ئاخىرقى زامانلاردىكى يېرۇسالېم
1بۇلار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا يېرۇسالېم ۋە يەھۇدا توغرىسىدا كۆرگەن كالامدۇر: ــ
2ئاخىر زامانلاردا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى جايلاشقان تاغ تاغلارنىڭ بېشى بولۇپ بېكىتىلىدۇ،
ھەممە دۆڭ-ئېگىزلكتىن ئۈستۈن قىلىپ كۆتۈرۈلىدۇ؛
بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ.  
3نۇرغۇن خەلق-مىللەتلەر چىقىپ بىر-بىرىگە: ــ
«كېلىڭلار، بىز پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا،
ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ ئۆيىگە چىققايلى؛
ئۇ ئۆز يوللىرىدىن بىزگە ئۆگىتىدۇ،
بىز ئۇنىڭ تەرىقىلىرىدە ماڭىمىز» ــ دېيىشىدۇ.
ــ چۈنكى قانۇن-يوليورۇق زىئوندىن،
پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-كالامى يېرۇسالېمدىن چىقىدىغان بولىدۇ.
4ئۇ ئەللەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ،
نۇرغۇن خەلقلەرنىڭ ھەق-ناھەقلىرىگە كېسىم قىلىدۇ؛
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلىچلىرىنى ساپان چىشلىرى،
نەيزىلىرىنى ئورغاق قىلىپ سوقۇشىدۇ؛
بىر ئەل يەنە بىر ئەلگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ،
ئۇلار ھەم يەنە ئۇرۇشنى ئۆگەنمەيدۇ.
5ــ «ئى ياقۇپ جەمەتىدىكىلەر،
كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى!».
ھازىرقى يېرۇسالېم
6ــ سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپ جەمەتىنى تاشلاپ قويدۇڭ؛
چۈنكى ئۇلار شەرقتىكى خۇراپاتلار بىلەن تولدۇرۇلدى؛
ئۇلار فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ؛
ئۇلار چەتئەللىكلەر بىلەن قول تۇتۇشىدۇ؛
7زېمىنى بولسا ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى؛
بايلىقلىرى تۈگىمەس؛
يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى،
جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس؛
8زېمىنى بۇتلار بىلەنمۇ لىق بولۇپ كەتتى؛
ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغانلىرىغا،
بارماقلىرى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىرىگە سەجدە قىلىشىدۇ.
9شۇنىڭ بىلەن پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ،
مۆتىۋەرلەرمۇ تۆۋەن قىلىنىدۇ؛
سەن ئۇلارنىڭ قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن.
«پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»
10ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھشىتىدىن،
ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇر،
خادا تاشلار ئىچىگە كىرىۋال،
توپا-چاڭلار ئىچىگە مۆكۈۋال!
11چۈنكى ئادەمنىڭ تەكەببۇر كۆزلىرى يەرگە قارىتىلىدۇ،
ئىنسانلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى پەس قىلىنىدۇ؛
شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ.
12چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى تەييار تۇرىدۇ: ــ
شۇ كۈنى ھەربىر تەكەببۇر ۋە مەمەدانلارنىڭ ئۈستىگە،
ئۆزىنى يۇقىرى سانىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ
(شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەس قىلىنىدۇ!)،
13شۇنىڭدەك لىۋاننىڭ ئېگىز، پەلەككە يېتىدىغان بارلىق كېدىر دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە،
باشاندىكى بارلىق دۇب دەرەخلىرىنىڭ ئۈستىگە،
14ئېگىز تاغلارنىڭ ھەممىسىگە،
يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بارلىق دۆڭلەرنىڭ ئۈستىگە،
15ھەربىر ھەيۋەتلىك مۇنارنىڭ ئۈستىگە،
ھەربىر مۇستەھكەم سېپىلنىڭ ئۈستىگە،
16تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە،
شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى چۈشۈشكە تەييار تۇرىدۇ.
17ئادەملەرنىڭ كۆرەڭلىكى تۆۋەن قىلىنىپ چۈشۈرۈلۈپ،
ئىنسانلارنىڭ تەكەببۇرلىقى پەس قىلىنىدۇ،
شۇ كۈنىدە يالغۇز پەرۋەردىگارلا ئۈستۈن دەپ مەدھىيىلىنىدۇ.
18بۇتلار بولسا ھەممىسى كۆزدىن يوقىلىدۇ.
19پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا،
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ،
خادا تاش غارلىرىنىڭ ئىچىگە،
يەر يۈزىدىكى ئۆڭكۈرلەرگە كىرىۋالىدۇ؛
20شۇ كۈنىدە كىشىلەر ئۆزىگە چوقۇنۇشقا ياسىغان كۈمۈش بۇتلىرى ۋە ئالتۇن بۇتلىرىنى قارىغۇ چاشقانلارغا ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ؛
21پەرۋەردىگار يەرنى دەھشەتلىك سىلكىندۈرۈشكە ئورنىدىن تۇرىدىغان چاغدا،
ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ۋەھشىتىدىن، ئۇنىڭ ھەيۋىسىنىڭ شان-شەرىپىدىن قاچۇرۇپ،
خادا تاش چاكلىرىنىڭ ئىچىگە،
يارلارنىڭ يېرىقلىرىغا كىرىۋالىدۇ؛
22ئۈمىدىڭلارنى نەپىسى دىمىغىدىلا تۇرىدىغان ئىنساندىن ئۈزۈڭلار،
چۈنكى ئىنسان زادى نېمە ئىدى؟!

Notes


2:2 «ئاخىر زامانلاردا» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئاخىرىدا». «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى» ــ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى كۆرسىتىدۇ. «بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا قاراپ ئېقىپ كېلىشىدۇ» ــ تەۋرات ھەم زەبۇردىكى «ئەللەر» دېگەن سۆز ئادەتتە ئىسرائىلدىن باشقا بارلىق خەلقلەرنى، يەنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە «يات ئەللەر» دەپ تەرجىمە قىلىمىز. «يەشايا» دېگەن كىتابتا «ئەللەر»، «تائىپىلەر»، «يات ئەللەر» ياكى «خەلق-مىللەتلەر» دېيىلسە، ھەردائىم مۇشۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

2:2 مىك. 4‏:1

2:3 زەب. 110‏:2

2:4 يو. 3‏:10؛ مىك. 4‏:3

2:6 «ئۇلار (ئىسرائىللار) فىلىستىيلەردەك پال سالىدۇ» ــ مۇشۇ يەردە يەشايا كىنايىلىك سۆز ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنىڭ خۇراپىيلىقنى ھەر تەرەپتىن، يەنى شەرقتىن ھەم غەربتىن (فىلىستىيلەردىن) قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2:7 «ئالتۇن-كۈمۈشكە تولۇپ كەتتى... بايلىقلىرى تۈگىمەس... يەر-زېمىنى ئاتلارغىمۇ تولۇپ كەتتى، جەڭ ھارۋىلىرى ھەم تۈگىمەس» ــ مۇشۇ 6-8-ئايەتتە، يەشايا ئۇلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان قانۇن ــ تەۋراتتىكى «قانۇن شەرھى» 17-18-بابلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مۇشۇ ئىشلار تەۋراتتىكى شۇ پەرمانلارغا خىلاپ.

2:9 «...پۇقرالار ئېگىلدۈرۈلىدۇ... تۆۋەن قىلىنىدۇ» ــ بۇ پېئىلنىڭ ئىككىسى ئىككى بىسلىق سۆز بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا باش ئۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە كەلگۈسىدە ئۇلار شۈبھىسىزكى ئوخشاشلا خۇدانىڭ غەزىپى ئالدىدا يەرگە يىقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. «... قەددىنى رۇسلىمايسەن ھەم ھېچ كەچۈرۈم قىلمايسەن» ــ مۇشۇ ئىككى ئىبارە ئىبرانىي تىلىدا ئىككى بىسلىق بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلنىدۇ.

2:11 يەش. 5‏:15

2:12 يو. 2‏:10، 31؛ 3‏:15؛ يەش. 13‏:6-13؛ 24‏:23؛ ئام. 8‏:9؛ مات. 24‏:29؛ روس. 2‏:20؛ ۋەھ. 6‏:12-13

2:16 «تارشىشتىكى ھەربىر سودا كېمىسىنىڭ ئۈستىگە،...» ــ قەدىمكى زامانلاردا دېڭىز سودىسى بىلەن داڭقى چىققان «تارشىش» دەيدىغان ئۈچ يۇرت بار ئىدى. بىرسى شىمالىي ئافرىقىدا، بىرسى ئىسپانىيەدە، يەنە بىرسى ئەنگلىيەدە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. تارشىشتىكى كېمىلەر بارلىق باشقا ئەللەرنىڭ كېمىلىرىدىن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك ئىدى. «شۇنداقلا بارلىق گۈزەل كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۈستىگە...» ــ يەنە بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «شۇنداقلا ھەربىر گۈزەل رەسىم-ھەيكەللەرنىڭ ئۈستىگە...»

2:18 «بۇتلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: ــ «ئەرزىمەسلەر...»