پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ توكۇر ئادەمنى ساقايتىشى
1بىر كۈنى ئىبادەتخانىدا دۇئا قىلىنىدىغان ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە، پېترۇس بىلەن يۇھاننامۇ ئىبادەتخانىغا چىقىپ بارغانىدى. 2شۇ پەيتتە بىر تۇغما توكۇر ئادەممۇ بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىنىۋاتقانىدى. ھەر كۈنى، كىشىلەر ئۇنى ئىبادەتخانىغا كىرگەنلەردىن سەدىقە تىلىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىغا ئەكېلىپ قوياتتى. 3ئۇ پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ ئىبادەتخانىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن سەدىقە تىلىدى. 4پېترۇس بىلەن يۇھاننا ئۇنىڭغا نەزىرىنى سالدى. پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ بىزگە قارا! ــ دېدى.
5ئۇ ئۇلاردىن بىر نەرسە كۈتۈپ، كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. 6بىراق پېترۇس ئۇنىڭغا:
ــ مەندە ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق؛ لېكىن قولۇمدا بارىنى ساڭا بېرەي. ناسارەتلىك ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن، ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭ! ــ دېۋىدى، 7ئۇنى ئوڭ قولىدىن تارتىپ، يۆلەپ تۇرغۇزدى. ئۇ ئادەمنىڭ پۇت ۋە ئوشۇق بېغىشلىرى شۇئان كۈچلەندۈرۈلۈپ، 8ئورنىدىن دەس تۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ مېڭىپ ۋە سەكرەپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغان ھالدا ئۇلار بىلەن بىللە ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىردى. 9بارلىق خالايىق ئۇنىڭ مېڭىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ 10ئۇنىڭ ئىبادەتخانىدىكى «گۈزەل دەرۋازا» ئالدىدا سەدىقە تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنىڭدا يۈز بەرگىنىگە ھەيرانۇھەس بولۇپ داڭ قېتىپ قېلىشتى.
پېترۇسنىڭ ئىبادەتخانىدا ئېيتقان سۆزلىرى
11 ساقايغان كىشى پېترۇس بىلەن يۇھانناغا چىڭ ئېسىلىپ تۇرۇۋالغاندا، ھەيران بولۇشقان بارلىق خەلق ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پېشايۋىنى» دېگەن يەرگە يۈگۈرۈپ كېلىشتى. 12بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پېترۇس خالايىققا مۇنداق دېدى:
ــ ئى ئىسرائىللار! بۇ ئىشقا نېمانچە ھەيران بولىسىلەر؟ بىز خۇددى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىمىز ياكى ئىخلاسمەنلىكىمىزگە تايىنىپ بۇ ئادەمنى ماڭدۇرغاندەك بىزگە نېمانچە تىكىلىپ قارايسىلەر؟ 13ئەمەلىيەتتە بولسا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان. بىراق سىلەر بولساڭلار شۇ ئەيسانى رىملىقلارغا تۇتۇپ بەردىڭلار؛ ئاندىن ۋالىي پىلاتۇس ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، سىلەر پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن تېنىپ رەت قىلىشتىڭلار.    14مانا سىلەر مۇقەددەس ۋە ھەققانىي بولغۇچىدىن تېنىپ، ئۇنى رەت قىلىپ ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ ئورنىغا بىر قاتىلنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. 15شۇنداق قىلىپ، ھاياتلىقنى بارلىققا كەلتۈرگۈچىنى ئۆلتۈردۈڭلار! بىراق خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، بىز مانا بۇنىڭغا گۇۋاھچىدۇرمىز.    16مانا ئۇنىڭ نامىغا قىلغان ئېتىقاد ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامى سىلەر كۆرۈۋاتقان ۋە تونۇيدىغان بۇ ئادەمگە دەرمان كىرگۈزدى؛ ئۇنىڭ ئارقىلىق بولغان ئېتىقاد ئۇ كىشىنى كۆز ئالدىڭلاردا سەللىمازا ساق-سالامەت قىلدى.
17ئەمدى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ۋە شۇنىڭدەك سىلەرنىڭ باشلىقلىرىڭلارنىڭمۇ بۇ ئىشنى غەپلەتتە قىلغانلىقىڭلارنى بىلىمەن. 18لېكىن خۇدا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاغزى بىلەن ئالدىنئالا جاكارلىغانلىرىنى، يەنى ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىدىغانلىقىنى شۇ يول بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. 19شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھىڭلارنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى ئۈچۈن ھازىر توۋا قىلىپ يوللىرىڭلاردىن بۇرۇلۇڭلار! شۇنداق قىلغاندا، ئىنسانلارنىڭ جېنىنى يېڭىلاندۇرىدىغان پەسىل-كۈنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كېلىدۇ 20ۋە ئۇ سىلەر ئۈچۈن ئالدىن تىكلەنگەن مەسىھ، يەنى ئەيسانى قېشىڭلارغا قايتىدىن ئەۋەتىدۇ. 21ھازىرچە بولسا، خۇدانىڭ دەسلەپتىكى زامانلاردىن تارتىپ مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاغزى بىلەن ئېيتقىنىدەك، ھەممە مەۋجۇداتلار يېڭىلىنىدىغان ۋاقىت كەلمىگۈچە، ئەرشلەر ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ماكان بولىدۇ. 22مۇسا دەرۋەقە مۇنداق دېگەنىدى: ــ «پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزىدۇ. ئۇنىڭ سىلەرگە ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تولۇق ئىتائەت قىلىشىڭلار كېرەك! 23چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ».
24دەرۋەقە، سامۇئىل پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كېلىپ بېشارەتلەرنى يەتكۈزگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كۈنلەر توغرىسىدا ئالدىن ئېيتقان. 25سىلەر بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر ۋە خۇدا ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر ــ بۇ ئەھدە بويىچە خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنىڭ نەسلىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى بارلىق ئائىلە-جەمەتلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. 26شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى.

Notes


3:1 «سائەت ئۈچتە» ــ ئىبرانىيلارنىڭ ۋاقتى بويىچە «سائەت توققۇزدا».

3:2 يـۇھ. 9‏:8؛ روس. 14‏:8.

3:6 روس. 4‏:10.

3:13 «ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ خۇداسى، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى ئۆز خىزمەتكارى بولغان ئەيسانى شان-شەرەپ بىلەن ئۇلۇغلىغان» ــ مەسىھنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى» ياكى «پەرۋەردىگارنىڭ قۇلى» سۈپىتى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق بېشارەتلەر «يەش.» 1:42-18، 49-باب، 3:50-11، 13:52-12:53دە كۆرۈلىدۇ.

3:13 مىس. 3‏:6،15؛ مات. 27‏:20؛ مار. 15‏:11؛ لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 18‏:40.

3:14 لۇقا 23‏:18.

3:15 «خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى» ــ گرېك تىلىدا: «خۇدا ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈردى».

3:15 روس. 1‏:8؛ 2‏:32.

3:18 يەش. 50‏:6؛ 53‏:5؛ لۇقا 24‏:27.

3:19 روس. 2‏:38.

3:22 قان. 18‏:15-16، 19؛ يـۇھ. 1‏:46؛ روس. 7‏:37.

3:23 «...چۈنكى بۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغانلارنىڭ ھەربىرى خەلق قاتارىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ (22-23-ئايەت) «قان.» 15:18-19). بۇ بېشارەت ئەيسا مەسىھنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.

3:25 يار. 22‏:18؛ گال. 3‏:8.

3:26 «شۇڭا خۇدا ھەربىرىڭلارنى ئۆز رەزىللىكلىرىڭلاردىن قايتۇرۇپ، سىلەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىش ئۈچۈن، خىزمەتكارى ئەيسانى تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى» ــ «ئۇنى (ئەيسانى)... ئاۋۋال سىلەرگە ئەۋەتتى» ــ دېمەك، خۇدا ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بويىچە ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولغان ئەيسانى «يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەرگە بەخت-بەرىكەت ئاتا قىلىنىشى ئۈچۈن» ئەۋەتكەندە، ئۇنى بارلىق ئەللەرگە ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال ئۆز يەھۇدىي خەلقىگە ئەۋەتتى.