15
يېرۇسالېمدىكى سۈننەت توغرىسىدىكى يىغىن
1شۇ چاغلاردا بەزىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارغا:
ــ سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! ــ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
2بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، قېرىنداشلار پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتگەن.
3شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ ئېتىقاد يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى. 4پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئۇلار جامائەتتىكىلەر، روسۇللار ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق قىلغان ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ بەردى. 5لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ:
ــ مۇشۇ يات ئەللىكلەرنى خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى.
6شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 7ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار.
8ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى. 9شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى.
10 ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟! 11ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز.
12 بۇ سۆزدىن كېيىن، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. 13ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى:
ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! 14باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 15پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ
16ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن،
ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.
17-18شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» دەيدۇ بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ۋە شۇنداقلا ئۇلارنى ئەزەلدىن ئايان قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار!»
19ــ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇلاسەم شۇكى، يات ئەللىكلەر ئارىسىدىن توۋا قىلىپ خۇداغا ئېتىقاد باغلىغانلارغا ئاۋارە-ئېغىرچىلىك سېلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ 20پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 21چۈنكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھەر شەھەردە شابات كۈنىدە سىناگوگلاردا مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقانلىرى ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئۆگىتىلىپ كەلگەن.
يەھۇدىي ئەمەس ئېتىقادچىلارغا يېزىلغان خەت
22شۇنىڭ بىلەن روسۇللار، ئاقساقاللار، شۇنداقلا يېرۇسالېمدىكى پۈتكۈل جامائەتتىكىلەر ئۆز ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارناباس بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى. ئەسلىدە قېرىنداشلار ئىچىدە باشلامچى بولغان يەھۇدا (بارساباس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاسلار بۇنىڭغا تاللاندى.
23خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ يېرۇسالېمدىكى قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام!
24ئارىمىزدىن بەزى كىشىلەر چىقىپ يېنىڭلارغا بېرىپ، سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق. 25شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشتا ئويلىرىمىز بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن تاللانغان بىرنەچچەيلەننى سۆيۈملۈك بارناباس ۋە پاۋلۇسىمىز بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 26بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر. 27شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق. 28گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: 29ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر.
ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!»
30شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قېرىنداشلار تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 31ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى. 32يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 33 يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قېشىغا قايتتى. 34-35لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى.
پاۋلۇس بىلەن بارناباسنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى
36لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا:
بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى.
37بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 38بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە داۋاملىق سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى. 39شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى. 40پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى. 41ئۇ ئەمدى سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، ھەرقايسى جايلاردا جامائەتلەرنى قۇۋۋەتلەندۈردى.
Notes
□15:1
«سىلەر مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر!» ــ يەھۇدىيەدىن كەلگەنلەر ئاللىقاچان سۈننەت قىلىنغان يەھۇدىيلار، ئەلۋەتتە.
■15:1
يار. 17:10؛ لاۋ. 12:3؛ گال. 5:2.
■15:2
گال. 2:1.
□15:3
«ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ...» ــ «ئەللەر» يەنە «يەھۇدىي ئەمەسلەر» دېگەن مەنىدە. «ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ ئېتىقاد يولىغا كىرگەنلىكى...» ــ مۇشۇ يەردە گرېك تىلىدا: «توۋا قىلىپ ئېتىقاد يولىغا كىرىش» دېگەن ئىبارە پەقەت بىرلا سۆز «بۇرۇلۇش» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■15:7
روس. 10:20؛ 11:12.
■15:8
1تار. 28:9؛ 29:17؛ زەب. 7:9؛ يەر. 11:20؛ 17:10؛ 20:12.
■15:9
روس. 10:43، 44.
■15:10
مات. 23:4.
□15:11
«ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز» ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز» يەھۇدىي ئېتىقاچىلارنى، «ئۇلار» يەھۇدىي بولمىغان ئېتىقادچىلارنى كۆرسىتىدۇ.
■15:11
ئەف. 2:8؛ تىت. 3:4.
□15:14
«شىمېئون» ــ پېترۇسنىڭ ئارامىي تىلىدىكى ئىسمى («سىمون» بولسا ئۇنىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى شەكلىدۇر). «خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقى» ــ «شاپائەت بىلەن يوقلاش» گرېك تىلىدا پەقەت «يوقلاش» دېگەن سۆزلا بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
□15:17-18
«شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر...» ــ «جاھاندىكى باشقا ئىنسانلار» يەھۇدىي خەلقىدىن باشقا بارلىق ئەللەرنى كۆرستىدۇ. «مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق (يات) ئەللەر» «ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان يات ئەللەر» ياكى «مەن ئىگىدارچىلىق قىلغان بارلىق ئەللەر» دېگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. «مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن... شۇنداق قىلىپ، جاھاندىكى باشقا ئىنسانلارمۇ، يەنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتالغان بارلىق ئەللەر مېنى ئىزدەپ تاپىدۇ» ــ (16-17-ئايەت) بۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن بېشارەتلەر «ئام.» 11:9-12 ۋە «يەش.» 21:45دىن ئېلىنغان. ياقۇپ بۇ بېشارەتلەرنى «سېپتۇئاگىنت» LXX دېگەن گرېك تىلىدىكى تەرجىمىسىدىن ئالغان. «ئاموس»تىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنىمۇ كۆرۈڭ.
■15:17-18
ئام. 9:11،12.
□15:20
«بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەر» ــ گرېك تىلىدا «بۇتلاردىن بۇلغانغان نەرسىلەر» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ «نەرسىلەر» بەلكىم گۆش ۋە ھەرخىل يېمەك-ئىچمەكنى كۆرسەتسە كېرەك. گرېكلەر ئارىسىدا «ئاۋۋال بۇتلارغا ئاتالغان» يېمەكلىكنى يېيىش «ساۋابلىق ئىش» ياكى «قۇتلۇق ئىش» دەيدىغانلار كۆپ ئىدى.
■15:20
يار. 9:4؛ مىس. 20:3؛ 1كور. 8:1؛ 10:20؛ 1تېس. 4:3.
□15:21
«بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار...» ــ (20-ئايەت) مۇشۇ ئۈچ پەرھىز تەۋرات قانۇنىدىن ئېلىنغان. ئېتىقاد قىلغان يات ئەللەرنىڭ بۇلارغا رىئايە قىلىشى ئۇلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى («جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن... نېرى بولۇڭلار»تىن باشقا) ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلار جامائەتكە قاتنىشىشىدا ئۇلارنىڭ ئالدىدا پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقى، يەھۇدىي ئەمەس قېرىنداشلىرى بىلەن ئارىلىشىشى ئاسان قىلىنسۇن ئۈچۈن دېگەن مەقسەت بىلەن تاپشۇرۇلغان (21-ئايەتتىن روسۇللارنىڭ بۇ مەقسىتى ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ «1كور.» 14:10-1:11نىمۇ كۆرۈڭ).
□15:24
«... سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە: «... سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ، سۈننەت قوبۇل قىلىشىڭلار، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك دەپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق» دېيىلىدۇ.
■15:24
گال. 2:4.
■15:26
روس. 13:50؛ 14:19.
■15:29
يار. 9:4؛ مىس. 20:3؛ لاۋ. 17:14؛ 1كور. 8:1؛ 1تېس. 4:3.
□15:30
«شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قېرىنداشلار تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ...» ــ گرېك تىلىدا «شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئۇلارنىڭ تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ...».
□15:33
«يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن» ــ «يەھۇدا ۋە سىلاسلار» گرېك تىلىدا «ئۇلار».
■15:37
مىس. 20:3.
□15:38
«رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە داۋاملىق سەپەر قىلمىغان ماركۇس...» ــ مۇشۇ يەردە«رەبنىڭ خىزمىتىدە» گرېك تىلىدا پەقەت «خىزمەتتە» دېيىلىدۇ.
□15:40
«پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى» ــ پاۋلۇس ۋە بارناباس نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىن ئايرىلدى؟ قايسىسىنىڭ قارارى توغرا؟ «قوشۇمچە سۆزىمىز»دە بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئازراق توختىلىمىز.