ئەفەسۇستىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت
1ــ ئەفەسۇستىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن:
«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ:
2ــ سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، شۇنداقلا روسۇل بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى روسۇل دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يالغانچى بولغانلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. 3شۇنداق، سېنىڭ سەۋر-تاقەت قىلىۋاتقانلىقىڭنى، مېنىڭ نامىم ۋەجىدىن جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەنلىكىڭنى ئەمما ئېرىنمىگەنلىكىڭنى بىلىمەن. 4لېكىن ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، سەن ئۆزۈڭدىكى دەسلەپكى مېھىر-مۇھەببەتتىن ۋاز كەچتىڭ. 5شۇڭا قايسى ھالەتتىن يىقىلىپ چۈشكەنلىكىڭنى ئېسىڭگە ئېلىپ توۋا قىلغىن، ئاۋۋالقى ئەمەللەرنى قايتا قىلغىن. بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن. 6بىراق، سېنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن.  
7قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلارنى خۇدانىڭ جەننىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن يېيىشكە مۇيەسسەر قىلىمەن».
ئىزمىر ‘سمىرنى’دىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت
8ــ ئىزمىردىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ
«ئاۋۋالقىسى ۋە ئاخىرقىسى، ئۆلگەن ۋە تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ:  
9ــ سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن (لېكىن سەن باي!)، يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن.
10ئالدىڭدا چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. مانا، ئىبلىس ئاراڭلاردىن بەزىلىرىڭلارنى سىنىلىشىڭلار ئۈچۈن يېقىندا زىندانغا تاشلىتىدۇ. سىلەر ئون كۈن قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە سادىق بولغىن، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
11قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ!».
پەرگامۇمدىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت
12ــ پەرگامۇمدىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ
«ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ:
13ــ مەن سەن ئولتۇرغان يەرنى، يەنى شەيتاننىڭ تەختى بولغان جاينى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمنى چىڭ تۇتۇپ، ھەتتا سادىق گۇۋاھچىم ئانتىپاس ماكانىڭدا، يەنى شەيتان تۇرغان جايدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ، ماڭا قىلغان ئېتىقادىڭدىن تېنىپ كەتمىدىڭ. 14لېكىن ساڭا شۇ بىرنەچچە ئېتىرازىم باركى، ئاراڭلاردا بالائامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەردىن بەزىلەر بولماقتا ــ بالائام بولسا بالاققا ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.    15شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىنى تۇتقانلارمۇ بار. 16شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل! ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا تېز ئارىدا بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن شۇلارغا ھۇجۇم قىلىمەن.
17قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن! غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن. تاش ئۈستىدە يېڭى بىر ئىسىم پۈتۈكلۈك بولىدۇ، شۇ ئىسىمنى ئۇنى قوبۇل قىلغان كىشىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ».  
تىياتىرادىكى جامائەتكە يېزىلغان خەت
18 ــ تىياتىرادىكى جامائەتنىڭ ئەلچىسىگە مۇنداق يازغىن: ــ
«كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان خۇدانىڭ ئوغلى مۇنداق دەيدۇ:
19ــ سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجىر-خىزمىتىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەمەللىرىڭنىڭ ئاۋۋالقىدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. 20لېكىن، ساڭا شۇ بىر ئېتىرازىم باركى، ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ ئاتىۋالغان ئاشۇ خوتۇن يىزەبەلگە يول قويۇۋاتىسەن. ئۇ خوتۇن قۇل-خىزمەتكارلىرىمغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.    21مەن ئۇنىڭغا توۋا قىلغۇدەك ۋاقىت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ ئۆز بۇزۇقلۇقىغا توۋا قىلىشنى خالىمايدۇ. 22ئەمدى مانا، مەن ئۇنى ئېغىر كېسەل ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا چۆمدۈرىمەن. 23ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن. شۇ چاغدا، بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى، شۇنداقلا مېنىڭ ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىدىغانلىقىمنى بىلىدۇ.    24‏-25لېكىن، تىياتىرادىكى قالغانلارغا، يەنى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغانلار (ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە، شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەنلەر)، يەنى سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ تۇتۇڭلار. ئۈستۈڭلارغا بۇنىڭدىن باشقا يۈكنى ئارتمايمەن. 26غەلىبە قىلغۇچىلارغا، يەنى ئەمەللىرىمنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتقان كىشىلەرگە بولسا، ئۇلارغا پۈتكۈل ئەللەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 27مانا بۇ ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر: ــ
«ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ، ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ».   
28مەن ئۇنىڭغا تاڭ يۇلتۇزىنىمۇ ئاتا قىلىمەن. 29 قۇلىقى بارلار روھنىڭ جامائەتلەرگە دېگەنلىرىنى ئاڭلىسۇن!»

Notes


2:2 «سېنىڭ ئەجىر-ئەمەللىرىڭنى، تارتقان جاپالىرىڭنى ھەم سەۋر-تاقىتىڭنى، رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى... بىلىمەن» ــ بۇ تولۇق سۆز ئەلچىگە ئېيتىلغىنى بىلەن شۈبھىسىزكى، پۈتكۈل جامائەتكە (بىر ئادەم سۈپىتىدە) ئېيتىلىدۇ.

2:5 «... بولمىسا يېنىڭغا كېلىمەن ۋە توۋا قىلمىساڭ چىراغدېنىڭنى جايىدىن يۆتكىۋېتىمەن» ــ ئەفەسۇستا ھازىر جامائەت بولمايلا قالماي، ھەتتا شەھەر ئۆزى خارابىلىك بولىدۇ.

2:6 «مەن ئۆزۈم نەپرەتلىنىدىغان نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن سەنمۇ نەپرەتلىنىسەن» ــ «نىكولاس تەرەپدارلىرى»نىڭ كىم ئىكەنلىكى ھازىر ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئۇلارنى «روس.»، 6:5-ئايەتتىكى «نىكولاس» ئىسىملىك جامائەت خىزمەتكارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بىزنىڭچە بۇنىڭغا ئېنىق ئىسپات تېپىلمىدى. ھېچبولمىغاندا ئۇلار ئېتىقادچىلارنى جىنسىي بۇزۇقلۇققا ئازدۇرماقچى بولغانىدى (14-15-ئايەتنى كۆرۈڭ).

2:6 ۋەھ. 2‏:15

2:7 يار. 2‏:9؛ ۋەھ. 22‏:2.

2:8 «ئىزمىر» ــ كونا ئىسمى «سمىرنا»

2:8 يەش. 41‏:4؛ 44‏:6؛ ۋەھ. 1‏:17.

2:9 «... يەھۇدىي ئەمەس تۇرۇپ ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغان، شەيتاننىڭ بىر سىناگوگى بولغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنىمۇ بىلىمەن» ــ ئىمپېراتور دومىتىيان ھۆكۈم سۈرگەن بەزى ۋاقىتلاردا بىرسى ئۆزىنىڭ يەھۇدىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى كېرەك دېگەن بىر قانۇن كۈچكە ئىگە ئىدى؛ شۈبھىسىزكى، بەزى «ئېتىقادچىلار» ۋە باشقىلار بۇ قانۇندىن قالايمىقان پايدىلىنىپ زىيانكەشلىكتىن قېچىپ، شۇنداقلا باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزگەنىدى.

2:11 مات. 13‏:9.

2:12 ۋەھ. 1‏:16؛ 2‏:16.

2:14 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «چۆل.» 22-24-باب، 16:31.

2:14 چۆل. 22‏:23؛ 24‏:14؛ 25‏:1؛ 31‏:16.

2:15 ۋەھ. 2‏:6

2:16 يەش. 49‏:2؛ ئ‍ەف. 6‏:17؛ ئىبر. 4‏:12؛ ۋەھ. 1‏:16.

2:17 «غەلىبە قىلغۇچىلار بولسا يوشۇرۇپ قويغان ماننادىن بېرىمەن ۋە ھەربىرىگە بىردىن ئاق تاش بېرىمەن» ــ «ماننا» ـــ ئىسرائىللار چۆل-باياۋاندا يۈرگەن ۋاقتىدا خۇدا ئۇلارغا ئاسماندىن چۈشۈرگەن كۈندۈلۈك ئۇزۇقلۇق ئىدى («مىس.» 32:16-36-ئايەتلەرگە ۋە «يۇھ.» 48:6-58-ئايەتلەرگە قارالسۇن).

2:17 مىس. 16‏:4-36.

2:18 ۋەھ. 1‏:15،14.

2:20 «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «1پاد.» 16-، -18-19، 21-باب.

2:20 1پاد. 16‏:31؛ 2پاد. 9‏:7.

2:22 «مانا، مەن ئۇنى ئېغىر كېسەل ئورنىغا تاشلاپ ياتقۇزىمەن» ــ گرېك تىلىدا: «مانا، مەن ئۇنى كارىۋاتقا تاشلايمەن».

2:23 «ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىمۇ ئەجەللىك كېسەل بىلەن ئۇرىمەن» ــ «پەرزەنتلىرى» بولسا جىسمانىي ياكى روھىي جەھەتتىنمۇ بولۇشى مۇمكىن. «بارلىق جامائەتلەر نىيەت-نىشانلارنى ۋە قەلبلەرنى كۆزىتىپ تەكشۈرگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى... بىلىدۇ» ــ «نىيەت-نىشانلار» ــ گرېك تىلىدا «بۆرەكلەر» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەت» ــ «يەر.» 10:17.

2:23 1سام. 16‏:7؛ 1تار. 28‏:9؛ 29‏:17؛ زەب.7‏:9؛ 62‏:12؛ يەر. 11‏:20؛ 17‏:10؛ 32‏:19؛ مات. 16‏:27؛ روس. 1‏:24؛ رىم. 2‏:6؛ 14‏:12؛ 2كور. 5‏:10؛ گال. 6‏:5؛ ۋەھ. 20‏:12.

2:24‏-25 ۋەھ. 3‏:11.

2:27 «ئۇ ئۇلارنى تۆمۈر كالتەك بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ،...» ــ ياكى «ئۇ ئۇلارنى شاھانە تۆمۈر ھاسا بىلەن پادىچىدەك باشقۇرۇپ،... ». «ئۇ ئۇلارنى ... ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ» ــ بۇ ئايەت «زەب.» 9:2-ئايەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ئۇلار» خۇدا بىلەن قارشىلاشقان «يات ئەللەر»نى كۆرسىتىدۇ. «مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر» ــ «زەب.» 8:2-9، «ۋەھ.» 5:12، 15:19.

2:27 زەب. 2‏:8-9.