□112:1 «ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر!...» ــ بۇ كۈي «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» كۈي؛ بىراق ئىبرانىي تىلىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا جۈملە تەرتىپلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكى تۈپەيلىدىن، «ئېلىپبە تەرتىپىلىك» نۇسخىنى كۆرسىتەلمىدۇق.
■112:1 زەب. 1:1، 2
□112:5 «ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ» ــ باشقا ئىككى خىل تەرجىمىسى بار: ــ «ئۇ ئۆز ئادىللىقى بىلەن ئۆز ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرىدۇ» ياكى «دەۋادا بولسا ھۆكۈم ئۇنىڭ تەرىپىدە بولىدۇ». مۇمكىنچىلىكى باركى، يازغۇچى بۇ ئۈچ مەنىنىڭ ھەممىسىنى كۆزدە تۇتقان.