1
پەند-نەسىھەتلەر
پەند-نەسىھەتلەرنىڭ قەدىر-قىممىتى
1ئىسرائىل پادىشاھى داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
2بۇ پەند-نەسىھەتلەر ساڭا ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئۆگىتىپ، سېنى ئىبرەتلىك سۆزلەرنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ؛ 3ساڭا دانالىق، ھەققانىيلىق، پەم-پاراسەت ۋە دۇرۇسلۇقنىڭ يوليورۇق-تەربىيىسىنى قوبۇل قىلدۇرىدۇ. 4بۇ پەند-نەسىھەتلەر نادانلارنى زېرەك قىلىپ، ياشلارنى بىلىملىك ۋە سەزگۈر قىلىدۇ؛ 5بۇلارغا قۇلاق سېلىشى بىلەن دانالار بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ، يورۇتۇلغان كىشىلەر تېخىمۇ دانا مەسلىھەتكە ئېرىشىدۇ، 6شۇنداقلا پەند-نەسىھەتلەر ھەم تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى، دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىرى ھەم تىلسىم سۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان قىلىنىدۇ.
ياشلارغا نەسىھەت
7پەرۋەردىگاردىن قورقۇش بىلىمنىڭ باشلىنىشىدۇر؛
ئەخمەقلەر دانالىقنى ۋە تەربىيىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
8ئى ئوغلۇم، ئاتاڭنىڭ تەربىيىسىگە قۇلاق سال، ئاناڭنىڭ سۆز-نەسىھەتىدىن ئايرىلما؛ 9چۈنكى ئۇلار سېنىڭ بېشىڭغا تاقالغان گۈل چەمبىرەك، بوينۇڭغا ئېسىلغان مارجان بولىدۇ.
10ئى ئوغلۇم، يامانلار سېنى ئازدۇرسا، ئۇلارغا ئەگەشمىگىن.
11ئەگەر ئۇلار: ــ يۈر، تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى؛
يوشۇرۇنىۋېلىپ، بىرەر بىگۇناھ كەلگەندە ئۇرايلى!
12تەھتىسارادەك ئۇلارنى يۇتۇۋېتەيلى،
ساق بولسىمۇ، ھاڭغا چۈشكەنلەردەك ئۇلارنى يىقىتايلى؛
13ئۇلاردىن خىلمۇخىل قىممەتلىك مال-دۇنياغا ئىگە بولۇپ،
ئۆيلىرىمىزنى ئولجا بىلەن تولدۇرىمىز.
14بىز بىلەن شېرىك بول،
ھەميانىمىز بىر بولسۇن، دېسە، ــ
15ئى ئوغلۇم، ئۇلارغا يولداش بولما،
ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!
16چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە يۈگۈرىدۇ،
قولىنى قان قىلىش ئۈچۈن ئالدىرايدۇ.
17ھەرقانداق ئۇچار قانات تۇيۇپ قالغاندا تۇزاق قويۇش بىكار ئاۋارىچىلىكتۇر؛
18لېكىن بۇلار دەل ئۆز قېنىنى تۆكۈش ئۈچۈن ساقلايدۇ؛
ئۆز جانلىرىغا زامىن بولۇشنى كۈتىدۇ.
19نەپسى يوغىناپ كەتكەن ھەربىر ئادەمنىڭ يوللىرىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق؛
ھارام مال-دۇنيا ئۆز ئىگىلىرىنىڭ جېنىنى ئالىدۇ.
دانالىق ساداسى
20 بۈيۈك دانالىق كوچىدا ئوچۇق-ئاشكارا خىتاب قىلماقتا،
چوڭ مەيدانلاردا ساداسىنى ئاڭلاتماقتا.
21كوچا دوقمۇشلىرىدا ئادەملەرنى چاقىرماقتا،
شەھەر دەرۋازىلىرىدا سۆزلىرىنى جاكارلىماقتا: ــ
22ئى ساددىلار، قاچانغىچە مۇشۇنداق نادانلىققا بېرىلىسىلەر؟
مەسخىرە قىلغۇچىلار قاچانغىچە مەسخىرىلىكتىن ھۇزۇر ئالسۇن؟
ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!
23تەنبىھلىرىمگە قۇلاق سېلىپ ماڭغان يولۇڭلاردىن يانغان بولساڭلار ئىدى!
روھىمنى سىلەرگە تۆكۈپ بېرەتتىم،
سۆزلىرىمنى سىلەرگە بىلدۈرگەن بولاتتىم.
24لېكىن چاقىرسام، ئاڭلىمىدىڭلار؛
قولۇمنى ئۇزارتسام، ھېچقايسىڭلار قارىمىدىڭلار.
25نەسىھەتلىرىمنىڭ ھەممىسىگە پەرۋا قىلمىدىڭلار،
تەنبىھىمنى ئاڭلاشنى قىلچە خالىمىدىڭلار.
26شۇڭا، بېشىڭلارغا بالايىقازا كەلگەندە كۈلىمەن،
ۋەھىمە سىلەرگە يېتىشى بىلەن مەسخىرە قىلىمەن.
27ھالاكەت ئېلىپ كەلگەن ۋەھىمە ئۈستۈڭلەرگە چۈشكەندە،
ۋەيرانچىلىق سىلەرگە قۇيۇنتازدەك كەلگەندە،
سىلەر ئېغىر قايغۇغا ۋە ئازابقا مۇپتىلا بولغىنىڭلاردا ــ
28ئۇ چاغدا مۇشۇ كىشىلەر مەندىن ئۆتۈنۈپ چاقىرىدۇ،
مەن پەرۋا قىلمايمەن،
مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىسىمۇ، تاپالمايدۇ.
29ئۇلار بىلىمگە نەپرەتلەنگىنىدىن،
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنى تاللىمىغىنىدىن،
30مېنىڭ نەسىھىتىمنى قىلچە قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقىدىن،
تەنبىھىمگىمۇ پەرۋا قىلمىغىنىڭلاردىن،
31ئۇلار ئۆز بېشىنى يەيدۇ،
ئۆز قەستلىرىدىن تولۇق ئازاب تارتىدۇ؛
32چۈنكى ساددىلارنىڭ يولدىن چىقىشى ئۆز جېنىغا زامىن بولىدۇ؛
ئەخمەقلەر راھەتلىك تۇرمۇشىدىن ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.
33لېكىن ماڭا قۇلاق سالغانلار ئامان-ئېسەن ياشايدۇ،
بالايىقازالاردىن، غەم-ئەندىشلەردىن خالىي بولۇپ، خاتىرجەم تۇرىدۇ.
Notes
■1:1
1پاد. 4:32؛ ۋەھ. 9:3
□1:5
«يورۇتۇلغان كىشى» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشلارنى، مەسىلىلەرنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان كىشى» دېگەن مەنىدە.
■1:7
ئايۇپ 28:28؛ زەب. 111:10؛ پەند. 9:10؛ توپ. 12:13
□1:11
«... تۇزاق قۇرۇپ ئادەم ئۆلتۈرەيلى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «... تۇزاق قۇرۇپ قان تۆكەيلى».
□1:12
«تەھتىسارا» ــ ئۆلگۈچىلەرنىڭ روھلىرى قىيامەت كۈنىنى كۈتىدىغان جاي (ئىبرانىي تىلىدا «شېئول» دېگەن سۆز).
□1:15
«ئۆزۈڭنى ئۇلارنىڭ ئىزىدىن نېرى قىل!» ــ ئىبرانىي تىلىدا «پۇتۇڭنى ئۇلارنىڭ يولىدىن نېرى قىل!».
■1:16
يەش. 59:7؛ رىم. 3:15
■1:19
ئايۇپ 8:13
□1:20
«دانالىق» ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «دانالىق» پەزىلەتلىك بىر ئايالنىڭ سۈپىتىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ «پەزىلەتلىك ئايال» 1:5-14، 20:6-35، 6:7-27، 13:9-18دە بايان قىلىنغان «پاھىشە ئايال» بىلەن سېلىشتۇرۇلۇشى «پەند-نەسىھەتلەر»نىڭ مۇھىم بىر تېمىسىدۇر.
□1:22
«ساددىلار» ــ «پەند-نەسىھەتلەر»دە «ساددىلار» (ياكى «نادانلار») دېگەننىڭ «ئۆگەنمىگەنلەر»، «ساۋاتقا ئېرىشمىگەنلەر» دېگەن باشقا خىل تەرجىمىلىرىمۇ بار. «ئەخمەقلەر قاچانغىچە بىلىمدىن نەپرەتلەنسۇن؟!» ــ ئوقۇرمەنلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن، «دانالىق» موشۇ يەردە «نادانلار»غا («ساددىلار»غا) بىۋاسىتە سۆز قىلسىمۇ، لېكىن «ئەخمەقلەر»گە ۋە «مەسخىرە قىلغۇچىلار»غا بىۋاسىتە سۆزلىمەيدۇ. چۈنكى رەزىل يوللارنى تۇتقاچقا، ئۇلارغا ھېچقانداق بىۋاسىتە نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ (4:8، 4:9، 7-8نىمۇ كۆرۈڭ).
■1:24
يەش. 65:12؛ 66:4؛ يەر. 13:10
■1:27
ئايۇپ 27:9؛ 35:12؛ يەش. 1:15؛ يەر. 11:11؛ 14:12؛ ئەز. 8:18؛ مىك. 3:4
1پاد. 4:32؛ ۋەھ. 9:3
ئايۇپ 28:28؛ زەب. 111:10؛ پەند. 9:10؛ توپ. 12:13
يەش. 59:7؛ رىم. 3:15
يەش. 65:12؛ 66:4؛ يەر. 13:10
ئايۇپ 27:9؛ 35:12؛ يەش. 1:15؛ يەر. 11:11؛ 14:12؛ ئەز. 8:18؛ مىك. 3:4