1كۆڭۈلدىكى نىيەتلەر ئىنسانغا تەۋەدۇر؛
بىراق تىلنىڭ جاۋابى پەرۋەردىگارنىڭ ئىلكىدىدۇر.
2ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەممە قىلغان ئىشىنى پاك دەپ بىلەر؛
لېكىن قەلبدىكى نىيەتلەرنى پەرۋەردىگار تارازىغا سېلىپ تارتىپ كۆرەر.  
3نىيەت قىلغان ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا تاپشۇرغىن،
شۇنداق قىلغاندا پىلانلىرىڭ پىشىپ چىقار.
4پەرۋەردىگار بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەربىرىنى مەلۇم مەقسەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان؛
ھەتتا يامانلارنىمۇ بالايىئاپەت كۈنى ئۈچۈن ياراتقاندۇر.
5تەكەببۇرلۇققا تولغان كۆڭۈللەرنىڭ ھەربىرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛
قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ، جازاسىز قالماس.  
6مۇھەببەت-شەپقەت ۋە ھەقىقەت بىلەن گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار؛
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەملەرنى يامانلىقتىن خالىي قىلار.
7ئادەمنىڭ ئىشلىرى پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلسا،
ئۇ ھەتتا دۈشمەنلىرىنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىناقلاشتۇرار.
8ھالال ئالغان ئاز،
ھارام ئالغان كۆپتىن ئەۋزەلدۇر.
9ئىنسان كۆڭلىدە ئۆز يولىنى توختىتار؛
ئەمما قەدەملىرىنى توغرىلايدىغان پەرۋەردىگاردۇر.
10ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ،
ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس.
11ئادىل تارازا-مىزانلار پەرۋەردىگارغا خاستۇر؛
تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ياسىغاندۇر.
12پادىشاھ رەزىللىك قىلسا يىرگىنچلىكتۇر،
چۈنكى تەخت ھەققانىيەت بىلەنلا مەھكەم تۇرار.
13ھەققانىي سۆزلىگەن لەۋلەر پادىشاھلارنىڭ خۇرسەنلىكىدۇر؛
ئۇلار دۇرۇس سۆزلىگۈچىلەرنى ياخشى كۆرەر.
14پادىشاھنىڭ قەھرى گويا ئۆلۈمنىڭ ئەلچىسىدۇر؛
بىراق دانا كىشى ئۇنىڭ غەزىپىنى تىنچلاندۇرار.
15پادىشاھنىڭ چىرايىنىڭ نۇرى كىشىگە جان كىرگۈزەر؛
ئۇنىڭ شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر.  
16دانالىق ئېلىش ئالتۇن ئېلىشتىن نەقەدەر ئەۋزەلدۇر؛
يورۇتۇلۇشنى تاللاش كۈمۈشنى تاللاشتىن شۇنچە ئۈستۈندۇر!
17دۇرۇس ئادەمنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن يولى يامانلىقتىن ئايرىلىشتۇر؛
ئۆز يولىغا ئېھتىيات قىلغان كىشى جېنىنى ساقلاپ قالار.
18مەغرۇرلۇق ھالاك بولۇشتىن ئاۋۋال كېلەر،
تەكەببۇرلۇق يىقىلىشتىن ئاۋۋال كېلەر.
19كەمتەر بولۇپ مىسكىنلەر بىلەن باردى-كەلدىدە بولۇش،
تەكەببۇرلار بىلەن ھارام مال بۆلۈشكەندىن ئەۋزەلدۇر.
20كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار؛
پەرۋەردىگارغا تايانغان بولسا، بەخت-سائادەت كۆرەر.  
21كۆڭلى دانا كىشى سەگەك ئاتىلار؛
يېقىملىق سۆزلەر ئادەملەرنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرار.
22پەم-پاراسەت ئۆزىگە ئىگە بولغانلارغا ھاياتلىقنىڭ بۇلىقىدۇر؛
ئەقىلسىزلەرگە تەلىم بەرمەكنىڭ ئۆزى ئەقىلسىزلىكتۇر.
23ئاقىلانە كىشىنىڭ قەلبى ئاغزىدىن ئەقىل چىقىرار؛
ئۇنىڭ لەۋزىگە بىلىمنى زىيادە قىلار.
24يېقىملىق سۆزلەر گويا ھەسەلدۇر؛
كۆڭۈللەرنى خۇش قىلىپ تەنگە داۋادۇر.
25ئادەم بالىسىغا توغرىدەك كۆرۈنىدىغان بىر يول بار،
لېكىن ئاقىۋىتى ھالاكەتكە بارىدىغان يوللاردۇر.
26ئىشلىگۈچىنىڭ ئىشتىيى ئۇنى ئىشقا سالار؛
ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار.
27مۇتتەھەم كىشى يامان گەپنى كولاپ يۈرەر؛
ئۇنىڭ لەۋلىرى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ئوخشار.  
28ئەگرى ئادەم جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرغۇچىدۇر؛
غەيۋەتچى يېقىن دوستلارنى ئايرىۋېتەر.
29زوراۋان كىشى يېقىن ئادىمىنى ئازدۇرار؛
ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر.
30كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى يامان نىيەتنى ئويلار؛
لېۋىنى چىشلىگەن كىشى يامانلىققا تەيياردۇر.  
31ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ،
ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر.
32ئاسان ئاچچىقلىمايدىغان كىشى پالۋاندىن ئەۋزەلدۇر؛
ئۆزىنى تۇتۇۋالغان شەھەر ئالغاندىنمۇ ئۈستۈندۇر.
33چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن،
لېكىن نەتىجىسى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگاردىندۇر.

Notes


16:1 پەند. 16‏:1؛ 19‏:21؛ 20‏:24؛ يەر. 10‏:23

16:2 «قەلبدىكى نىيەتلەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «(ئادەملەرنىڭ) روھلىرى» دېيىلىدۇ.

16:2 پەند. 21‏:2

16:3 زەب. 37‏:5؛ 55‏:22؛ مات. 6‏:25؛ لۇقا 12‏:22؛ 1پېت. 5‏:7

16:4 ئايۇپ 21‏:30

16:5 «قول تۇتۇشۇپ بىرلەشسىمۇ،...» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «شۇبھىسىزكى،...».

16:5 پەند. 6‏:17؛ 8‏:13؛ 11‏:21

16:6 «...گۇناھلار كافارەت قىلىنىپ يېپىلار» ــ تەۋرات دەۋرىدە، گۇناھلار قۇربانلىقلار ئارقىلىق «يېپىلىپ كەچۈرۈم قىلىندى» (يەنى، «كافارەت قىلىندى»). ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندىلا، گۇناھلار «ئېلىپ تاشلاندى» (مەسىلەن، «يۇھ.» 29:1).

16:8 زەب. 37‏:16؛ پەند. 15‏:16

16:10 «ھەتتا پادىشاھنىڭ لەۋلىرىگە قارىتىپ ئەپسۇن ئوقۇلسىمۇ، *ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس» ــ يەنە ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: (1) «پادىشاھنىڭ لەۋلىرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيى بولسا، ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەس»؛ (2) «پادىشاھنىڭ لەۋلىرى ۋەھىيگە قاراپ سۆزلەيدۇ؛ ئۇنىڭ ئاغزى توغرا ھۆكۈمدىن چەتنىمەسلىكى كېرەك».

16:11 لاۋ. 19‏:36؛ قان. 25‏:13-16؛ پەند. 11‏:1؛ 20‏:10،23

16:14 پەند. 19‏:12؛ 20‏:2

16:15 «ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) شەپقىتى ۋاقتىدا ياغقان «كېيىنكى يامغۇر»دۇر» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇنىڭ (پادىشاھنىڭ) شەپقىتى «كېيىنكى يامغۇرلار»نى ئەپكەلگەن بۇلۇتتۇر». «كېيىنكى يامغۇرلار» ئىسرائىلدا 3-ئايدا يېغىپ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇشتەك ھالقىلىق رولنى ئوينايدۇ. شۇڭا ھەربىر دېھقان «كېيىنكى يامغۇر»غا تەشنادۇر، ئۇلار ئۇنى بەك قەدىرلەيدۇ.

16:15 پەند. 19‏:12

16:16 ئايۇپ 28‏:15؛ زەب. 19‏:10؛ 119‏:72؛ پەند. 3‏:14،15؛ 8‏:11،19

16:18 پەند. 11‏:2؛ 17‏:19

16:20 «كىمكى ئىشنى پەم-پاراسەت بىلەن قىلسا پايدا تاپار» ــ ياكى «نەسىھەت سۆزىگە كۆڭۈل قويغان پايدا تاپار».

16:20 زەب. 2‏:12؛ 34‏:8-9؛ 125‏:1؛ يەش. 30‏:18؛ يەر. 17‏:7

16:22 پەند. 13‏:14

16:25 پەند. 14‏:12

16:26 «ئۇنىڭ قارنى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنىڭ ئاغزى ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلار».

16:27 «مۇتتەھەم كىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «بېلىئالنىڭ ئوغلى» دېيىلىدۇ. «بېلىئال»نىڭ مەنىسى «ئەرزىمەس» دېگەنلىك بولۇپ، بەلكىم ئىبلىسنى كۆرسىتىدۇ.

16:27 پەند. 12‏:18

16:28 پەند. 15‏:18؛ 26‏:21؛ 29‏:22

16:29 «ئۇنى يامان يولغا باشلاپ كىرەر» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇنى ياخشى ئەمەس بىر يولغا باشلاپ كىرەر».

16:30 «كۆزىنى يۇمۇۋالغان كىشى» ــ ياكى «كۆز قىسقۇچى كىشى»، «كۆزىنى چىمىلداتقۇچى ئادەم».

16:30 پەند. 6‏:13،14

16:31 «ھەققانىيەت يولىدا ئاقارغان چاچ، ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر» ــ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئاق چاچ بولسا ئادەمنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر؛ ئۇ ھەققانىيەت يولىدا پەيدا بولىدۇ».

16:32 «ئۆزىنى تۇتۇۋالغان» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۆز روھىنى ئىدارە قىلىدىغان» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.