50-كۈي •••• ساماۋىي سوتچى سۈكۈتىنى بۇزۇپ سۆزلەيدۇ: ــ •••• «ھەقىقىي ئىبادەت» دېگەن نېمە؟
1ئاساف يازغان كۈي: ــ
قادىر خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار ئېغىز ئېچىپ،
كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە يەر يۈزىدىكىلەرگە مۇراجىئەت قىلدى.   
2گۈزەللىكنىڭ جەۋھىرى بولغان زىئون تېغىدىن،
خۇدا جۇلالىدى.
3خۇدايىمىز كېلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇرمايدۇ؛
ئۇنىڭ ئالدىدا يەۋەتكۈچى ئوت كېلىدۇ؛
ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ.
4ئۆز خەلقىنى سوراق قىلىش ئۈچۈن،
ئۇ يۇقىرىدىن ئاسمانلارنى،
يەرنىمۇ گۇۋاھلىققا چاقىرىدۇ: ــ
5«مېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمنى،
يەنى مەن بىلەن قۇربانلىق ئارقىلىق ئەھدە تۈزگۈچىلەرنى ھۇزۇرۇمغا چاقىرىپ يىغىڭلار!»
6ئاسمانلار ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلان قىلىدۇ،
چۈنكى خۇدا ئۆزى سوراق قىلغۇچىدۇر!
سېلاھ.
7«ئاڭلاڭلار، ئى خەلقىم، مەن سۆز قىلاي؛
ئى ئىسرائىل، مەن ساڭا ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى،
مەنكى خۇدا، سېنىڭ خۇدايىڭدۇرمەن.
8ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن،
ياكى ھەمىشە ئالدىمدا سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس؛
9مەن سېنىڭ ئېغىلىڭدىن ھېچبىر ئۆكۈزنى،
قوتانلىرىڭدىن ھېچبىر تېكىنى ئالماقچى ئەمەسمەن.
10چۈنكى ئورمانلىقلاردىكى بارلىق ھايۋاناتلار ماڭا مەنسۇپتۇر،
مىڭلىغان تاغدىكى مال-ۋارانلارمۇ مېنىڭكىدۇر؛
11تاغلاردىكى پۈتۈن ئۇچار-قاناتلارنى بىلىمەن،
دالادىكى بارلىق جانىۋارلار مېنىڭكىدۇر.
12قارنىم ئاچسىمۇ ساڭا ئېيتمايمەن؛
چۈنكى ئالەم ۋە ئۇنىڭغا تولغان ھەممە نەرسىلەر مېنىڭكىدۇر.
13ئەجەبا، مەن ئۆكۈزنىڭ گۆشىنى يەمدىمەن؟
تېكىنىڭ قېنىنى ئىچەمدىمەن؟
14قۇربانلىق سۈپىتىدە خۇداغا تەشەككۈرلەرنى ئېيت؛
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىغا قىلغان ۋەدەڭگە ۋاپا قىل.
15بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ماڭا مۇراجىئەت قىل؛
مەن سېنى قۇتۇلدۇرىمەن،
سەن بولساڭ مېنى ئۇلۇغلىغايسەن».
16لېكىن رەزىللەرگە خۇدا شۇنداق دەيدۇ: ــ
«مېنىڭ ئەمىرلىرىمنى بايان قىلىشقا نېمە ھەققىڭ بار؟
ئەھدەمنى تىلغا ئالغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟
17سەن مېنىڭ تەلىملىرىمدىن يىرگەندىڭ،
سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟
18ئوغرىنى كۆرسەڭ، سەن ئۇنىڭدىن زوق ئالدىڭ،
زىناخورلار بىلەن شېرىك بولدۇڭ؛
19ئاغزىڭدىن يامان گەپ چۈشمەيدۇ؛
تىلىڭ يالغانچىلىقنى توقۇيدۇ.
20ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ئولتۇرىسەن،
ئاناڭنىڭ ئوغلىغا تۆھمەت قىلىسەن.
21سەن بۇ ئىشلارنى قىلغىنىڭدا، مەن ئۈن چىقارمىدىم؛
دەرۋەقە، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ئوخشاش دەپ ئويلىدىڭ؛
لېكىن مەن سېنى ئەيىبلەپ،
بۇ ئىشلارنى كۆز ئالدىڭدا ئەينى بويىچە ساڭا كۆرسىتىمەن.
22ــ ئى، تەڭرىنى ئۇنتۇغانلار، بۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!
بولمىسا، سىلەرنى پارە-پارە قىلىۋېتىمەن؛
ھېچكىم سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ.
23بىراق قۇربانلىق سۈپىتىدە رەھمەت ئېيتقانلارنىڭ ھەرقايسىسى ماڭا شەرەپ كەلتۈرىدۇ؛
شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ.

Notes


50:1 «ئاساف يازغان كۈي» ــ «ئاساف» داۋۇت پادىشاھنىڭ دەۋرىدە مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا خۇدانى مەدھىيەلەش خىزمىتىدە نەغمىچىلەرنىڭ بېشى ئىدى. ئۇ بەلكىم مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى «خۇدانى مەدھىيىلەش مەدرىسى»نىڭ ئاساسچىسى بولۇشى مۇمكىن. زەبۇردىكى «ئاساف يازغان كۈي» دېيىلگەن كۈيلەرنىڭ بەزىلىرىنى ئاساف ئۆزى يازغان، بەزىلىرىنى، شۈبھىسىزكى، باشقىلار ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئۇنىڭ نامى بىلەن يازغان.

50:1 1تېس. 4‏:14-17

50:3 «... ئۇنىڭ ئەتراپىدا زور بوران-چاپقۇن قاينايدۇ» ــ بەزى ئالىملار بۇ جۈملىدىكى «ئۇنىڭ» «خۇدانىڭ» ئەمەس، بەلكى «ئوتنىڭ» كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

50:8 «ھازىر ئەيىبلىگىنىم سېنىڭ قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن... ئەمەس» ــ مۇشۇ يەردە «قۇربانلىق» ئىبرانىي تىلىدا «زېباھ». بۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە، خۇدا بىلەن ئەھدە قىلغاندا ياكى خۇداغا مەخسۇس قەسەم ئىچكەندە قىلىنىدىغان قۇربانلىق. ئۇنىڭدىن قۇربانلىق سۇنغۇچى ۋە كاھىن يېيىشكە بولاتتى. «... كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس» ــ «كۆيدۈرمە قۇربانلىق» ئىبرانىي تىلىدا «ئولاھ». بۇ خىل قۇربانلىق خۇداغا بولغان ساپ ئىبادەتنى بىلدۈرۈش يولىدا، قۇربانلىقنىڭ ھەممىسى كۆيدۈرۈلەتتى؛ دېمەك، نە قۇربانلىق قىلغۇچى كاھىن، نە قۇربانلىق سۇنغۇچى ئادەم ئۇنىڭ كىچىككىنە بىر پارچە گۆشىنىمۇ يېمەيتتى («لاۋ.» 1-بابنى كۆرۈڭ).

50:12 مىس. 19‏:5؛ قان. 10‏:14؛ ئايۇپ 41‏:3؛ زەب. 24‏:1؛ 1كور. 10‏:26،28

50:14 قان. 23‏:22؛ ئايۇپ 22‏:27؛ زەب. 76‏:11؛ توپ. 5‏:3، 4، 5

50:17 «... سۆزلىرىمنى رەت قىلدىڭ ئەمەسمۇ؟» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «سۆزلىرىمنى ئارقاڭغا تاشلىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ؟».

50:23 «... شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نىجاتلىقىمنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ نىجاتلىقىنى كۆرسىتىشىمگە يول تەييارلىغان بولىدۇ». بىزنىڭچە سۆزلىگۈچى مەسىھدۇر (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).