26-كۈي •••• بارلىق رەزىللىكتىن يىراقلىشىشقا ئىنتىلىش
1داۋۇت يازغان كۈي: ــ
مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
چۈنكى مەن ئۆز دۇرۇسلۇقۇمدا تۇرۇپ ماڭدىم؛
مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛
مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن.  
2مېنى سىناپ باققايسەن، ئى پەرۋەردىگار، مېنى تەكشۈرۈپ باققىن؛
ۋىجدانىمنى، قەلبىمنى تاۋلىغايسەن؛
3چۈنكى ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆز ئالدىمدا تۇتقانمەن؛
مەن ھەقىقىتىڭنى ئۆزۈمگە يېتەكچى قىلىپ ماڭدىممەن.
4مەن يالغانچىلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرمىدىم؛
ساختىپەزلەرگە ھەمراھ بولۇشقا كىرمەيمەن.
5يامانلىق قىلغۇچىلار جامائىتىدىن يىرگىنىمەن؛
رەزىللەر بىلەنمۇ ئولتۇرمايمەن.
6قوللىرىمنى گۇناھسىزلىقتا يۇيىمەن؛
شۇندا، قۇربانگاھىڭنى ئايلىنىپ يۈرەلەيمەن.
7ۋە ھەم تەشەككۈرلەرنى ئاڭلىتىمەن؛
بارلىق كارامەتلىرىڭنى جاكارلايمەن.
8ئى پەرۋەردىگار، ماكانىڭ بولغان ئۆينى،
شان-شەرىپىڭ تۇرغان جاينى سۆيۈپ كەلدىم؛
9جېنىمنى گۇناھكارلار بىلەن،
ھاياتىمنى قانخورلار بىلەن بىللە ئېلىپ كەتمىگەيسەن؛
10ئۇلارنىڭ قولىدا سۇيىقەستلەر باردۇر،
ئوڭ قولى پارىلەرگە تولدى.
11مەن بولسام، دۇرۇسلۇقۇمدا مېڭىپ يۈرىۋېرىمەن؛
مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن،
ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەيسەن.
12پۇتۇم بولسا تۈپتۈز جايدا تۇرىدۇ؛
جامائەتلەر ئارىسىدا تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيىلەر قايتۇرىمەن.

Notes


26:1 «مەن پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلگەنمەن؛ مەن تېيىلىپ كەتمەيمەن» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى «مەن ھېچ تەۋرەنمەس پەرۋەردىگارغا تايىنىپ كەلدىم».

26:1 زەب. 7‏:8

26:2 «ۋىجدانىم» ــ ياكى «نىيەتلىرىم». بۇ سۆز ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەكلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

26:4 ئايۇپ 31‏:5؛ زەب. 1‏:1

26:11 «مېنى ھۆرلۈككە چىقىرىپ قۇتقۇزغايسەن» ــ مۇشۇ «ھۆرلۈككە چىقىرىش» گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.