113-كۈي •••• خۇدا شەپقىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆزىنى تۆۋەن تۇتىدۇ
1ھەمدۇسانا!
مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار!
2ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە،
پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلسۇن!
3كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا،
پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر!
4پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛
شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر.
5كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ
ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ،
6ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن،
ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟
7نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛
قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛
8ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا،
يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛
9ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ،
ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ.
ھەمدۇسانا!

Notes


113:2 دان. 2‏:20

113:3 مال. 1‏:11

113:7 1سام. 2‏:8؛ زەب. 107‏:41