149
149-كۈي •••• قىيامەت كۈنىدىكى غەلىبە ئۈچۈن مەدھىيىلەڭلار!
1ھەمدۇسانا!
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛
مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار!
2ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانسۇن؛
زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي!
3ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىسۇن؛
ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتسۇن!
4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛
ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛
5ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي،
ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!
6ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولسۇن،
قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلسۇن؛
7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس،
خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛
8ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن،
ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛
9ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ
ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ!
ھەمدۇسانا!
Notes
■149:2
زەب. 100:3
■149:3
زەب. 81:2-4
□149:5
«ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي!» ــ «ورۇنلىرىدا يېتىش» بەلكىم: ــ (1) يەھۇدىيلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە، زىياپەتلەردە مېھمانلار ئۈچۈن كۆرپىلەر سېلىنىپ، مېھمانلار يېنىچىلاپ يېتىپ داستىخاندىن ئالىدۇ؛ شۇڭا مۇشۇ يەردە خۇشاللىق زىياپەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) مۆمىن بەندىلەر شۇنچە خۇشال بولۇپ، خۇشاللىقىدىن ئۇخلىيالمايدۇ؛ (3) ئۆزلىرىنىڭ ئامان-ئېسەن يېتىپ-قوپۇشلىرى ئۈچۈن شادلىنىشى كېرەك.
■149:6
2تېـس. 2:8؛ ئىبر. 4:12؛ ۋەھ. 1:16
■149:8
مات. 18:18
■149:9
قان. 4:6