21-كۈي •••• خۇدا تىكلىگەن پادىشاھ توغرۇلۇق بىر كۈي
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پادىشاھ قۇدرىتىڭدىن شادلىنىدۇ، ئى پەرۋەردىگار؛
غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن ئۇ نەقەدەر خۇرسەن بولىدۇ!
2سەن ئۇنىڭ كۆڭۈل تىلىكىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىڭ،
لەۋلىرىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئەمەسسەن.
سېلاھ!
3چۈنكى سەن ئېسىل بەرىكەتلەر بىلەن ئۇنى قارشى ئالدىڭ؛
ئۇنىڭ بېشىغا ساپ ئالتۇن تاج كىيدۈردۈڭ.
4ئۇ سەندىن ئۆمۈر تىلىسە، سەن ئۇنىڭغا بەردىڭ،
يەنى ئۇزۇن كۈنلەرنى، تاكى ئەبەدىلئەبەدگىچە بەردىڭ.
5ئۇ سېنىڭ بەرگەن غەلىبە-نىجاتلىقىڭدىن زور شەرەپ قۇچتى؛
سەن ئۇنىڭغا ئىززەت-ھەيۋەت ھەم شانۇ-شەۋكەت قوندۇردۇڭ.
6سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ؛
دىدارىڭنىڭ شادلىقى بىلەن ئۇنى زور خۇرسەن قىلدىڭ؛
7چۈنكى پادىشاھ پەرۋەردىگارغا تايىنىدۇ؛
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى بىلەن ئۇ ھېچ تەۋرەنمەيدۇ.
8سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ئاشكارە قىلىدۇ؛
ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ؛
9سېنىڭ دىدارىڭ كۆرۈنگەن كۈندە، ئۇلارنى يالقۇنلۇق خۇمدانغا سالغاندەك كۆيدۈرىسەن؛
پەرۋەردىگار دەرغەزەپ بىلەن ئۇلارنى يۇتۇۋېتىدۇ؛
ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تۈگىتىدۇ.
10ئۇلارنىڭ تۇخۇمىنى جاھاندىن،
نەسىللىرىنى كىشىلىك دۇنيادىن قۇرىتىسەن؛
11چۈنكى ئۇلار ساڭا يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇندى؛
ئۇلار رەزىل بىر نەيرەڭنى ئويلاپ چىققىنى بىلەن،
ئەمما غەلىبە قىلالمىدى.
12چۈنكى سەن ئۇلارنى كەينىگە بۇرۇلۇشقا مەجبۇر قىلدىڭ؛
سەن ئۇلارنىڭ يۈزىگە قاراپ ئوقيايىڭنى چەنلەيسەن.
13ئى پەرۋەردىگار، ئۆز كۈچۈڭ بىلەن ئۇلۇغلۇقۇڭنى نامايان قىلغايسەن؛
شۇنىڭ بىلەن بىز ناخشا ئېيتىپ قۇدرىتىڭنى مەدھىيىلەيمىز.

Notes


21:6 «سەن ئۇنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەر قىلدىڭ» ــ بۇ سۆز بەلكىم داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ خۇدانىڭ ئىبراھىمغا بەرگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. شۇ ۋەدە: «سەن ئۆزۈڭ باشقىلارغا بەخت-بەرىكەت بولىسەن ... سەن ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە ۋە قەبىلىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دېيىلىدۇ («يار.» 1:12-3دە خاتىرىلەنگەن). باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «سەن ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك بەرىكەتلەرنى بېكىتتىڭ».

21:8 «سېنىڭ قولۇڭ بارلىق دۈشمەنلىرىڭنى تېپىپ، ... ئوڭ قولۇڭ ساڭا ئۆچمەنلىك قىلغانلارنى تېپىپ ئاشكارە قىلىدۇ...» ــ 8-ئايەتتىن باشلاپ، بېشارەتلىك سۆزلەر بىۋاسىتە پادىشاھقا ئېيتىلغان بولسا كېرەك. روشەنكى، بۇ ئايەتلەر پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولغان، كەلگۈسىدىكى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.