ياشلارغا سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش
1ئى ئوغلۇم، تەلىمىمنى ئۇنتۇما،
دېگەنلىرىمنى ھەمىشە كۆڭلۈڭدە چىڭ تۇت.
2چۈنكى ئۇ ساڭا بەرىكەتلىك كۈنلەر، ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە خاتىرجەملىك قوشۇپ بېرىدۇ.  
3مېھرىبان ۋە ھەق-سەمىمىي بولۇشتىن ۋاز كەچمە،
بۇلارنى بوينۇڭغا ئېسىۋال،
قەلبىڭگە پۈتىۋال.  
4شۇنداق قىلغاندا خۇدا ۋە بەندىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن، دانىشمەن ھېسابلىنىسەن.
5ئۆز ئەقلىڭگە تايانماي، پەرۋەردىگارغا چىن قەلبىڭ بىلەن تايانغىن؛
6قانداقلا ئىش قىلساڭ، پەرۋەردىگارنى تونۇشقا ئىنتىل؛
ئۇ ساڭا توغرا يوللارنى كۆرسىتىدۇ.  
7ئۆزۈڭنى ئەقىللىق سانىما؛
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، يامانلىقتىن يىراق بول.
8شۇنداق قىلغىنىڭدا، بۇ ئىشلار دەردىڭگە دەرمان،
ئۇستىخانلىرىڭغا يىلىك بولىدۇ.
9پەرۋەردىگارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مال-دۇنيايىڭدىن ھەدىيەلەرنى سۇنغىن،
ئېتىزىڭدىن تۇنجى چىققان مەھسۇلاتلىرىڭدىن ئۇنىڭغا ئاتىغىن؛
10شۇنداق قىلغىنىڭدا، ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا تولۇپ تاشىدۇ،
شاراب كۆلچەكلىرىڭدە يېڭى شاراب ئېشىپ-تېشىپ تۇرىدۇ.
11ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە بىپەرۋالىق قىلما،
ئۇنىڭ تەنبىھىدىن بەزمە.
12چۈنكى، ئاتا ئەزىز كۆرگەن ئوغلىغا تەنبىھ-تەربىيە بەرگەندەك،
پەرۋەردىگار كىمنى سۆيگەن بولسا ئۇنىڭغا تەنبىھ-تەربىيە بېرىدۇ.
13دانالىققا مۇيەسسەر بولغان كىشى،
يورۇقلۇققا ئىگە بولغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە!
14چۈنكى دانالىقنىڭ پايدىسى كۈمۈشنىڭ پايدىسىدىن كۆپتۇر،
قىممىتى ساپ ئالتۇننىڭكىدىنمۇ زىيادىدۇر.
15ئۇ لەئەل-ياقۇتلاردىن قىممەتلىكتۇر،
ئىنتىزار بولغان ھەرقانداق نەرسەڭدىن ھېچبىرىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.
16دانالىقنىڭ ئوڭ قولىدا ئۇزۇن ئۆمۈر،
سول قولىدا بايلىق ۋە شۆھرەت باردۇر.
17ئۇنىڭ يوللىرى ساڭا خۇش پۇراق تۇيۇلۇر،
ئۇنىڭ بارلىق تەرىقىلىرى سېنى ئارام تاپقۇزۇر.
18ئۇ ئۆزىنى تاپقان ئادەمگە «ھاياتلىق دەرىخى»دۇر،
ئۇنى چىڭ تۇتقان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك!
19پەرۋەردىگار دانالىق بىلەن يەر-زېمىننى بەرپا قىلدى،
ھېكمەت بىلەن ئاسماننى ئورناتتى.
20ئۇنىڭ بىلىمى بىلەن يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى،
ھەمدە بۇلۇتلاردىن شەبنەم چۈشتى.  
21ئى ئوغلۇم! دانالىق بىلەن بىلىمنى كۆزۈڭدىن چىقارما،
پىشقان ھېكمەت ۋە پەم-پاراسەتنى چىڭ تۇت.
22شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جېنىڭغا جان قوشىدۇ،
بوينۇڭغا ئېسىلغان ئېسىل مارجاندەك ساڭا گۈزەللىك قوشىدۇ.
23شۇ چاغدا يولۇڭدا ئامان-ئېسەن ماڭالايسەن،
يولدا پۇتلاشمايسەن.
24ياتقاندا ھېچ نېمىدىن قورقمايسەن،
يېتىشىڭ بىلەنلا تاتلىق ئۇخلايسەن.
25بېشىڭغا دەھشەتلىك ۋەھىمە چۈشكەندە قورقمىغىن،
رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!  
26چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ تايانچىڭدۇر،
ئۇ پۇتۇڭنى قاپقانلاردىن نېرى قىلىدۇ.
27پەقەت قولۇڭدىن كەلسىلا، ھاجەتمەنلەردىن ياخشىلىقنى ئايىمىغىن.
28قولۇم-قوشنىلىرىڭ سېنىڭدىن ئۆتنە سوراپ كىرسە، «قايتىپ كېتىپ، ئەتە كەلگىن، ئەتە بېرەي» ــ دېمىگىن.
29قوشناڭغا زىيانكەشلىك نىيىتىدە بولما،
چۈنكى ئۇ ساڭا ئىشىنىپ يېنىڭدا خاتىرجەم ياشايدۇ.
30بىرسى ساڭا زىيان يەتكۈزمىگەن بولسا،
ئۇنىڭ بىلەن سەۋەبسىز ماجىرالاشما.
31زۇلۇمخور كىشىگە ھەسەت قىلما،
ئۇنىڭ يول-تەدبىرلىرىدىن ھېچنېمىنى تاللىما.
32چۈنكى قىڭغىر يوللارنى ماڭىدىغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر،
لېكىن ئۇنىڭ سىرداش دوستلۇقى دۇرۇس ياشاۋاتقان ئادەمگە تەئەللۇقتۇر.
33پەرۋەردىگارنىڭ لەنىتى رەزىللىك قىلغۇچىنىڭ ئۆيىدىدۇر،
لېكىن ئۇ ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۆيىگە بەخت ئاتا قىلۇر.
34بەرھەق، مەسخىرە قىلغۇچىلارنى ئۇ مەسخىرە قىلىدۇ،
لېكىن كىچىك پېئىل كىشىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ.
35دانالار شۆھرەتكە ۋارىسلىق قىلىدۇ،
لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ.

Notes


3:1 «چىڭ تۇت» ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا: «قوغدا، مۇداپىئە قىل» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.

3:2 «بەرىكەتلىك كۈنلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى».

3:2 قان. 8‏:1؛ 30‏:20

3:3 «قەلبىڭگە پۈتىۋال» ــ ئىبرانىي تىلىدا «قەلبىڭدىكى تاختايغا پۈتۈۋال» (مۇسا پەيغەمبەرگە تاپشۇرۇلغان مۇقەددەس قانۇن ئىككى تاش تاختايغا پۈتۈلگەنىدى).

3:3 مىس. 13‏:9؛ قان. 6‏:8

3:4 «ئىلتىپاتقا لايىق بولىسەن» ــ مۇشۇ يەردە ئىبرانىي تىلىدا «ئىلتىپات» دېگەن سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ، ئىككىنچى مەنىسى «گۈزەللىك»تۇر.

3:6 «قانداقلا ئىش قىلساڭ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بارلىق يوللىرىڭدا...».

3:6 1تار. 28‏:9

3:7 رىم. 12‏:16

3:8 «دەردىڭگە دەرمان... بولىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كىندىكىڭگە سالامەتلىك.... بولىدۇ».

3:9 مىس. 23‏:19؛ 34‏:26؛ قان. 26‏:2-11؛ مال. 3‏:10؛ لۇقا 14‏:13

3:10 قان. 28‏:8

3:11 ئايۇپ 5‏:17؛ ئىبر. 12‏:5

3:12 ۋەھ. 3‏:19

3:14 ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ پەند. 8‏:11،19؛ 16‏:16

3:15 پەند. 8‏:11

3:18 «ھاياتلىق دەرىخى» ــ شۈبھىسىزكى، «ئېرەن باغچىسى»دىكى ئادەمئاتىمىز ۋە ھاۋائانىمىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا تەييارلانغان «ھاياتلىق دەرىخى»نى كۆرسىتىدۇ (تەۋرات، «يار.» 9:2).

3:20 «يەرنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرى يېرىلدى» ــ بەلكىم نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدىكى «چوڭ توپان» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يار.» 11:7)

3:20 يار. 1‏:9،10

3:23 زەب. 37‏:23-24؛ 91‏:9-12

3:24 لاۋ. 6‏:19؛ ئايۇپ 11‏:19؛ زەب. 3‏:5؛ 4‏:8؛ 91‏:5، 6

3:25 «رەزىللەرنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن غەم قىلمىغىن!» ــ ياكى «رەزىللەرنىڭ بېشىغا چۈشكەن ۋەيرانچىلىقتىن غەم قىلمىغىن!».

3:25 ئايۇپ 5‏:21

3:30 «سەۋەبسىز ماجىرالاشما» ــ ياكى «سەۋەبسىز دەۋالاشما».

3:31 زەب. 37‏:1؛ 73‏:3؛ پەند. 23‏:17

3:32 ئايۇپ 29‏:4؛ زەب. 25‏:9،12،14

3:33 لاۋ. 26‏:14-45؛ قان. 28‏:15-68؛ مال. 2‏:2

3:34 ياق. 4‏:6؛ 1پېت. 5‏:5

3:35 «لېكىن ھاماقەتلەر رەسۋا قىلىنىدۇ» ــ ياكى «لېكىن ئۇ (خۇدا) ھاماقەتلەرنى نومۇسقا قالدۇرىدۇ» (ئىبرانىي تىلىدا كىنايە ئىشلىتىپ، ئاخىرقى سۆز «كۆتۈرۈلىدۇ» بولىدۇ).