1
روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى
مۇقەددىمە
1-2ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس، مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى.
3ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ 4ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. 5چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر».
ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى
6روسۇللار ئۇنىڭ بىلەن جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى.
7ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق. 8بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.
9ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. 10ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ:
11ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى.
يەھۇدانىڭ ئورنىغا ماتتىياسنىڭ تاللىنىشى
12ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 13ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى. 14بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى.
15شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى:
16ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى. 17چۈنكى يەھۇدامۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە خۇدانىڭ بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى 18(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ 19بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) 20چۈنكى زەبۇردا يەھۇداغا قارىتىلغان مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ
«ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن،
ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!»
ۋە: ــ
«ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!»
21-22شۇنىڭ ئۈچۈن، رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك. بۇ كىشى ئەيسا ئارىمىزدا يۈرگەن كۈنلەردە، يەھيا پەيغەمبەردىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگىچە بىز بىلەن باشتىن-ئاخىر بىللە بولغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك، ــ دېدى.
23شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى:
24-25ــ سەن، ئى ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار! يەھۇدا تېيىلىپ بۇ خىزمەت ۋە روسۇللۇقتىن مەھرۇم بولۇپ ئۆزىگە خاس بولغان يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلاپ قويغان خىزمەت ۋە روسۇللۇقنىڭ نېسىۋىسىگە ئىگە بولۇشقا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكەيسەن!
26ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى.
Notes
□1:1-2
«مەن دەسلەپ يازغان بايان ئەيسا ئۆزى تاللىغان روسۇللارغا مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەمرلەرنى تاپشۇرۇپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن كۈنگۈچە بولغان ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى توغرىسىدا ئىدى» ــ دېمەك، «لۇقا» دېگەن كىتابتا ««ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرىنىڭ باشلانمىسى» خاتىرلىنىدۇ؛ «روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى»دە بولسا ئەيسانىڭ «بارلىق ئەمەللىرى ھەم بارلىق تەلىم بېرىشلىرى»نىڭ داۋامى خاتىرلىنىدۇ.
■1:1-2
لۇقا 1:1-3؛ مار. 16:19؛ لۇقا 9:51؛ يـۇھ. 20:21؛ ئەف. 2:17؛ 1تىم. 3:16.
■1:3
مار. 16:14؛ يـۇھ. 20:19؛ 21:1؛ 1كور. 15:5.
□1:4
«ئاتىنىڭ ۋەدىسى» ــ مۇقەددەس روھ، ئەلۋەتتە.
■1:4
لۇقا 24:48، 49؛ يـۇھ. 14:26؛ 15:26؛ 16:7.
■1:5
يەش. 44:3؛ يو. 2:27-29؛ مات. 3:11؛ مار. 1:8؛ لۇقا 3:16؛ يـۇھ. 1:26؛ روس. 2:4؛ 11:15، 16؛ 19:4.
□1:6
«مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟» ــ ياكى «مۇشۇ ۋاقىتتا پادىشاھلىقنى ئىسرائىلغا قايتۇرامسەن؟».
■1:6
مات. 24:3.
□1:7
«ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق» ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ.
■1:7
مات. 24:36.
■1:8
يەش. 2:3؛ لۇقا 24:48؛ يـۇھ. 15:27؛ روس. 2:4،32؛ ئەز.11:23؛ زەك.4:14
■1:9
مار. 16:19؛ لۇقا 24:51.
□1:10
«ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ...» ــ بۇ «ئادەملەر» پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.
■1:10
مات. 28:3.
□1:11
«سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ» ــ «دان.» 13:7-14، «زەك.» 1:14-3نى كۆرۈڭ.
■1:11
دان. 7:13؛ زەك.14:4؛ مات. 24:30؛ مار. 13:26؛ لۇقا 21:27؛ 1تېس. 1:10؛ 2تېـس. 1:10؛ ۋەھ. 1:7.
□1:12
«ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭدىن شابات كۈنلۈك بىر سەپەر يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغى...)».
□1:13
«شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى» ــ گرېك تىلىدا «شۇ يەردە پېترۇس بىلەن يۇھاننا ۋە ياقۇپ بىلەن ئاندىرىياس، فىلىپ ۋە توماس، بارتولوماي ۋە ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە يەنە بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى».
■1:14
مات. 13:55.
□1:16
«داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...» ــ گرېك تىلىدا «داۋۇتنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان...».
■1:16
زەب. 41:9؛ مات. 26:23، 47؛ مار. 14:43؛ يـۇھ. 13:18؛ 18:3.
■1:17
مات. 10:4؛ مار. 3:19؛ لۇقا 6:16.
■1:18
2سام. 17:23؛ مات. 27:5.
■1:19
مات. 27:8.
□1:20
«ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ــ «زەب.» 25:69. «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!» ــ «زەب.» 8:108.
■1:20
زەب. 69:25؛ 109:8
□1:21-22
«رەب ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە بىز بىلەن تەڭ گۇۋاھلىق بېرىشى ئۈچۈن، بىر كىشىنى تاللىشىمىز كېرەك» ــ دېمەك، يەھۇدانىڭ ئورنىغا «گۇۋاقلاق بېرىش» ئۈچۈن.
■1:21-22
روس. 6:3.
■1:23
روس. 6:6.
■1:24-25
1سام. 16:17؛ 1تار. 28:9؛ 29:17؛ زەب. 7:9؛ يەر. 11:20؛ 17:10؛ 20:12؛ روس. 15:8؛ ۋەھ. 2:23.
□1:26
«ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى» ــ «ئون ئىككىنچى روسۇل» دېگەن تېما توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.