141
141-كۈي •••• رەزىللىك بىلەن مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدۇ
1داۋۇت يازغان كۈي: ــ
پەرۋەردىگار، مەن ساڭا نىدا قىلدىم؛
يېنىمغا تېزدىن كەلگەيسەن؛
ساڭا نىدا قىلغىنىمدا ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن.
2دۇئايىمنى ئاڭلىغىنىڭدا، ساڭا سۇنۇلغان خۇشبۇيدەك يېقىملىق بولسۇن،
قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن.
3ئاغزىم ئالدىدا كۆزەتچى تۇرغۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار؛
لەۋلىرىم دەرۋازىسىنى ساقلىغايسەن؛
4كۆڭلۈمنى ھېچقانداق يامان ئىشقا،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا شېرىك بولۇپ، رەزىللىك قىلىشقا مايىل قىلمىغايسەن.
مېنى ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىدىن ھېچ يېگۈزمىگەيسەن!
5ھەققانىي ئادەم مېنى ئۇرسۇن ــ
بۇ ماڭا مېھرىبانلىقتۇر؛
ماڭا تەنبىھ بەرسۇن ــ
بۇ بولسا، بېشىم رەت قىلمايدىغان، قۇيۇلغان ئېسىل مايدەك بولىدۇ.
چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ.
6ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى تىك يارلاردىن تاشلىۋېتىلگەندە،
خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛
چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر.
7بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك،
مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى؛
8بەرھەق، كۆزلىرىم ساڭىلا تىكىلىپ قارايدۇ، پەرۋەردىگار رەببىم؛
ساڭا تايىنىمەن؛
جېنىمنى خاراب قىلىپ تاشلىۋەتمىگەيسەن.
9ئۇلارنىڭ ماڭا سالغان قىلتىقىدىن،
قەبىھلىك قىلغۇچىلارنىڭ تۇزاقلىرىدىن مېنى ساقلىغايسەن؛
10رەزىللەر ئۆزىنىڭ تورلىرىغا يىقىلسۇن،
مەن بولسام ــ ئۆتۈپ كېتىمەن.
Notes
□141:2
«قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك قۇربانلىقتەك قوبۇل بولسۇن» ــ ياكى «قولۇمنىڭ كۆتۈرۈلۈشى سۇنۇلغان كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەدەك قوبۇل بولسۇن» ــ ئىبادەتخانىدا كاھىنلار كەچلىك قۇربانلىق ياكى ھەدىيە سۇنۇشتىن ئاۋۋال، قولى بىلەن شۇ قۇربانلىق-ھەدىيەلەرنى خۇدا ئالدىدا كۆتۈرەتتى.
■141:2
مىس. 29:30؛ ۋەھ. 5:8؛ 8:3
□141:5
«چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم يەنىلا شۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىگە قارشى بولىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «چۈنكى مېنىڭ دۇئايىم ئۇلارغا (رەزىللەرگە) كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلار ئۈچۈن داۋاملىشىۋېرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا «يامانلىق» ھەم «كۈلپەت» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ).
□141:6
«خەلق مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ؛ چۈنكى بۇ سۆزلەر شېرىندۇر» ــ «شېرىن» بەلكىم مۇشۇ يەردە «جايىدا، ئورۇنلۇق» دېگەن مەنىدە.
□141:7
«بىرسى ئوتۇن يارغاندا يەرگە چېچىلغان يېرىندىلاردەك، مانا، ئۇستىخانلىرىمىز تەھتىسارا ئىشىكى ئالدىدا چېچىۋېتىلدى» ــ ئايەتنىڭ بىرنەچچە تەرجىمىلىرى بار. ئىبرانىي تىلىدىكى نۇسخىسىدا، مۇشۇ سۆز ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، چۈشىنىش تەس.
■141:7
ئەز. 37:1،11،12