75-كۈي •••• ئادىل سوراقچى خۇدا
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ
ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز!
چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛
بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ.
2 مەنكى پەرۋەردىگار: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا،
ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛
3يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ،
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى.
سېلاھ.
4ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»،
ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛
5 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛
بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»
6چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس،
ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛
7چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛
ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.
8چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛
ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛
خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛
دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛
9مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ
ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10«مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛
بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!».

Notes


75:4 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!

75:6 «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».

75:10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.