7
ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام
1ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. 2كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقىمۇ بوغۇزلىنىدۇ؛ كاھىن قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. 3 قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى بارلىق مېيىنى سۇنسۇن؛ يەنى مايلىق قۇيرۇقى بىلەن ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، 4ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجرىتىپ سۇنسۇن. 5كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ. 6كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.
7گۇناھ قۇربانلىقى قانداق بولسا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى توغرىسىدكى قائىدە-نىزام ئوخشاش؛ بۇ قۇربانلىق كافارەت كەلتۈرۈشكە قۇربانلىق ئۆتكۈزگۈچى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن.
كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئاشلىق ھەدىيەلەردىن كاھىنلارغا تېگىدىغان ئۈلۈشى توغرۇلۇق بەلگىلىمە
8كاھىن بىرسىنىڭ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى شۇ كاھىننىڭ بولىدۇ. 9تونۇردا پىشۇرۇلغان ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، شۇنداقلا قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنى ئۆتكۈزگەن كاھىننىڭ بولىدۇ، يەنى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. 10ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، مەيلى زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن بولسۇن، بۇلار ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ.
ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام
11پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ
12سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن. 13شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛ 14ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن قوش قوللاپ سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن. 15تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن.
16ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛ 17لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. 18ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ.
19شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. 20لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 21كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
ئاددىي پۇقرالارغا قارىتىلغان بەلگىلىمىلەر
22پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
23ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار. 24ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. 25چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
26سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار. 27كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ.
ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ كاھىنلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان قىسىملىرى
28پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ
29ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن. 30ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. 31كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن.
32ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار. 33ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن. 34چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم.
35 مۇسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر. 36 مۇسا ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ ئىسرائىللارغا دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ.
خۇلاسە
37كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا شۇدۇر. 38پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇ سىناي باياۋىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى.
Notes
□7:3
«قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».
□7:6
«مۇقەددەس يەردە» ــ بۇ سۆزلەر مۇقەددەس جاينىڭ ئەتراپىدىكى ھويلىنى كۆرسىتىدۇ، «مۇقەددەس چېدىر» («ئەڭ مۇقەددەس جاي» ۋە «مۇقەددەس جاي»)نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
□7:12
«پېتىر توقاچلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا بۇ سۆز ياكى ھالقىسىمان ياكى چەككۈچ بىلەن تېشىلگەن بىرخىل نانلارنى كۆرسىتىدۇ.
■7:12
زەب. 116:17
□7:14
«كۆتۈرمە ھەدىيە» ــ كاھىن ياكى ھەدىيەنى سۇنغان كىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىككى قوللاپ ئالاھىدە ئېگىز كۆتۈرۈپ ئاتىغان ھەدىيە. «كۆتۈرمە ھەدىيە» ئادەتتە قۇربانلىققا مەسئۇل كاھىنغا تەۋە بولىدۇ.
□7:15
«قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».
■7:16
لاۋ. 19:6
□7:20
«ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ مۇشۇ سۆزلەرنىڭ مۇنداق بىرنەچچە چۈشەنچىسى بولۇشى مۇمكىن: (1) پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ؛ (2) جامائەت ئۇنى ئۆلتۈرۈشى كېرەك؛ (3) جامائەت ئۇنى ئىبادەت سورۇنلىرىدىن ھەيدىۋېتىشى ياكى پۈتكۈل جەمئىيەت ئۇنى پالىۋېتىشى كېرەك؛ (4) ئۇنىڭدىن ھېچ نەسىل قالدۇرۇلمايدۇ. بىزنىڭچە باشقا ئايەتتە ئېنىق بۇيرۇق كۆرسىتىلمىگەچكە، مۇشۇ يەردە بىرىنچى چۈشەنچە (خۇدا ئۆزى شۇ ئادەمنى دۇنيادىن كەتكۈزىدۇ) توغرا بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايمىز.
■7:20
لاۋ. 15:3
□7:21
«ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ 20-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
□7:25
«ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ 20-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
■7:26
يار. 9:4؛ لاۋ. 3:17؛ 17:14
□7:27
«ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ 20-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.
□7:30
«پۇلاڭلاتما ھەدىيە» ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالاھىدە پۇلاڭلىتىدىغان ھەدىيەدۇر. «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» ئادەتتە بارلىق كاھىنلارغا تەۋە بولىدۇ.
■7:30
مىس. 29:24
□7:34
«ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە» ــ تەۋراتتىكى «ئەبەدىي» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا ئىككى مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ: (1) مەڭگۈ؛ (2) شۇ ۋاقىتتىكى چېكى بېكىتىلمىگەن، قەرەلسىز، مۆھلەتسىز ئۇزۇن بىر مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
■7:34
مىس. 29:27؛ چۆل. 18:11
□7:35
«مۇسا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».
□7:36
«مۇسا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ».
□7:37
«كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» ــ بۇ خىل قۇربانلىق ئىناقلىق قۇربانلىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ 8-باب، 22-32-ئايەتلەردە تەپسىلىي تەسۋىرلىنىدۇ. ئىبرانىي تىلىدا «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» «(قوللارنى) تولدۇرۇش قۇربانلىقى» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ چۈنكى خۇدا بۇ مۇراسىم ئارقىلىق ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان كاھىنلارنىڭ قوللىرىنى (1) قۇربانلىقلار بىلەن ۋە (2) كاھىنلىق مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرۇش بىلەن «تولدۇردى».