145-كۈي •••• خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى كېيىنكى ئەۋلادقا بايان قىلىش •••• «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي
1مەدھىيە: داۋۇت يازغان كۈي: ــ
|א| مەن سېنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايمەن، خۇدايىم، ئى پادىشاھ؛
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن.
2|ב| ھەركۈنى ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن،
نامىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىمەن!
3|ג| ئۇلۇغدۇر پەرۋەردىگار، زور مەدھىيىلەرگە لايىقتۇر!
ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى سۈرۈشتۈرۈپ بولغىلى بولماس؛
4|ד| بىر دەۋر يېڭى بىر دەۋرگە سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ماختايدۇ؛
ئۇلار قۇدرەتلىك قىلغانلىرىڭنى جاكارلايدۇ؛
5|ה| مەن ھەيۋىتىڭنىڭ شەرەپلىك جۇلالىقىنى،
ۋە كارامەت مۆجىزىلىرىڭنى سېغىنىپ سۆزلەيمەن؛
6|ו|: شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قورقۇنچلۇق ئىشلىرىڭنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىدۇ؛
مەنمۇ ئۇلۇغ ئەمەللىرىڭنى جاكارلايمەن!
7|ז| ئۇلار زور مېھرىبانلىقىڭنى ئەسلەپ، ئۇنى مۇبارەكلەپ تارقىتىدۇ،
ھەققانلىيلىقىڭ توغرۇلۇق يۇقىرى ئاۋازدا كۈيلەيدۇ.
8|ח| پەرۋەردىگار مېھىر-شەپقەتلىك ھەم رەھىمدىلدۇر؛
ئاسان غەزەپلەنمەيدۇ، ئۇ زور مېھىر-مۇھەببەتلىكتۇر؛
9|ט| پەرۋەردىگار ھەممىگە مېھرىباندۇر؛
ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرى بارچە ياراتقانلىرىنىڭ ئۈستىدىدۇر؛
10|י| سېنىڭ بارلىق ياسىغانلىرىڭ سېنى مەدھىيىلەيدۇ، ئى پەرۋەردىگار،
سېنىڭ مۆمىن بەندىلىرىڭ ساڭا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرىدۇ.
11|כ| ئۇلار پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرىپىدىن خەۋەر يەتكۈزىدۇ،
كۈچ-قۇدرىتىڭنى سۆزلەيدۇ؛
12|ל| شۇنداق قىلىپ ئىنسان بالىلىرىغا قۇدرەتلىك ئىشلىرىڭ،
پادىشاھلىقىڭنىڭ شەرەپلىك ھەيۋىسى ئايان قىلىنىدۇ.
13|מ| سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ ئەبەدىي پادىشاھلىقتۇر،
سەلتەنىتىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر.
14|ס| پەرۋەردىگار يىقىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۆلەيدۇ،
ئېگىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇرغۇزىدۇ.
15|ע| ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ساڭا تىكىلىپ كۈتىدۇ؛
ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا رىزقىنى تەقسىم قىلىپ بېرىسەن؛
16|פ| قولۇڭنى ئېچىشىڭ بىلەنلا،
بارلىق جان ئىگىلىرىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرىسەن.
17|צ| پەرۋەردىگار بارلىق يوللىرىدا ھەققانىيدۇر،
ياسىغانلىرىنىڭ ھەممىسىگە مۇھەببەتلىكتۇر.
18|ק| پەرۋەردىگار ئۆزىگە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر،
ئۆزىگە ھەقىقەتتە نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە يېقىندۇر؛
19|ר| ئۇ ئۆزىدىن ئەيمىنىدىغانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛
ئۇلارنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
20|ש| پەرۋەردىگار ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ھەممىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛
رەزىللەرنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىدۇ.
21|ת| ئاغزىم پەرۋەردىگارنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىدۇ؛
بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرغاي!