127-كۈي •••• خۇدا بەرگەن نېسىۋەنى ھېچكىم تارتىۋالالمايدۇ
1«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ سۇلايمان يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار ئۆزى ئۆي سالمىسا،
سالغۇچىلار بىكاردىن-بىكار ئۇنىڭغا ئەجىر سىڭدۈرىدۇ؛
پەرۋەردىگار شەھەرنى ساقلىمىسا،
كۆزەتچىلەر بىكاردىن-بىكار ئويغاق تۇرىدۇ.
2سىلەرنىڭ سەھەردە ئورنۇڭلاردىن قوپۇشۇڭلار،
كەچ بولغاندا يېتىشىڭلار،
جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر؛
چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ.
3مانا، بالىلار پەرۋەردىگاردىن بولغان مىراستۇر،
بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى ئۇنىڭ مۇكاپاتىدۇر؛
4ياشلىقتا تاپقان بالىلار،
باتۇرنىڭ قولىدىكى ئوقلاردەك بولىدۇ.
5ئوقدېنى مۇشۇلار بىلەن تولغان ئادەم بەختلىكتۇر؛
شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا،
ئۇلار يەرگە قاراپ قالمايدۇ.

Notes


127:2 «جاپا-مۇشەققەتنى ناندەك يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «جاپا-مۇشەققەت بىلەن تاپقان ناننى يېگىنىڭلار بىكاردىن-بىكاردۇر». «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇيقۇنى بېرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى ئۇ ئۆز سۆيگىنىگە ئۇخلىغان ۋاقتىدا بېرىدۇ».

127:5 «شەھەر دەرۋازىسىدا تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن سۆزلىشىۋاتقىنىدا» ــ «شەھەر دەرۋازىسى» خالايىق يىغىن ئاچىدىغان، جەم بولىدىغان جاي ئىدى.