112-كۈي •••• خۇدادىن ئەيمىنىدىغان كىشى •••• 1-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ
1ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان،
ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!  
2ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛
دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ.
3ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛
ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.
4قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛
ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر.
5خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛
ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ.
6بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛
ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ.
7ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛
ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان.
8دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛
ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ.
9ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان،
يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛
ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ.
10رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ،
چىشلىرىنى غۇجۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛
رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ.

Notes


112:1 «ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.

112:1 زەب. 1‏:1، 2

112:5 «ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «ئۇ ئۆز ئادىللىقى بىلەن ئۆز ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدۇ» ياكى «دەۋادا بولسا ھۆكۈم ئۇنىڭ تەرىپىدە بولىدۇ». مۇمكىنچىلىكى باركى، يازغۇچى بۇ ئۈچ مەنىنىڭ ھەممىسىنى كۆزدە تۇتقان.