پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى
1پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەند-نەسىھەتلىرى: ــ
دانا ئوغۇل ئاتىسىنى شاد قىلار؛
ئەقىلسىز ئوغۇل ئانىسىنى قايغۇ-ھەسرەتكە سالار.
2ھارام بايلىقلارنىڭ ھېچ پايدىسى بولماس؛
ھەققانىيەت ئىنساننى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرار.
3پەرۋەردىگار ھەققانىي ئادەمنىڭ جېنىنى ئاچ قويماس؛
لېكىن ئۇ قەبىھلەرنىڭ نەپسىنى بوغۇپ قويار.
4ھۇرۇنلۇق كىشىنى گاداي قىلار؛
ئىشچانلىق بولسا باياشات قىلار.  
5يازدا ھوسۇلنى يىغىۋالغۇچى ــ دانا ئوغۇلدۇر؛
لېكىن ئورما ۋاقتىدا ئۇخلاپ ياتقۇچى ــ خىجالەتكە قالدۇرىدىغان ئوغۇلدۇر.
6بەرىكەت ھەققانىي ئادەمنىڭ بېشىغا چۈشەر؛
ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار.
7ھەققانىي ئادەمنىڭ يادىكارى مۇبارەكتۇر؛
يامانلارنىڭ نامى بولسا، سېسىق قالار.
8دانا ئادەم يوليورۇق-نەسىھەتلەرنى قوبۇل قىلار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
9غۇبارسىز يۈرگەن كىشىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى تۇراقلىقتۇر،
يوللىرىنى ئەگرى قىلغاننىڭ كىرى ئاخىرى ئاشكارىلىنىدۇ.
10كۆز ئىشارىتىنى قىلىپ يۈرىدىغانلار ئادەمنى داغدا قالدۇرار؛
كوت-كوت، نادان كىشى ئۆز ئايىغى بىلەن پۇتلىشار.
11ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى ھاياتلىق بۇلىقىدۇر،
ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار.  
12ئۆچمەنلىك جېدەل قوزغار؛
مېھىر-مۇھەببەت ھەممە گۇناھلارنى ياپار.
13ئەقىل-ئىدراقلىك ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق تېپىلار؛
ئەقىلسىزنىڭ دۈمبىسىگە پالاق تېگەر.
14دانا ئادەملەر بىلىملەرنى زىيادە توپلار؛
لېكىن ئەخمەقنىڭ ئاغزى ئۇنى ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرار.
15مال-دۇنيالىرى گويا مەزمۇت شەھەردەك باينىڭ كاپالىتىدۇر؛
مىسكىننى ھالاك قىلىدىغان ئىش دەل ئۇنىڭ نامراتلىقىدۇر.
16ھەققانىيلارنىڭ ئەجىرلىرى جانغا جان قوشار،
قەبىھلەرنىڭ ھوسۇلى گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر.
17نەسىھەتنى ئاڭلاپ ئۇنى ساقلىغۇچى ھاياتلىق يولىغا ماڭار؛
تەنبىھلەرنى رەت قىلغان كىشى يولدىن ئازغانلاردۇر.
18ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس؛
تۆھمەت چاپلىغانلار ئەخمەقتۇر.
19گەپ كۆپ بولۇپ كەتسە، گۇناھتىن خالىي بولماس،
لېكىن ئاغزىغا ئىگە بولغان ئەقىللىقتۇر.
20ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى خۇددى ساپ كۈمۈش؛
ياماننىڭ ئويلىرى تولىمۇ ئەرزىمەستۇر.
21ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىنى قۇۋۋەتلەر؛
ئەخمەقلەر ئەقلى كەملىكىدىن ئۆلەر.
22پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتى ئادەمنى دۆلەتمەن قىلار؛
ئۇ بەرىكىتىگە ھېچبىر جاپا-مۇشەققەت قوشماس.
23ئەخمەق قەبىھلىكنى تاماشا دەپ بىلەر؛
ئەمما دانالىق يورۇتۇلغان كىشىنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر.  
24يامان كىشى نېمىدىن قورقسا شۇنىڭغا ئۇچرار؛
ھەققانىي ئادەمنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلار.
25يامان ئادەم قۇيۇندەك ئۆتۈپ يوقار؛
لېكىن ھەققانىي ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇلدەكتۇر.
26ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك،
كۆزىگە ئىس-تۈتەك كىرىپ كەتكەندەك،
ھۇرۇن ئادەمنى ئىشقا ئەۋەتكەنمۇ شۇنداق بولار.
27پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئۆمۈرنى ئۇزۇن قىلار،
ياماننىڭ ئۆمرى قىسقارتىلار.
28ھەققانىي ئادەمنىڭ ئۈمىدى خۇرسەنلىك ئېلىپ كېلەر؛
لېكىن رەزىلنىڭ كۈتكىنى يوققا چىقار.
29پەرۋەردىگارنىڭ يولى دۇرۇس ياشاۋاتقانلارغا باشپاناھدۇر؛
قەبىھلىك قىلغۇچىلارغا بولسا ھالاكەتتۇر.
30ھەققانىيلارنىڭ ئورنى مۇستەھكەمدۇر؛
يامانلار زېمىندا ئۇزۇن تۇرماس.
31ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزىدىن دانالىق چىقار؛
لېكىن شۇملۇق تىل كېسىپ تاشلىنار.
32ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى كىشىگە موك خۇشياقار؛
يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق چىقار.

Notes


10:1 پەند. 15‏:20

10:2 پەند. 11‏:4

10:4 «ھۇرۇنلۇق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «قول بوشلۇقى». «ئىشچانلىق» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئەستايىدىللىقنىڭ قولى».

10:4 پەند. 12‏:24

10:6 «ئەمما زوراۋانلىق يامانلارنىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئەمما يامانلارنىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».

10:8 پەند. 10‏:10

10:11 «ھاياتلىق بۇلىقى» ــ بەلكىم «ئېرەن باغچىسى»دىكى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»كە ئوخشىتىلغاندۇر. «ئەمما زوراۋانلىق ياماننىڭ ئاغزىغا ئۇرار» ــ ياكى «ئەمما ياماننىڭ ئاغزى زوراۋانلىقنى يوشۇرار».

10:11 پەند. 10‏:6؛ 13‏:14

10:12 1كور. 13‏:7؛ 1پېت. 4‏:8

10:13 پەند. 20‏:30

10:16 «...گۇناھنىلا كۆپەيتىشتۇر» ــ ياكى «...گۇناھىنى بېكىتەر».

10:18 «ئاداۋەت ساقلىغان كىشى يالغان سۆزلىمەي قالماس» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاداۋەت ساقلىغۇچىنىڭ لەۋلىرى يالغان بولىدۇ».

10:20 «ھەققانىي ئادەمنىڭ سۆزى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ھەققانىي ئادەمنىڭ تىلى». «ياماننىڭ ئويلىرى» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ياماننىڭ كۆڭلى».

10:23 «يورۇتۇلغان» ــ ئىبارانىي تىلىدا «ئىشنى، باشقا ئادەمنى ئوبدان چۈشىنىدىغان» دېگەن مەنىدە.

10:23 پەند. 14‏:9

10:26 «ئادەم ئاچچىق سۇ يۇتۇۋالغاندەك...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئاچچىق سۇ چىشلارغا تەگكەندەك...».

10:27 پەند. 9‏:11

10:28 ئايۇپ 8‏:13،14؛ 11‏:20؛ زەب. 112‏:10

10:29 پەند. 13‏:6