31
پادىشاھقا نەسىھەت
1تۆۋەندىكىلەر، پادىشاھ لەمۇئەلگە ئۇنىڭ ئانىسى ئارقىلىق ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەردۇر؛ ئانىسى بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئۆگەتكەن:
2ئى ئوغلۇم، ئى مېنىڭ ئامرىقىم، قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم، مەن ساڭا نېمە دەي؟
3كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە سەرپ قىلمىغىن؛
ياكى پادىشاھلارنىمۇ ۋەيران قىلىدىغان ئىشلارغا بېرىلگۈچى بولما!
4ئى لەمۇئەل، شاراب ئىچىش پادىشاھلارغا لايىق ئەمەس،
ئەمىرلەرگىمۇ ھاراققا خۇمار بولۇش ياراشماس.
5بولمىسا ئۇلار شاراب ئىچىپ، مۇقەددەس بەلگىلىمىلەرنى ئۇنتۇپ،
بوزەك بەندىلەرنىڭ ھەققىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
6كۈچلۈك ھاراق ئۆلگۈسى كەلگەنلەرگە، ھەسرەتكە چۆمگەنلەرگە بېرىلسۇن!
7ئۇلار شارابنى ئىچىپ، مىسكىنلىكىنى ئۇنتۇپ،
قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!
8ئۆزلىرى ئۈچۈن گەپ قىلالمايدىغانلارغا ئاغزىڭنى ئاچقىن،
ھالاك بولاي دېگەنلەرنىڭ دەۋاسىدە گەپ قىل.
9سۈكۈت قىلما، ئۇلار ئۈچۈن لىللا ھۆكۈم قىل،
ئېزىلگەنلەرنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بول.
پەزىلەتلىك ئايال
10א پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟
ئۇنىڭ قىممىتى لەئەل-ياقۇتلاردىنمۇ زور ئېشىپ چۈشىدۇ.
11ב ئېرىنىڭ كۆڭلى ئۇنىڭغا تايىنىپ خاتىرجەم تۇرىدۇ،
ئۇ بولغاچقا ئېرىنىڭ ئالغان ئولجىسى كەم ئەمەستۇر!
12ג ئۇ ئۆمۈر بويى ئېرىگە ۋاپادار بولۇپ ياخشىلىق قىلىدۇ،
ئۇنى زىيانغا ئۇچراتمايدۇ.
13ד ئۇ قوي يۇڭى ۋە كەندىر تېپىپ،
ئۆز قولى بىلەن جان دەپ ئەجىر قىلىدۇ.
14ה ئۇ سودا كېمىلىرىگە ئوخشاش،
ئائىلىنى بېقىشتىكى ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى يىراق جايلاردىن توشۇيدۇ.
15ו: تاڭ يورۇماستا ئۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ،
ئائىلىسىدىكىلەرگە يېمەكلىك تەييارلايدۇ،
خىزمەتكار-دېدەكلەرگە نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ.
16ז ئۇ بىر پارچە ئېتىزنى ئۆزى كۆرۈپ ئالىدۇ؛
قولى بىلەن يىغقان دارامەتتىن ئۇ بىر ئۈزۈمزار بىنا قىلىدۇ.
17ח ئىشقا قاراپ ئۇ بېلىنى كۈچ بىلەن باغلار،
بىلەكلىرىنى كۈچلەندۈرەر؛
18ט ئۆز ئىشىنىڭ پايدىلىقلىقىغا كۆزى يېتەر،
كېچىچە چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ئىش قىلار.
19י ئۇ قوللىرى بىلەن چاقنى چۆرەر،
بارماقلىرى يىپ ئۇرچۇقىنى تۇتار.
20כ ئاجىزلارغا ياردەم قولىنى ئۇزىتار؛
ھاجەتمەنلەرگە قوللىرىنى سوزار.
21ל قار ياغقاندا ئۇ ئائىلىسى توغرۇلۇق ئەندىشە قىلمايدۇ،
ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزىل كىيىملەر كىيدۈرۈلگەن.
22מ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى ئۆزى توقۇيدۇ؛
ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى كاناپ ۋە سۆسۈن رەختتىندۇر.
23נ ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار؛
شۇ يەردە ئۇ يۇرتتىكى ئاقساقاللار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
24ס ئۇ نەپىس كاناپتىن كىيىم-كېچەك تىكىپ ئۇنى ساتىدۇ؛
بەلۋاغلارنى تىكىپ سودىگەرلەرنى تەمىنلەيدۇ.
25ע كىيىمى كۈچ-قۇدرەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەتتۇر؛
ئۇ كېلەچەككە ئۈمىد بىلەن كۈلۈپ قارايدۇ.
26פ ئاغزىنى ئاچسىلا، دانا سۆز قىلىدۇ،
تىلىدا مېھرىبانە نەسىھەتلەر بار.
27צ ئائىلىسىدىكى ئىشلاردىن دائىم خەۋەر ئالىدۇ،
بىكارغا نان يېمەيدۇ.
28ק پەرزەنتلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا بەخت-بەرىكەت تىلەيدۇ؛
ئېرىمۇ مۇبارەكلەپ ئۇنى ماختاپ: ــ
29ר «پەزىلەت بىلەن ياشىغان ئاياللار كۆپتۇر،
بىراق سەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىسەن» ــ دەيدۇ.
30ש گۈزەللىك سېھرى ئالدامچىدۇر،
ھۆسن-جامالمۇ پەقەت بىر كۆپۈك، خالاس،
پەقەت پەرۋەردىگاردىن قورقىدىغان ئاياللا ماختىلىدۇ!
31ת ئۇ ئۆز مېھنىتىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولسۇن!
ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!
Notes
□31:1
«پادىشاھ لەمۇئەل» ــ بەزى ئالىملار «لەمۇئەل»نى سۇلايماننىڭ ئانىسى بات-شېبا ئۇنىڭغا قويغان لەقەم، دەپ قارايدۇ. ئىسرائىل ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر ئارىسىدا «لەمۇئەل» ئىسىملىك بىر پادىشاھ بىزگە نامەلۇم. «لەمۇئەل» دېگەننىڭ مەنىسى: «خۇدا ئۈچۈن». «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر» ــ ئەگەر بۇ باب «ئاگۇر»نىڭ (1:30) سۆزىنىڭ داۋامى بولسا، ئۇنداختا «ۋەھىي بىلەن كەلگەن سۆزلەر» پەرۋەردىگارنىڭ ئاگۇرنىڭ «دىل-روھىغا يۈكلىگەن سۆزلىرى»نىڭ داۋامىنى كۆرسىتىدۇ.
□31:2
«ئى مېنىڭ ئامرىقىم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئى بالىياتقۇمنىڭ بالىسى!». «قەسەملەر بىلەن تىلىگەن ئارزۇلۇقۇم!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئى قەسەملىرىمنىڭ بالىسى!».
□31:3
«ئايال-خوتۇنلار تەرىپىگە» ــ دېمەك، جىنسىي ھەۋەسلەرگە.
■31:3
قان. 17:17
□31:7
«ئۇلار شارابنى ئىچىپ، ... قايتىدىن دەرد-ئەلىمىنى ئېسىگە كەلتۈرمىسۇن!» ــ بۇ سۆزلەر كىنايىلىك، ھەجۋىي بولغىنى بىلەن، مسكىنلەرنىڭ شاراب ئىچىش سەۋەبىگىمۇ ھېسداشلىق بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئايەت ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ھەرگىز تەستىقلىغان ئەمەس. كۆزدە تۇتۇلغىنى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەتتۇر.
■31:9
لاۋ. 19:15؛ قان. 1:16
□31:10
«پەزىلەتلىك ئايالنى كىم تاپالايدۇ؟...» ــ كېيىنكى 22 ئايەت شېئىر بولۇپ، ئىبرانىي تىلىدا ئالاھىدە شەكىلگە ئىگە. ئىبرانىي يېزىقىدا 22 ھەرپ بار. بۇ 22 ئايەتنىڭ ھەربىرى ئىبرانىي ئېلىپبە تەرتىپىگە ئاساسەن باشلىنىدۇ (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلى بولسا، ئا-، ئە-، ب- قاتارلىق ھەرپلەر بىلەن باشلانغانغا ئوخشاش).
■31:10
پەند. 12:4
□31:15
«... نېسىۋىسىنى تەقسىم قىلىدۇ» ــ ياكى «... ئىشنى تەقسىم قىلىدۇ».
□31:23
«ئېرىنىڭ شەھەر دەرۋازىلىرىدا ئابرۇيى بار» ــ كونا ئۆرپ-ئادەتلەر بويىچە، يۇرتتىكى ئاقساقاللار شەھەر دەرۋازىدا يىغىن ئېچىپ سوت قىلاتتى.
□31:31
«ئەجىرلىرى ئۇنى دەرۋازىلاردا ھۆرمەت-شۆھرەتكە ئېرىشتۈرسۇن!» ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتتا دېيىلگەندەك، شەھەر دەرۋازىلىرى ئاقساقاللار ئولتۇرىدىغان ئورۇن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى بىلدۈرىدۇ.
قان. 17:17
لاۋ. 19:15؛ قان. 1:16
پەند. 12:4