85
85-كۈي •••• ئىسرائىلنىڭ ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلىشى ئۈچۈن مېھىر-شەپقەت تەلەپ قىلىش
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ
سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ،
ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار.
2خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ،
بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ.
سېلاھ.
3سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭگە قايتۇرۇۋېلىپ،
غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن.
4ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا!
بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!
5سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟
ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟
6خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن،
بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟
7بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار،
بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن!
8تەڭرى پەرۋەردىگارنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىغا قۇلاق سالاي؛
چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىگە، ئۆز مۆمىن بەندىلىرىگە ئامان-خاتىرجەملىكنى سۆزلەيدۇ؛
ئۇلار يەنە ھاماقەتلىككە قايتمىسۇن!
9زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن،
دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛
10ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛
ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛
11ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا،
ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ.
12پەرۋەردىگار بەرىكەت بېرىدۇ،
زېمىنىمىز ھوسۇلىنى بېرىدۇ؛
13ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ،
ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!
Notes
□85:4
«ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن!» ــ خۇدانىڭ ئىسرائىلغا رەھىمدىللىق كۆرسىتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ (3-ئايەتنى كۆرۈڭ)، مۇشۇ كۈينىڭ مۇئەللىپى خۇدادىن ئىسرائىلنى ئۈزۈل-كېسىل توۋا قىلدۇرغايسەن، ئۇلارنى ئۆز يېنىڭغا، شۇنداقلا ئۆز يۇرتىغا قايتۇرغايسەن، دەپ دۇئا قىلىشنى باشلايدۇ.
■85:6
زەب. 71:20؛ 80:18؛ 138:7
□85:10
«ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى» ــ بۇ سىرلىق سۆزلەر شۈبھىسىزكى، مەسىھنىڭ ئۆزىنى قۇربانلىق قىلغىنىدا، ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
■85:10
ئىبر. 7:2
■85:12
زەب. 67:6
□85:13
«ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: «ھەققانىيەت ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ھەم ئۆزىنى ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئورنىتىدۇ».