67-كۈي •••• دۇنيا ئۈچۈن نىجاتلىق باردۇر!
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ
خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ،
ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي!
سېلاھ!
2شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا،
قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ.
3بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
4جىمى قوۋملار خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي،
چۈنكى سەن خەلق-مىللەتلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن،
يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛
سېلاھ.
5بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛
بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!
6ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛
خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛
7خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛
شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزندىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!

Notes


67:1 چۆل. 6‏:25؛ زەب. 4‏:6