80-كۈي •••• خۇدا يولىدا يۇرتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن دۇئا •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1«نىلۇپەرلەر» دېگەن ئاھاڭدا؛ بىر گۇۋاھلىق؛ ئاساف يازغان كۈي: ــ
قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى،
يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛
ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى،
نۇرلانغايسەن!
2ئەفرائىم، بىنيامىن، ماناسسەهلەرنىڭ ئالدىدا قۇدرىتىڭنى قوزغىغايسەن،
بىزلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلگەيسەن!
3ئى خۇدا، بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
4ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
خەلقىڭنىڭ دۇئالىرىغا بولغان غەزىپىڭ قاچانغىچە يالقۇنلاپ تۇرىدۇ؟
5سەن كۆز ياشلىرىنى ئۇلارغا ئوزۇق ئورنىدا قىلدىڭ،
كۆز ياشلىرىنى قاچا-قاچىلاپ ئۇلارغا ئىچكۈزدۇڭ.
6بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ؛
دۈشمەنلىرىمىز بىزنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.  
7ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!
8سەن مىسىردىن بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنى ئېلىپ كەلدىڭ؛
يات ئەللەرنى ھەيدىۋېتىپ، ئورنىغا ئۇنى تىكتىڭ.
9ئۇنىڭ ئالدىدا يەرنى كەڭ ئاچتىڭ؛
ئۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۈتۈن زېمىنغا يېيىلدى.
10ئۇنىڭ سايىسى تاغلارنى قاپلىدى؛
غوللىرى قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك ئۆستى؛
11ئۇ شاخلىرىنى دېڭىزغىچە،
پىلەكلىرىنى ئەفرات دەرياسى بويلىرىغىچە ئۇزارتتى.
12سەن نېمىشقا ئۇنىڭ قاشالىرىنى بۇزۇپ،
مېۋىسىنى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئۈزۈپ ئېلىشىغا يول قويدۇڭ؟
13مانا ئورمانلىقتىكى ياۋا توڭگۇزلار ئۇنى يېرىۋاتىدۇ،
دالادىكى ھايۋاناتلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىنىدۇ.
14ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا، سەندىن ئۆتۈنىمىزكى،
يېنىمىزغا قايتقايسەن!
ئەرشتىن ھالىمىزغا نەزەر سالغايسەن،
كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن!
15يەنى ئوڭ قولۇڭ تىككەن بۇ يىلتىزدىن،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن بۇ ئوغلۇڭدىن خەۋەر ئالغايسەن!
16مانا ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلدى،
كېسىۋېتىلدى؛
يۈزۈڭدىكى تەنبىھىي قارىشىڭنى كۆرۈپ ئۇلار ھالاك بولماقتا؛
17قولۇڭنى ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەمگە،
يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلىغا قوندۇرغايسەن؛  
18شۇنداق قىلغاندا بىز سەندىن ھەرگىز چېكىنمەيمىز؛
بىزنى يېڭىلىغايسەن، شۇندا بىز نامىڭنى چاقىرىپ ساڭا ئىلتىجا قىلىمىز.
19ئى پەرۋەردىگار، ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا،
بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن!
جامالىڭنىڭ نۇرىنى چاچقايسەن، شۇندا بىز قۇتقۇزۇلىمىز!

Notes


80:1 «قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن!» ــ بۇ كۈي بەلكىم ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (جەنۇبىي پادىشاھلىقىدا، يەنى «يەھۇدا»دا) مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 734-722 يىللاردا يېزىلغان؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل شىمالىي پادىشاھلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالدى. جەنۇبىي پادىشاھلىقتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەپسۇسلىنىپ، شىمالىدىكى قېرىندىشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىردىن «كېرۇب»، يەنى كۈچلۈك پەرىشتىنىڭ سېيماسى تۇرىدۇ. خۇدا ئەسلىدە ئۆز ھۇزۇرىنىڭ بۇ ئىككى كېرۇب ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ۋەدە قىلغان.

80:3 زەب. 4‏:6؛ 31‏:16؛ 67‏:1-2؛ دان. 9‏:17

80:6 «بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: ــ «سەن بىزنى قوشنىمىزغا مازاق ئوبيېكتى قىلدىڭ» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ.

80:6 زەب. 44‏:13-14؛ 79‏:4

80:8 يەش. 5؛ يەر. 2‏:21؛ ئ‍ەز. 15؛ 17‏:3-10؛ يـۇھ. 15‏:1

80:10 «قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك..» ــ ياكى «تەڭرىنىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك...».

80:14 «... كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئۈزۈم تېلىنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

80:17 «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم... يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى..» ــ «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم»، «ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى» شۈبھىسىزكى مەسىھ توغرۇلۇق ئالدىنئالا ئېيتىلغان بېشارەتلىك سۆز.

80:17 زەب. 110‏:1؛ دان. 7‏:13، 14؛ مات. 16‏:27؛ ئىبر. 1‏:3؛ 8‏:1؛ 10‏:12؛ 12‏:1؛ 1پېت. 3‏:22