رەبنىڭ كۈنىنى كۈتۈۋېلىش
1لېكىن ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇ ئىشلارنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە زامانلىرى توغرىسىدا يېزىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. 2چۈنكى ئۆزۈڭلار ئوبدان بىلىسىلەر، رەبنىڭ كۈنى خۇددى كېچىدە كىرگەن ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ. 3ئەمدى كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان بولۇۋاتىدۇ» دەپ تۇرغاندا، خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىدەك، ھالاكەت ئۇلارنىڭ بېشىغا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 4لېكىن سىلەر، ئى قېرىنداشلار، قاراڭغۇلۇقتا تۇرغۇچىلار ئەمەسسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈن سىلەرنى ئوغرىدەك چۆچۈتۈپ كەلمەيدۇ. 5چۈنكى سىلەر ھەممىڭلار يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرى، كۈندۈزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر؛ بىز كېچىگە تەۋە ياكى قاراڭغۇلۇققا مەنسۇپ ئەمەسمىز.
6شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ھەممىسىدەك ئۇخلىمايلى، بەلكى سەگەك ۋە سالماق بولايلى. 7چۈنكى ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەست بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەست بولىدۇ. 8بىراق ئۆزىمىز كۈندۈزگە مەنسۇپ بولغاندىن كېيىن، سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى؛   9چۈنكى خۇدا بىزنى ئۆز غەزىپىگە ئۇچرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تاللاپ بېكىتكەن. 10ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆلدى ــ مەقسىتى، ھايات قېلىپ ئويغاق تۇرساقمۇ ياكى ئۆلۈمدە ئۇخلىغان بولساقمۇ، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈندۇر.  
11شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر قىلىۋاتقىنىڭلارغا ئوخشاش، بىر-بىرىڭلارنى داۋاملىق رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇڭلار.
ئاخىرقى تەلىم ۋە سالاملار
12ئەمدى ئى قېرىنداشلار، ئاراڭلاردا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ۋە رەبدە سىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، نەسىھەت بېرىۋاتقانلارنى قەدىرلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمىز. 13بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 14ئەمما، ئى قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنىمۇ ئۆتۈنىمىزكى، تەرتىپسىز يۈرگەنلەرگە نەسىھەت بېرىڭلار، يۈرەكسىزلەرنى رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار ۋە ھەممە ئادەمگە سەۋرىچان بولۇڭلار. 15ھېچقايسىڭلار يامانلىققا يامانلىق قىلماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ۋە بارلىق كىشىلەرگە ھەمىشە ياخشىلىق قىلىشقا ئىنتىلىڭلار.
16ھەردائىم شادلىنىڭلار. 17توختىماي دۇئا قىلىڭلار. 18ھەرقانداق ئىشتا تەشەككۈر ئېيتىڭلار. چۈنكى مانا بۇلار خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە قاراتقان ئىرادىسىدۇر. 19روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار.    20ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار؛ 21ھەممە گەپنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاپ كۆرۈڭلار؛ دۇرۇس بولسا ئۇنى چىڭ تۇتۇپ قولدىن بەرمەڭلار. 22يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار.  
23خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى سىلەرنى ئۆزۈل-كېسىل پاك-مۇقەددەس قىلغاي، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە پۈتكۈل روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.    24سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ.    25قېرىنداشلار، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 26ھەممە قېرىنداشلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار. 27مەن رەبدە سىلەرگە شۇنى جىددىي تاپىلايمەنكى، بۇ خەتنى شۇ يەردىكى ھەممە مۇقەددەس قېرىنداشلارغا ئوقۇپ بېرىڭلار! 28رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!

Notes


5:2 مات. 24‏:43؛ 2پېت. 3‏:10؛ ۋەھ. 3‏:3؛ 16‏:15.

5:3 2تېـس. 1‏:9.

5:4 ئ‍ەف. 5‏:8.

5:5 لۇقا 16‏:8؛ رىم. 13‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:8.

5:6 لۇقا 21‏:36؛ رىم. 13‏:11،13؛ 1كور. 15‏:34؛ ئ‍ەف. 5‏:14.

5:8 «... سالماق بولايلى، كۆكرىكىمىزگە ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەتنى ساۋۇت قىلىپ، بېشىمىزغا نىجاتقا باغلانغان ئۈمىدنى دۇبۇلغا قىلىپ كىيىۋالايلى» ــ «يەش.» 17:59نى كۆرۈڭ. گرېك تىلىدا: «مەيدىمىزگە ئېتىقاد ۋە مۇھەببەتنىڭ ساۋۇتىنى، بېشىمىزغا نىجاتنىڭ ئۈمىدىنى دۇبۇلغىسىنى كىيىۋالايلى».

5:8 يەش. 59‏:17؛ ئ‍ەف. 6‏:14.

5:10 «بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھاياتتا بولۇشىمىز ئۈچۈن» ــ دېمەك، ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىدە تىرىلىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن.

5:10 رىم. 14‏:7؛ 2كور. 5‏:15؛ گال. 2‏:20؛ 1پېت. 4‏:2.

5:12 رىم. 15‏:27؛ 1كور. 9‏:11؛ 16‏:18؛ گال. 6‏:6؛ فىل. 2‏:29؛ 1تىم. 5‏:17؛ ئىبر. 13‏:7،17.

5:13 «... بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قەدىرلەڭلار. بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار» ــ مۇشۇنداق ئېتىقادچىلار جامائەتتە مەيدانغا كەلسە، كېيىنچە ئۇلارنى جامائەتتىكى «ئاقساقال» ياكى «يېتەكچى» دەپ بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. پاۋلۇس تېسالونىكادىكى جامائەتتە تېخى ئاقساقاللارنى بېكىتمىگەنىدى.

5:14 «...ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇڭلار» ــ «ئاجىزلار» بەلكىم روھىي ھەم جىسمانىي تەرەپلەردە بولغان ئاجىزلارنى كۆرسىتىدۇ.

5:15 لاۋ. 19‏:18؛ پەند. 20‏:22؛ 24‏:29؛ مات. 5‏:39؛ رىم. 12‏:17؛ 1كور. 6‏:7؛ 1پېت. 3‏:9.

5:16 مات. 5‏:12؛ لۇقا 10‏:20؛ رىم. 12‏:12؛ فىل. 4‏:4.

5:17 لۇقا 18‏:1؛ رىم. 12‏:12؛ كول. 4‏:2.

5:18 ئ‍ەف. 5‏:20.

5:19 «روھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەڭلار» ــ گرېك تىلىدا «روھنى ئۆچۈرمەڭلار». «روھ» مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە. «مۇقەددەس روھنىڭ ئوتى» ئىشەنگەن ئادەمنىڭ قەلبىدە ياخشىلىق قىلىشقا ياكى بولۇپمۇ مەلۇم بىر روھىي ئىلتىپاتنى بىلدۈرۈشكە كۈچلۈك ئىلھام پەيدا قىلغان بولسا ئۇنى «ئۆچۈرۈش»كە بولمايدۇ. مۇشۇ سۆزلەر بەلكىم بېشارەت بېرىش ياكى باشقا مۆجىزىلىك ئىلتىپاتلارنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ كېيىنكى ئايەت بىلەن مۇناسۋىتى بار.

5:19 1كور. 14‏:30.

5:20 «ئاراڭلاردا پەيغەمبەرلەرچە يەتكۈزۈلگەن بېشارەتلىك سۆزلەرنى كەمسىتمەڭلار» ــ گرېك تىلىدا «پەيغەمبەرلىك سۆزلەر». «روھىي ئىلتىپاتلار» توغرۇلۇق «كورىنتلىقلارغا (1)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

5:21 1يۇھ. 4‏:1.

5:22 «يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلىدىن ئۆزۈڭلارنى يىراق تۇتۇڭلار» ــ «يامانلىقنىڭ ھەرقانداق شەكلى» يامانلىقنىڭ ھەر خىللىقلىقىنى ھەمدە يامان ئىشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېتىقادچىلار ھەتتا «يامان ئىشتەك كۆرۈنۈپ قالىدىغان» ئىشتىمۇ بولماسلىققا كۆڭۈل بۆلۈشىگە توغرا كېلىدۇ.

5:22 فىل. 4‏:8.

5:23 «خاتىرجەملىكنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدا» ــ گرېك تىلىدا: «خاتىرجەملىكنىڭ خۇداسى» ــ دېمەك، خاتىرجەملىك بەرگۈچى ھەم ئۆزى ھەردائىم خاتىرجەملىكتە تۇرغۇچى خۇدادۇر.

5:23 1كور. 1‏:8؛ فىل. 4‏:9؛ 1تېس. 3‏:13.

5:24 «سىلەرنى چاقىرغۇچى بولسا سادىق-ۋاپادۇر، ئۇ ئۇنى جەزمەن ئادا قىلماي قالمايدۇ» ــ «سىلەرنى چاقىرغۇچى» ــ خۇدا، ئەلۋەتتە.

5:24 1كور. 1‏:9؛ 10‏:13؛ 2كور. 1‏:18؛ 2تېـس. 3‏:3.

5:26 رىم. 16‏:16؛ 1كور. 16‏:20؛ 2كور. 13‏:12؛ 1پېت. 5‏:14.