3
3-كۈي •••• سەھەردىكى دۇئا
1داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە يازغان كۈي: ــ
ئى پەرۋەردىگار، مېنى قىستاۋاتقانلار نەقەدەر كۆپىيىپ كەتكەن،
مەن بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلار نېمىدېگەن كۆپ!
2نۇرغۇنلار مەن توغرۇلۇق: ــ
«خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» دېيىشىۋاتىدۇ.
سېلاھ!
3بىراق سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئەتراپىمدىكى قالقاندۇرسەن؛
شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!
4ئاۋازىم بىلەن مەن پەرۋەردىگارغا نىدا قىلىمەن،
ئۇ مۇقەددەس تېغىدىن ئىجابەت بېرىدۇ.
سېلاھ.
5مەن بولسام ياتتىم، ئۇخلىدىم؛
ئويغاندىم، چۈنكى پەرۋەردىگار ماڭا يار-يۆلەك بولىدۇ.
6مېنى قورشاپ سەپ تۈزگەن تۈمەنلىگەن ئادەملەر بولسىمۇ،
مەن ئۇلاردىن قورقمايمەن!
7ئى پەرۋەردىگار، ئورنۇڭدىن تۇر!
مېنى قۇتقۇز، ئى خۇدايىم!
مېنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىمنىڭ تەستىكىگە سالغايسەن؛
رەزىللەرنىڭ چىشلىرىنى چېقىۋەتكەيسەن!
8نىجاتلىق بولسا پەرۋەردىگاردىندۇر؛
بەرىكىتىڭ ئۆز خەلقىڭدە بولسۇن!
سېلاھ!
Notes
□3:1
«داۋۇت ئۆز ئوغلى ئابشالومدىن قېچىپ يۈرگەن كۈنلەردە...» ــ مۇشۇ ۋەقە، «2سام.» 15-18-بابتا خاتىرىلەنگەن.
■3:1
2سام. 15،16،17،18
□3:2
«خۇدادىن ئۇنىڭغا ھېچ نىجات يوقتۇر!» ــ دېمىسەكمۇ، «نىجات» «(خۇدادىن كەلگەن) قۇتقۇزۇش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. «سېلاھ» ــ مۇشۇ سۆز بەلكىم كۈي چالغان ۋاقتىدا مۇزىكىدىكى بىر «پائۇزا»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ: ــ «توختا، ئويلان!» دېگەن ئىماسى بولۇشى مۇمكىن.
□3:3
«شان-شەرىپىم ھەم بېشىمنى يۆلىگۈچىدۇرسەن!» ــ «مېنىڭ شان-شەرىپىم» دېگەن ئىبارە ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، بەلكىم: (1) داۋۇتنىڭ مەدھىيىسىنىڭ تېمىسى خۇدا ئۆزىدۇر؛ (2) خۇدانىڭ داۋۇتنىڭ ئۆز خۇداسى بولغانلىقى، بۇ ناھايىتى پەخىرلىك، شەرەپلىك ئىشتۇر، دېگەن ئىككى مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.
■3:5
زەب. 4:8
■3:6
زەب. 27:3
■3:8
پەند. 21:31؛ يەش. 43:11؛ يەر. 3:23؛ ھوش. 13:4؛ ۋەھ. 7:10؛ 19:1