130
130-كۈي •••• ئازابلىق پەرياد
1 «يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»
 
چوڭقۇر يەرلەردىن ساڭا پەرياد كۆتۈرىمەن، ئى پەرۋەردىگار؛
2 ئى رەب، ئاۋازىمنى ئاڭلىغايسەن؛
قۇلاقلىرىڭنى يېلىنىش سادايىمغا سالغايسەن؛
3 ئەگەر سەن ياھ، قەبىھلىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ سانىساڭ،
ئەمدى رەب، كىم تىك تۇرالايدۇ؟■ زەب. 143‏:2
4 بىراق سەندە مەغپىرەت-كەچۈرۈم باردۇر؛
شۇڭا سەندىن ئەيمىنىشكە بولىدۇ.■ 2سام. 24‏:14
5 پەرۋەردىگارنى كۈتۈۋاتىمەن؛
جېنىم كۈتۈۋاتىدۇ؛
ئۇنىڭ سۆزىگە ئۈمىد باغلىدىم.■ زەب. 27‏:14؛ 40‏:1؛ 62‏:1؛ ھاب. 2‏:3
6 تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
بەرھەق، تۈن جېسەكچىلىرىنىڭ سەھەرگە بولغان تەشناسىدىن ئارتۇق،
جېنىم رەبكە تەشنا بولۇپ كۈتمەكتە.■ زەب. 5‏:3؛ 119‏:147؛ 123‏:1، 2
7 ئى ئىسرائىل، پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاڭلار؛
چۈنكى پەرۋەردىگاردا ئۆزگەرمەس مۇھەببەت باردۇر؛
ئۇنىڭدا زور نىجاتلىقلارمۇ بار؛
8 ئۇ ئىسرائىلنى بارلىق قەبىھلىكلىرىدىن بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزىدۇ.
 
 

■130:3 زەب. 143‏:2

■130:4 2سام. 24‏:14

■130:5 زەب. 27‏:14؛ 40‏:1؛ 62‏:1؛ ھاب. 2‏:3

■130:6 زەب. 5‏:3؛ 119‏:147؛ 123‏:1، 2