95-كۈي •••• ھەقىقىي ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئاڭلاش كېرەك
1كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ كۈيلەيلى،
نىجاتلىقىمىز بولغان قورام تېشىمىزغا تەنتەنە قىلايلى!
2تەشەككۈرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەيلى،
ئۇنىڭغا كۈيلەر بىلەن تەنتەنە قىلايلى!
3چۈنكى پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر،
پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر.
4يەرنىڭ تەگلىرى ئۇنىڭ قولىدىدۇر،
تاغلارنىڭ چوققىلىرىمۇ ئۇنىڭكىدۇر.
5دېڭىز ئۇنىڭكى، ئۇ ئۇنى ياراتقان؛
قۇرۇقلۇقنى ئۇنىڭ قوللىرى شەكىللەندۈردى.
6كېلىڭلار، ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ سەجدە قىلايلى،
پەرۋەردىگار ياراتقۇچىمىز ئالدىدا تىز پۈكەيلى!
7چۈنكى ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر،
بىز بولساق ئۇنىڭ يايلىقىدىكى خەلق،
ئۇنىڭ قولى باقىدىغان قويلارمىز.
بۈگۈن، ئەگەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭلار،
8ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك،
يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!  
9مانا شۇ يەردە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مېنى سىنىدى، ئىسپاتلىدى ھەم قىلغىنىمنى كۆردى.
10مەن قىرىق يىل شۇ دەۋردىن بىزار بولۇپ: ــ
«بۇلار كۆڭلىدە ئاداشقان بىر خەلقتۇر،
مېنىڭ يوللىرىمنى ھېچ بىلىپ يەتمىگەن» ــ دېدىم.
11شۇڭا مەن غەزەپلىنىپ قەسەم ئىچىپ: ــ
«ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ دېدىم.

Notes


95:3 «... پەرۋەردىگار ــ بۈيۈك بىر ئىلاھتۇر، پۈتكۈل ئىلاھلار ئۈستىدىكى بۈيۈك بىر پادىشاھتۇر» ــ بۇ ئايەتتىكى «ئىلاھلار»: (1) تائىپىلار چوقۇنىدىغان بۇتلارنى (ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە تۇرغان جىن-شەيتانلارنى ــ «زەب.» 4:96-5، «1كور.» 4:8-6 ۋە 19:10-21نى كۆرۈڭ) ياكى (2) خۇدانىڭ سۆزىگە مەسئۇل بولغان ئىسرائىل ھاكىملىرىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.

95:7 زەب. 100‏:3؛ ئىبر. 3‏:7

95:8 «ئەينى چاغلاردا مەرىباھدا بولغاندەك، چۆل-باياۋاندىكى ماسساھدا بولغان كۈندەك، يۈرىكىڭلارنى جاھىل قىلماڭلار!» ــ «مەرىباھ» ۋە «ماسساھ» دېگەن جايلاردا ئىسرائىللار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى ئىسيان-ئاسىيلىق كۆتۈرگەن. بۇ ۋەقەلەر «مىس.» 17-باب، «چۆل.» 20-بابتا خاتىرىلەنگەن.

95:8 مىس. 17‏:7؛ چۆل. 20‏:1،3،13؛ قان. 6‏:16

95:9 ئىبر. 3‏:9

95:10 ئىبر. 3‏:17

95:11 «ئۇلار ھەرگىز مېنىڭ ئارامگاھىمغا كىرمەيدۇ» ــ «مېنىڭ ئارامگاھىم» (1) خۇدا ئىسرائىللارغا ۋەدە بەرگەن قانائان (پەلەستىن) زېمىنىنى كۆرسىتىدۇ. مىسىردىن چىقىپ چۆل-باياۋاندا قىرىق يىل سەرسان بولۇپ يۈرگەن شۇ دەۋردە ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ ئۇ زېمىنغا كىرمىگەن. (2) «ئارامگاھ» پەقەت زېمىننىلا ئەمەس، بەلكى يەنە خۇدانىڭ پاناھى، يېتەكچىلىكى ھەم شەپقىتى ئاستىدا ياشاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (ئىنجىل، «ئىبرانىيلارغا»، 4-بابنىمۇ كۆرۈڭ).