37
37-كۈي •••• ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ تەقدىرى •••• «ئېلىپبە تەرتىپلىك» كۈي
1داۋۇت يازغان كۈي: ــ
|א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە،
ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما.
2چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ،
يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ.
3|ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل،
زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان.
4«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن،
ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ.
5|ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛
ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم تىلىكىڭنى ئىجابەت قىلىدۇ.
6|ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك،
ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.
7|ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛
ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن،
يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە.
8|ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت،
ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛
ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
9چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا،
زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
10|ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛
ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ.
11بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ،
ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
12|ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛
ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛
13لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛
چۈنكى رەب ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.
14|ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن،
يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن،
رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ،
ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى.
15لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ،
ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ.
16|ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»،
كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.
17چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛
لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛
18|י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛
ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ.
19ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛
قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.
20|כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛
پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛
ئۇلار تۈگەيدۇ؛
ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ.
21|ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛
ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛
22چۈنكى پەرۋەردىگار رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،
بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛
23|מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛
رەب ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
24ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ.
25|נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛
لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى،
ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛
26ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛
ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.
27|ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار،
مەڭگۈ ياشايسىلەر!
28چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ،
ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛
ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛
|ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
29ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ،
ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.
30|פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛
ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛
31قەلبىدە خۇدانىڭ مۇقەددەس قانۇنى تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس.
32|צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛
ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.
33لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛
ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ.
34|ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت،
ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛
ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ،
رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا،
سەن بۇنى كۆرىسەن.
35|ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم،
ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.
36بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى،
مانا، ئۇ يوق بولدى؛
مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ.
37|ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال،
دۇرۇس ئىنسانغا قارا!
چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ.
38ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛
ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛
39|ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛
ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.
40پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛
ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛
چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.
پەند. 23:17؛ 24:1
زەب. 22:9-10؛ 55:22؛ پەند. 16:3؛ مات. 6:25؛ لۇقا 12:22؛ 1پېت. 5:7
مات. 5:5
سس باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قوزىلارنىڭ يېغىدەك كۆيۈپ كېتىدۇ».
زەب. 40:8؛ يەش. 51:7