2
ئۈچىنچى ئالامەت كۆرۈنۈش ــ ئۆلچەش تانىسىنى تۇتقان يىگىت
1ئاندىن مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، مانا قولىدا ئۆلچەم تانىسىنى تۇتقان بىر ئادەمنى كۆردۈم 2ۋە ئۇنىڭدىن: «نەگە بارىسەن؟» دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا: «مەن يېرۇسالېمنى ئۆلچىگىلى، ئۇنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچەپ بىلگىلى بارىمەن» ــ دېدى.
3مانا، مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان پەرىشتە چىقتى؛ يەنە بىر پەرىشتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتى 4ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: ــ يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ. 5ــ ۋە مەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئوت-يالقۇن سېپىلى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى شان-شەرىپى بولىمەن. 6ــ ھوي! ھوي! شىمالىي زېمىندىن قېچىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار».
7«ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن! 8چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى؛ چۈنكى كىم سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئۆزىنىڭ كۆز قارىچوقىغا چېقىلغان بولىدۇ. 9چۈنكى مانا، مەن ئۆز قولۇمنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سىلكىيمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە قۇل قىلىنغۇچىلارغا ئولجا بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر.
10ناخشىلارنى ياڭرىتىپ شادلان، ئى زىئون قىزى؛ چۈنكى مانا، كېلىۋاتىمەن، ئاراڭدا ماكانلىشىمەن، دەيدۇ پەرۋەردىگار، 11ــ ۋە شۇ كۈنىدە كۆپ ئەللەر پەرۋەردىگارغا باغلىنىدۇ، ماڭا بىر خەلق بولىدۇ؛ ئاراڭدا ماكانلىشىمەن ۋە سىلەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلىسىلەر؛ 12شۇنىڭدەك پەرۋەردىگار يەھۇدانى ئۆزىنىڭ «مۇقەددەس زېمىنى»دا نېسىۋىسى بولۇشقا مىراس قىلىدۇ ۋە يەنە يېرۇسالېمنى تاللىۋالىدۇ.
13بارلىق ئەت ئىگىلىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا سۈكۈت قىلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ماكانىدىن قوزغالدى!»
Notes
□2:4
«يۈگۈر، بۇ ياش يىگىتكە سۆز قىل، ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ «يېرۇسالېم ئۆزىدە تۇرۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ ۋە ماللارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلسىز شەھەرلەردەك بولىدۇ» ــ دېمەك، كەلگۈسى يېرۇسالېم ناھايىتى چوڭ بىر شەھەر بولغاچقا، ئۇنىڭ ئاھالىسى بەرىبىر ھەرقانداق سېپىلنىڭ ئىچىگە پاتمايدۇ؛ دېمەك، مۇشۇ يىگىتنىڭ ئۇنىڭ «كەڭلىكىنى، ئۇزۇنلۇقى»نى ئۆلچىشى بىكار ئىش بولمامدۇ؟!
□2:6
«مەن سىلەرنى ئاسماندىكى تۆت تەرەپتىن چىققان شامالدەك تارقىتىۋەتكەن» ــ «تۆت تەرەپتىن چىققان شامال» ئىبرانىي تىلىدا: «ئاسماندىكى تۆت شامال» دېيىلىدۇ ــ شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەردىن چىقىدىغان شاماللار.
□2:7
«ــ ھەي! ئى بابىل قىزى بىلەن تۇرغۇچى زىئون، قاچقىن !» ــ بابىل ئىمپېرىيەسى زەكەرىيانىڭ بېشارىتىدىن 20 يىل ئىلگىرى ۋەيران قىلىنغانىدى. شۇڭا بىز مۇشۇ سۆزلەر ۋە كېيىنكى ئالتە ئايەتنى ئاخىرقى زاماننى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايمىز. بىراق شۇ چاغدىكى يەھۇدا ۋە يېرۇسالېم بېشارەتلەردىن خېلى ئۈمىد ئالالايدۇ، چۈنكى بېشارەتلەر خۇدانىڭ ئۇلارغا بولغان مەڭگۈلۈك مەقسەتلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرتىلمىگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ.
□2:8
«ئۆز شان-شەرىپىنى دەپ ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى» ــ باشقا تەرجىمىلىرى: «شان-شەرەپ ئايان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى سىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ئەللەرگە ئەۋەتتى»، ياكى «شەرەپ-ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرۈلگىنىمدىن كېيىن، ئۇ... مېنى ئەۋەتتى». قايسى تەرجىمىسى توغرا بولۇشىدىن قەتىئىينەزەر، ئوقۇرمەنلەر دىققەت قىلىدۇكى، پەرۋەردىگار ئۆزى «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار»نى ئەۋەتىدۇ (9-ئايەت، 6-باب، 15-ئايەت، 10-باب، 12-ئايەتلەردىمۇ ئوخشاش ئىشنى كۆرەلەيمىز). بىز ئەمدى ئىنجىلدىن چۈشىنىمىزكى، خۇدا دۇنياغا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنىڭ ئۆزى خۇدالىق تەبىئىتىدىدۇر، ئۇ خۇدانىڭ ئەزەلدىن بولغۇچى مەڭگۈلۈك «كالامى»دۇر. شۈبھىسىزكى، مۇشۇ ئايەتتىكى «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار» بولسا، «خۇدانىڭ كالامى»، مەسىھدۇر (تەۋرات، «يەش.» 16:48نىمۇ كۆرۈڭ).
■2:8
زەك. 2:9؛ 6:15؛ 10:12؛ يەش. 48:16؛ يـۇھ. 11:42؛ 17:21
■2:10
لاۋ. 26:12؛ ئەز. 37:27؛ 2كور. 6:16