پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى
1ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق. 2پاتارادا فەنىكىيە رايونىغا بارىدىغان بىر كېمىنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. 3سىپرۇس ئارىلى كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئۇنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ، سۇرىيەگە قاراپ مېڭىپ، تۇر شەھىرىدە قۇرۇقلۇققا چىقتۇق. چۈنكى كېمە بۇ يەردە يۈك چۈشۈرمەكچى ئىدى. 4ئۇ يەردە مۇخلىسلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەتتە كۈن تۇردۇق. ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى.   5بىراق بىز ئۇ يەردە تۇرۇش ۋاقتىمىز توشقاندا، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى، جۈملىدىن خوتۇن-بالىلىرى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممىمىز دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق. 6قۇچاقلىشىپ خوشلاشقاندىن كېيىن، بىز كېمىگە چىقتۇق، ئۇلار ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
7تۇر شەھىرىدىن دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا پىتولىمايس شەھىرىگە كەلدۇق. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر كۈن تۇردۇق. 8ئەتىسى، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، قەيسەرىيە شەھىرىگە كەلدۇق. بىز بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق.   9بۇ كىشىنىڭ تېخى ياتلىق قىلىنمىغان، بېشارەت-ۋەھىيلەرنى يەتكۈزىدىغان تۆت قىزى بار ئىدى. 10بىز ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، ئاگابۇس ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چۈشتى. 11بۇ كىشى بىزنىڭ ئالدىمىزغا كېلىپ، پاۋلۇسنىڭ بەلۋېغىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پۇت-قولىنى باغلاپ:
ــ مۇقەددەس روھ مۇنداق دەيدۇ: ــ يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ! ــ دېدى.  
12بۇلارنى ئاڭلاپ، ھەم بىز ھەم شۇ يەرلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە پاۋلۇستىن يېرۇسالېمغا بارمىغىن دەپ ئۆتۈندۇق. 13لېكىن پاۋلۇس جاۋابەن:
ــ سىلەر نېمىشقا بۇنچىۋالا يىغلاپ، يۈرىكىمنى ئېزىسىلەر؟ مەن يېرۇسالېمدا رەب ئەيسانىڭ نامى ئۈچۈن تۇتقۇن بولۇشلا ئەمەس، شۇ يەردە ئۆلۈشكىمۇ تەييارمەن، ــ دېدى.
14بىز ئۇنى قايىل قىلالماي، ئاخىرىدا سۈكۈت قىلىپ:
ــ رەبنىڭ ئىرادىسى ئادا قىلىنسۇن! ــ دېدۇق.
15بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق. 16قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى.
پاۋلۇسنىڭ ياقۇپ بىلەن كۆرۈشۈشى
17يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. 18ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى. 19پاۋلۇس ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى ئارقىلىق ئەللەر ئارىسىدا قىلغان ئىشلىرىنى بىر-بىرلەپ ئۇلارغا تەپسىلىي ئېيتىپ بەردى. 20بۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى، ئاندىن پاۋلۇسقا:
ــ كۆرۈۋاتىسەن، ئى قېرىندىشىم، يەھۇدىيلار ئىچىدە قانچە مىڭلىغان ئېتىقاد قىلغۇچىلار بار! ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتايىن قىزغىن ئىكەن. 21ئۇلار سېنىڭ توغراڭدا: «ئۇ ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ياشىغان پۈتۈن يەھۇدىيلارغا مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغىنىدىن يېنىشنى، يەنى بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرماسلىقنى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماسلىقنى ئۆگىتىدۇ» دەپ ئاڭلىدى. 22ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ چۈنكى خالايىق چوقۇم سېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ قالىدۇ. 23شۇڭا بىزنىڭ دېگىنىمىزدەك قىلغىن: ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار. 24سەن ئۇلارنى ئېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە تەۋراتتىكى تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق چىقىملىرىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن، ئاندىن ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن سەن توغرۇلۇق ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست ئەمەسلىكىنى ۋە سېنىڭ ئۆزۈڭ تەۋراتقا تەرتىپى بويىچە رىئايە قىلىۋاتلىقىڭنى بىلىپ يېتىدۇ. 25ئەمما ئەللەردىن بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارغا پەقەتلا بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەرنى يېمەسلىك، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋاننىڭ گۆشىنىمۇ يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن ئۆزلىرىنى ساقلاش توغرۇلۇق قارارىمىزنى ئۆتكەنكى خەت ئارقىلىق ئۇقتۇردۇق.
26بۇنىڭ بىلەن، پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، كاھىنلارغا ئۆزلىرىنىڭ پاكلىنىش مۇددىتىنىڭ قاچان توشۇدىغانلىقى، يەنى ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى.  
پاۋلۇسنىڭ ئىبادەتخانىدا تۇتقۇن قىلىنىشى
27يەتتە كۈنلۈك مۇددەت توشۇشقا ئاز قالغاندا، ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار پاۋلۇسنى ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ، خالايىقنى قۇترىتىپ، ئۇنىڭغا قول سېلىپ: 28ــ ئەي ئىسرائىللار، ياردەمدە بولۇڭلار! ھەممە يەردىلا، ھەممە ئادەمگە خەلقىمىزگە، تەۋرات قانۇنىغا ۋە ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلەرنى ئۆگىتىۋاتقان ئادەم دەل شۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە گرېكلەرنى ئىبادەتخانىمىزغا باشلاپ كىرىپ، بۇ مۇقەددەس جاينى بۇلغىدى! ــ دەپ چۇقان كۆتۈردى 29(ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى ۋە پاۋلۇس ئۇنى ئىبادەتخانىغا باشلاپ كىرگەن، دەپ ئويلىغانىدى).  
30شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر زىلزىلىگە كەلدى. خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى. 31بۇ ئوپ ئادەم پاۋلۇسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، پۈتكۈل يېرۇسالېمنى مالىمانچلىق قاپلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى بىر خەۋەر ئۇ يەردە تۇرۇشلۇق رىم قىسمىنىڭ مىڭبېشىغا يەتكۈزۈلدى. 32مىڭبېشى دەرھال لەشكەر ۋە بىرنەچچە يۈزبېشىنى ئېلىپ، توپ-توپ ئادەملەرنى باستۇرۇشقا يۈگۈرۈپ كەلدى. مىڭبېشى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆرگەن خالايىق پاۋلۇسنى ئۇرۇشتىن توختىدى. 33مىڭبېشى ئالدىغا ئۆتۈپ، لەشكەرلەرنى پاۋلۇسنى تۇتۇپ ئىككى زەنجىر بىلەن باغلاشقا بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇ:
ــ بۇ ئادەم كىم؟ ئۇ نېمە گۇناھ قىلدى؟ ــ دەپ سورىدى.
34لېكىن توپىلاڭچىلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر ئۇنى دېسە، بەزىلەر بۇنى دېيىشىپ ۋارقىرىشاتتى. مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن مىڭبېشى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز قېلىپ، ئاخىر پاۋلۇسنى قەلئەگە ئېلىپ كېتىشنى بۇيرۇدى. 35لېكىن پاۋلۇس قەلئەنىڭ پەلەمپىيىگە كەلگەندە، توپىلاڭچىلار تېخىمۇ زوراۋانلىشىپ كەتكەچكە، لەشكەرلەر ئۇنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. 36چۈنكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن توپ-توپ ئادەملەر ئەگىشىپ مېڭىپ:
ــ ئۇ يوقىتىلسۇن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى.
پاۋلۇسنىڭ گۇۋاھلىق بېرىپ ئاقلىنىشى
37قەلئەگە ئەكىرىلىشىگە ئاز قالغاندا، پاۋلۇس مىڭبېشىغا:
ــ سىزگە بىر ئېغىز سۆز قىلسام بولامدىكىن؟ ــ دەپ سورىدى.
مىڭبېشى: ــ گرېكچە بىلەمسەن؟ 38ئۇنداقتا، ئىلگىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، «خەنجەرچى قاتىللار»دىن تۆت مىڭ ئادەمنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق ئەمەسمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى.
39لېكىن پاۋلۇس: ــ مەن يەھۇدىي، كىلىكىيە ئۆلكىسىدىكى ئۇلۇغ شەھەر تارسۇسنىڭ پۇقراسىمەن. خالايىققا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلىشىمغا ئىجازەت قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، ــ دېدى.
40 مىڭبېشى ئىجازەت بېرىۋىدى، پاۋلۇس پەلەمپەيدە تۇرۇپ، خالايىققا قول ئىشارىتى قىلدى. قاتتىق جىمجىتلىق باسقاندا، ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ: ــ

Notes


21:1 «ئاندىن بىز ئۇلاردىن ئاجرىلىپ چىققاندىن كېيىن، كېمە بىلەن ئۇدۇل قوس ئارىلىغا قاراپ يول ئالدۇق. ئەتىسى، رودوس ئارىلىغا، ئۇ يەردىن پاتارا شەھىرىگە باردۇق» ــ بۇ ئايەتتىكى «بىز»، «ئالدۇق» ۋە «باردۇق» دېگەن سۆزلەرگە قارىغاندا، لۇقا يەنە پاۋلۇسقا ھەمراھ بولدى.

21:3 «ئۇنى ، يەنى سىپرۇس ئارىلىنى سول تەرىپىمىزدە قالدۇرۇپ ئۆتۈپ...» ــ دېمەك، «ئۇنىڭ جەنۇبىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ...».

21:4 «ئۇلارغا مۇقەددەس روھنىڭ ۋەھىيىسى كېلىپ، ئۇلار پاۋلۇسقا ئايىغىڭ يېرۇسالېمغا باسمىسۇن، دەپ نەسىھەت قىلدى» ــ «نەسىھەت قىلاتتىى» دېگەنلىكنىڭ باشقا خىل تەرجىمىسى «نەسىھەت قىلاتتىى». مۇقەددەس روھ ئۇلارغا پاۋلۇسنىڭ يېرۇسالېمدا تارتىدىغان ئازابلىرىدىن خەۋەر بەرگەنىدى. ئۇ ئاللىقاچان باشقا يەرلەردىكى مۇخلىسلاردىن مۇشۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان (23:20). لېكىن مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھنىڭ ئۇنىڭغا «بارمىسۇن» دېگەن سۆزىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ يېرۇسالېمغا بېرىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئەمەس، دەپ ئويلاشقا مايىلمىز.

21:4 روس. 20‏:23؛ 21‏:12.

21:8 «بىز بۇرۇن يېرۇسالېمدىكى «يەتتە خىزمەتكار»دىن بىرى بولغان، خۇش خەۋەرچى فىلىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوندۇق» ــ يېرۇسالېمدىكى «يەتتە خىزمەتكار» ــ 6-بابنى كۆرۈڭ.

21:8 روس. 6‏:5؛ 8‏:29.

21:9 يو. 2‏:28-29؛ روس. 2‏:17.

21:10 روس. 11‏:28.

21:11 «يەھۇدىيلار بۇ بەلۋاغنىڭ ئىگىسىنى يېرۇسالېمدا مۇشۇنداق باغلاپ، يات ئەللىكلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ!» ــ 21-36ئايەتلەرنى كۆرۈڭ. پاۋلۇس رىملىقلارنىڭ سورىقىغا تارتىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئادەملىرىدىن بىرىنى يات ئەللىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشى ئۆزلىرىگە بەك ئۇياتلىق ئىش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پاۋلۇسقا بولغان ئۆچمەنلىكى ناھايىتى ئېنىق تۇرىدۇ.

21:11 روس. 20‏:23؛ 21‏:33.

21:14 مات. 6‏:10؛ لۇقا 11‏:2؛ 22‏:42.

21:16 «ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «ئۇلار بىزنى (يېرۇسالېمدىكى) ئۆيىدە كۈتمەكچى بولغان مىناسون ئىسىملىك بىر سىپرۇسلۇقنى بىز بىلەن ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى».

21:23 «ئارىمىزدا قەسەم ئىچكەن تۆت ئادەم بار» ــ «قەسەم ئىچكەن» خۇدانىڭ ئالدىدا ئىچكەن؛ بۇ خۇدانىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ياكى ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن بولغان بولسا كېرەك. بۇنداق قىلىشى ئەمەلىيەتتە «يېڭى ئەھدە»گە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكى «كونا ئەھدە»گە ئائىت ئىش ئىدى.

21:24 «تازىلىنىش قائىدىسىدىن ئۆتۈپ...» ــ «تازلىنىش» ــ ئىنرانىي تىلىدا بولسا «تاھارەت». ياقۇپلار ئېيتقان شۇ «تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتايىن قىزغىن» بولغان يەھۇدىي ئېتىقادچىلار بەلكىم پاۋلۇسنى «يەھۇدىي ئەمەسلەر»نىڭ زېمىنلىرىدىن ئۆتۈشى بىلەن «ناپاك بولدى» دەپ قارىشى مۇمكىن ئىدى. «ئۇلار چاچلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ» ــ تەۋرات، «چۆل.» 13:6-20نى كۆرۈڭ. «نازارىيلار» خۇدا ئالدىدا دۇئاسىنىڭ ئىلتىجا قىلىنىشى ئۈچۈن ياكى تەشەككۈر ئېيتىشى ئۈچۈن چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇۋىتەتتى. قەسەمنىڭ مۆھلىتى توشقاندا، ئاۋۋال قۇربانلىق سۇنۇپ ئاندىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتەتتى.

21:25 يار. 9‏:4؛ مىس. 20‏:3؛ روس. 15‏:23؛ 1كور. 8‏:1.

21:26 «... پاۋلۇس ئۇ كىشىلەرنى ئېلىپ، ئەتىسى ئۆزى ئۇلار بىلەن بىللە تازىلىنىش قائىدىسىنى ئۆتكۈزۈشتى؛ ئاندىن ئۇ ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ... ھەرقايسىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشنىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى» ــ بۇ ئىش، يەنە ياقۇپنىڭ تەشەببۇس قىلغىنى ھەمدە ئۇنىڭغا پاۋلۇسنىڭ قوشۇلۇشى، ئۇنىڭ بۇ تۆت كىشى بىلەن «تازىلىنىش»ى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قۇربانلىق قىلىشى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.

21:26 روس. 24‏:6.

21:29 «...ئەسلىدە ئۇلار شەھەردە ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇسنىڭ پاۋلۇس بىلەن بىللە بولغانلىقىنى كۆرگەنىدى» ــ ئەفەسۇسلۇق تروفىمۇس يەھۇدىي ئەمەس، گرېك ئىدى، ئەلۋەتتە.

21:29 روس. 20‏:4؛ 2تىم. 4‏:20.

21:30 «خالايىق تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، پاۋلۇسنى تۇتۇپ، ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرى دەرھال تاقىۋېتىلدى» ــ مەقسىتى شۈبھىسىزكى، ئىبادەتخانىنىڭ ئۆزىدە قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن ئۈچۈن ئىدى.

21:31 «لەشكەر قىسمىنىڭ مىڭبېشى» ــ گرېك تىلىدا «خىلىئارق»؛ ئەمەلىيەتتە 600 ئەسكەرنى باشقۇراتتى.

21:33 روس. 21‏:11.

21:36 لۇقا 23‏:18؛ يـۇھ. 19‏:15؛ روس. 22‏:22.

21:38 «خەنجەرچى قاتىللار» ــ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى تۇرغان ئەڭ ئەشەددىي سىياسىي ئېقىم ئىدى. ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قورال كىيىم ئىچىدە يوشۇرۇشقا قولايلىق بولغان خەنجەر ئىدى.

21:39 روس. 9‏:11،30.

21:40 «ئۇ ئىبرانىي تىلىدا سۆزلەشكە باشلاپ..» ــ «ئىبرانىي تىلىدا» ــ ئارامىي دىئالېكتىدا بولۇشى مۇمكىن.