34-كۈي •••• خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىغا مەدھىيە •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1داۋۇت يازغان كۈي: ــ
(داۋۇت ئابىمەلەك پادىشاھنىڭ ئالدىدا يۈرۈش-تۇرۇشىنى باشقىچە قىلىۋالغاندا، ئابىمەلەك ئۇنى ھەيدىۋەتكەن ۋاقىتتا يازغان)
|א| مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن؛
ئۇنى مەدھىيىلەش ئاغزىمدىن چۈشمەيدۇ.  
2|ב| قەلبىم پەرۋەردىگارنى ئىپتىخارلىنىپ مەدھىيەلەيدۇ،
مۆمىنلەر بۇنى ئاڭلاپ شادلىقتا بولىدۇ.
3|ג| مەن بىلەن بىللە پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلاڭلار،
بىرلىكتە ئۇنىڭ نامىغا مەدھىيىلەر ياڭرىتايلى.
4|ד| پەرۋەردىگارنى ئىزدىدىم،
ئۇ مېنىڭ دۇئايىمنى ئىجابەت قىلدى،
مېنى باسقان بارلىق ۋەھىمە-قورقۇنچلىرىمدىن قۇتقۇزدى.
5|ה| مۆمىنلەر ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ نۇرلاندى؛
|ו| يۈزلىرى يەرگە قارىتىلمىدى.
6|ז| مەن پېقىر-بىچارە ئۇنىڭغا نىدا قىلدى،
پەرۋەردىگار ئاڭلاپ، مېنى ھەممە ئاۋارىچىلىكلەردىن قۇتقۇزدى.
7|ח| پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنى قوغداپ ئەتراپىغا چېدىرىنى تىكىدۇ،
ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
8|ט| پەرۋەردىگارنىڭ مېھرىبانلىقىنى تېتىپ، بىلگىن،
ئۇنىڭغا ئىشىنىپ تايانغان ئادەم نېمىدېگەن بەختلىكتۇر!
9|י| ئى ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىڭلار!
چۈنكى ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ھېچ نەرسىسى كەم بولماس.
10|כ| كۈچلۈك ئارسلانلار ئوزۇقسىز قېلىپ ئاچ قالسىمۇ،
ئەمما پەرۋەردىگارنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھېچبىر ياخشى نەرسىسى كەم بولماس.
11|ל| كېلىڭلار بالىلىرىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛
مەن سىلەرگە پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى ئۆگىتىپ قوياي.
12|מ| ھاياتنى ئەتىۋارلايدىغان كىشى كىم؟
كىمنىڭ ئۇزۇن ۋە ياخشى كۈنلەرنى كۆرگۈسى بار؟
13|נ| ئۇنداقتا تىلىڭنى يامانلىقتىن تارتىپ يۈر،
لەۋلىرىڭ مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
14|ס| يامانلىقتىن ئايرىلىپ يىراق بولۇپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈر؛
ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈر.
15|ע| پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ،
ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛
16|פ| پەرۋەردىگارنىڭ چىرايى رەزىللىك قىلغۇچىلارغا قارشى چىقار،
ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نام-خاتىرىلىرىنى يەر يۈزىدىن ئېلىپ تاشلار؛
17|צ| ھەققانىيلار ئىلتىجا قىلىدۇ،
پەرۋەردىگار ئاڭلايدۇ، ئۇلارنى بارلىق ئازاب-مۇشەققەتلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ؛
18|ק| پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر،
روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ.  
19|ר| ھەققانىيلار دۇچ كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر كۆپتۇر؛
بىراق پەرۋەردىگار ئۇلارنى بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزىدۇ.
20|ש| ئۇ ھەققانىينىڭ سۆڭەكلىرىنى ساق قالدۇرىدۇ،
ئۇلاردىن بىرسىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
21|ח| يامانلىقنىڭ ئۆزى رەزىللەرنى ئۆلتۈرىدۇ؛
ھەققانىيلارغا نەپرەتلىنىدىغانلار گۇناھتا قالىدۇ.
22|פ| پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ؛
ئۇنىڭغا تايانغانلاردىن ھېچكىمگە گۇناھ بېكىتىلمەيدۇ.

Notes


34:1 « א ئالەف، ئىبرانىي تىلىدىكى بىرىنچى ھەرپ» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي. ھەربىر ئايەت ئالدىدا ئىبرانىي ھەرپلەر كۆرسىتىلىدۇ (10-كۈيگە بېرىلگەن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك كۈي» توغرۇلۇق ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ). «مەن ھەرقانداق ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن» ــ «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «(خۇداغا) رەھمەت ئېيتىش»، «ئۇنى ئۇلۇغلاش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە «خۇدانى خۇرسەن قىلىش» دېگەن مەنىسىمۇ بار. «تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇش» دېگەننىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلى ئەرەب تىلىدىكى «مۇبارەكلەش» دېگەن سۆزگە ئوخشاپ كېتىدۇ؛ دېمەك، خۇداغا ««بارەك» (بەرىكەت) يەتكۈزۈش».

34:1 1سام. 21‏:13

34:7 ««پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسى»» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە بىر شەخس ئىدى. «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ. «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بەزى ئىشلاردا خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 7:16-14، 18-بابنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ).

34:10 ئايۇپ 4‏:11

34:12 1پېت. 3‏:10

34:14 «ئامان-خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ...» ــ ياكى «ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىپ،...».

34:15 ئايۇپ 36‏:7؛ زەب. 33‏:18؛ 1پېت. 3‏:12

34:18 «پەرۋەردىگار كۆڭلى سۇنۇقلارغا يېقىندۇر، روھى ئېزىلگەنلەرنى قۇتقۇزىدۇ» ــ بۇ ئايەتتىكى «كۆڭلى سۇنۇقلار» ھەمدە «روھى ئېزىلگەنلەر»، شۈبھىسىزكى، توۋا قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

34:18 2تىم. 3‏:11

34:19 2تىم. 3‏:12

34:20 يـۇھ. 19‏:36

34:22 «پەرۋەردىگار ئۆز قۇللىرىنىڭ جانلىرىنى بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ» ــ بۇ يەردە ئىشلەتكەن پېئىل («بەدەل تۆلەپ ھۆرلۈككە چىقىرىدۇ») ئادەتتە قۇللارنى (مەلۇم باھادا) قۇللۇقتىن ئازاد قىلىش، ھۆر قىلىشنى بىلدۈرىدۇ.