54
54-كۈي •••• ساتقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا قىلغان دۇئا
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان «ماسقىل» (زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان):
ئى خۇدا، ئۆز نامىڭ بىلەن مېنى قۇتقۇزغايسەن؛
زور قۇدرىتىڭ بىلەن دەۋايىمنى سورىغايسەن.
2ئى خۇدا، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛
ئاغزىمدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سالغايسەن.
3چۈنكى يات ئادەملەر ماڭا ھۇجۇم قىلىشقا ئورنىدىن تۇردى؛
زومىگەرلەر مېنىڭ جېنىمنى ئوۋلىماقتا؛
ئۇلار خۇدانى نەزىرىگە ھېچ ئىلمايدۇ.
سېلاھ.
4قارا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلغۇچىدۇر؛
رەب جېنىمنى يۆلەيدىغانلار ئارىسىدىدۇر.
سېلاھ.
5ئۇ دۈشمەنلىرىمنىڭ يامانلىقىنى ئۆزىگە قايتۇرىدۇ؛
ئى خۇدا، ئۆز ھەقىقىتىڭ بىلەن ئۇلارنى ئۈزۈپ تاشلىغايسەن.
6مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن؛
نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
شۇنداق قىلىش ئەلادۇر.
7چۈنكى ئۇ مېنى بارلىق بالا-قازالاردىن قۇتقۇزدى؛
دۈشمەنلىرىمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى ئۆز كۆزۇم بىلەن كۆردۈم.
Notes
□54:1
«زىف شەھىرىدىكىلەر سائۇل پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ: «داۋۇت بىزنىڭ مۇشۇ يۇرتىمىزغا مۆكۈۋالغان، سىلى بىلمەمدىلا؟» دەپ ئايغاقچىلىق قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان» ــ بۇ ۋەقەلەر «1سام.» -14:23-29ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ.
■54:1
1سام. 23:19-28؛ 26:1
□54:3
«يات ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى» ــ ياكى «تەكەببۇر ئادەملەر ... ئورنىدىن تۇردى».
□54:6
«مەن ساڭا خالىس قۇربانلىقلار سۇنىمەن» ــ «خالىس قۇربانلىقلار»: مۇسا پەيغەمبەر تۈزگەن نىزام بويىچە، «خالىس قۇربانلىق» خۇدانىڭ كۆرسەتكەن مەلۇم ئىلتىپاتى ياكى شەپقىتى ئۈچۈن رەھمەتلەرنى بىلدۈرىدىغان بىرخىل قۇربانلىق.