۇ.
■5:32
مات. 9:13؛ لۇقا 19:10؛ 1تىم. 1:15.
■5:33
مات. 9:14.
□5:34
«توي مېھمانلىرى» ــ گرېك تىلىدا «مەرىكە زالىنىڭ پەرزەنتلىرى» دېگەن ئىبارە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■5:34
يەش. 62:5؛ 2كور. 11:2.
□5:35
«ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ» ــ بۇ سۆزلەر ئەيسانىڭ «ئۇلاردىن (مېھمانلاردىن) ئېلىپ كېتىلىپ» ئۆلۈمى ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە قايغۇ-ھەسرەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بېشارەت.
■5:37
مات. 9:17؛ مار. 2:22.
□5:39
«ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ» ــ ئادەتتە، كونا شاراب دەرۋەقە يېڭى شارابتىن ياخشى، ئەلۋەتتە.