2
مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا كېلىشى
1ئەمدى «ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى. 2ئاسماندىن تۇيۇقسىز كۈچلۈك شامال سوققاندەك بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇلار ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى بىر ئالدى. 3ئوت يالقۇنىدەك تىللار ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە تارقىلىپ قوندى. 4ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، روھ ئۇلارغا سۆز ئاتا قىلىشى بىلەن ئۇلار نامەلۇم تىللاردا سۆزلىگىلى تۇردى.
5ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى. 6ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى ھەمدە ئېتىقادچىلارنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جايدىكى تىللاردا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ قېلىشتى. 7ئۇلار ھەيران بولۇپ تەئەججۈپلىنىپ:
ــ قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى گالىلىيەلىكلەرغۇ؟ 8قانداقلارچە ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىزدىكى تىللىرىمىزدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتقاندىمىز؟ 9ئارىمىزدا پارتىيالار، مېدىئالار، ئېلاملار، شۇنداقلا مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا، 10-11فرىگىيە ھەم پامفىلىيە، مىسىر، لىۋىيەنىڭ كۇرىنىگە يېقىن جايلىرىدىن كەلگەنلەر، شۇنىڭدەك مۇشۇ يەردە مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان رىم شەھىرىدىن كەلگەنلەر ــ يەھۇدىيلار بولسۇن، تەۋرات ئېتىقادىغا كىرگەنلەر بولسۇن، كرېتلار ۋە ئەرەبلەر بولسۇن، ھەممىمىز ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئەمەللىرىنى بىزنىڭ ئانا تىللىرىمىزدا سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز! ــ دېيىشتى.
12ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئالاقزادىلىك بىلەن بىر-بىرىگە:
ــ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ ــ دېيىشتى.
13ئەمما بەزىلەر:
ــ بۇلار يېڭى شاراب بىلەن ئوبدانلا مەست بولۇپ قاپتۇ! ــ دەپ مەسخىرە قىلىشتى.
پېترۇسنىڭ چۈشەندۈرۈشى، ئەيسا مەسىھنى جار قىلىشى
14ئەمما پېترۇس قالغان ئون بىرەيلەن بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:
ــ ئەي يەھۇدىيەدىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار! بۇ ئىش سىلەرگە مەلۇم بولغايكى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! 15بۇلار سىلەر ئويلىغاندەك مەست ئەمەس، چۈنكى ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. 16ئەمەلىيەتتە بۇ دەل يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىلغان شۇ ئىشتۇر:
17ــ «خۇدا مۇنداق دېدى:
«مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن؛
سىلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ۋەھىيلىك بېشارەت يەتكۈزىدۇ،
سىلەرنىڭ يىگىتلىرىڭلار غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
سىلەرنىڭ قېرىلىرىڭلار ئالامەت چۈشلەرنى كۆرىدۇ؛
18بەرھەق، شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن، ئۇلار بېشارەت يەتكۈزىدۇ.
19مەن يۇقىرىدا ئاسمانلاردا كارامەت ئىشلار، تۆۋەندە، زېمىندا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى،
قان، ئوت، ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىنى كۆرسىتىمەن.
20رەبنىڭ ئۇلۇغ ھەم كارامەت-شەرەپلىك كۈنى بولمىغۇچە،
قۇياش قاراڭغۇلۇققا،
ئاي قانغا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
21ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى،
رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ».
22ئەي ئىسرائىللار، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلاڭلار. ناسارەتلىك ئەيسا بولسا، خۇدا ئاراڭلاردا ئۇ ئارقىلىق كۆرسەتكەن قۇدرەتلىك ئەمەللەر، كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن سىلەرگە تەستىقلىغان بىر زات ــ بۇ ئىشلار ھەممىڭلارغا مەلۇم ــ 23ئۇ كىشى خۇدانىڭ بېكىتكەن مەقسىتى ۋە ئالدىنئالا بىلىشى بويىچە ساتقۇنلۇققا ئۇچراپ تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، سىلەر ئۇنى تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەرنىڭ قولى ئارقىلىق كرېستلەپ ئۆلتۈرگۈزدۈڭلار. 24لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئازابلارنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىپ قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى ئۆلۈمنىڭ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. 25داۋۇت زەبۇردا ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق ئالدىن ئېيتقان:
«مەن پەرۋەردىگارنى ھەردائىم كۆز ئالدىمدا كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن؛
ئۇ ئوڭ يېنىمدا بولغاچقا،
مەن ھەرگىز تەۋرەنمەيمەن.
26شۇڭا مېنىڭ قەلبىم خۇشاللاندى،
مېنىڭ تىلىم شادلىنىپ يايرىدى؛
مېنىڭ تېنىم ئۈمىد-ئارزۇ ئىچىدە تۇرىدۇ؛
27چۈنكى سەن جېنىمنى تەھتىسارادا قالدۇرمايسەن،
شۇنداقلا سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا چىرىشلەرنى كۆرگۈزمەيسەن.
28سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛
ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».
29قېرىنداشلار، مەن ئاتىمىز پادىشاھ داۋۇت توغرۇلۇق ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇ ئۆلدى ۋە ئۇنىڭ قەبرىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئارىمىزدا بار. 30ئەمدى ئۇ پەيغەمبەر بولۇپ، خۇدانىڭ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەننى تۇرغۇزۇشقا قەسەم بىلەن ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلەتتى. 31ئۇ مەسىھنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلىدىغىنىنى ئالدىنئالا كۆرۈپ يەتكەن ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەسىھنىڭ تەھتىسارادا قالدۇرۇلمايدىغىنىنى ۋە تېنىنىڭ چىرىمەيدىغىنىنى تىلغا ئالغان. 32خۇدا دەل بۇ ئەيسانى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى، ۋە ھەممىمىز بۇ ئىشنىڭ گۇۋاھچىلىرىمىز. 33ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا شان-شەرەپ ئىچىدە ئولتۇرغۇزۇلۇپ، شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر كۆرۈۋاتقان ھەم ئاڭلاۋاتقانلىرىڭلارنى تۆكۈپ بىزلەرگە چۈشۈردى. 34-35چۈنكى داۋۇت ئۆزى ئەرشكە چىققان ئەمەس؛ لېكىن ئۇ مۇنۇ سەزلەرنى زەبۇردا ئېيتقان: ــ
«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ
«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە،
مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»».
36شۇنىڭ ئۈچۈن، پۈتكۈل ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەر شۇنى قەتئىي بىلسۇنكى، خۇدا سىلەر كرېستلىگەن دەل ئۇشبۇ ئەيسانى ھەم رەب ھەم مەسىھ قىلىپ تىكلىدى!».
37بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن:
ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.
38پېترۇس ئۇلارغا: ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ. 39چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ.
40پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا:
ــ سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇ ئىپلاس دەۋردىن قۇتقۇزۇڭلار! ــ دەپ جېكىلىدى. 41شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى جامائەتكە قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى. 42ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، ئېتىقادچىلارنىڭ بىرلىك-ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى.
ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى ئىناقلىق
43ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى. 44پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى.
45ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىشاتتى. 46ئۇلار ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىسىغا بىر نىيەتتە جەم بولۇشاتتى، ئۆي-ئۆيلەردە خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ، 47خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشاتتى؛ ئۇلار پۈتكۈل خالايىقنىڭ ئىززىتىگە سازاۋەر بولدى. رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى.
Notes
□2:1
««ئورما ھېيت» كۈنىنىڭ ۋاقتى-سائىتى توشقاندا،..» ــ ياكى «ئورما ھېيت كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا،...». بۇ تەرجىمە توغرا بولسا «ئورما ھېيت كۈنى»نىڭ ئۆزى بىرخىل بېشارەت ياكى «بېشارەتلىك رەسىم» بولىدۇ. «لاۋىيلار»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدىكى «ھېيتلار» توغرۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈڭ. «ئورما ھېيت» ــ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»دىن كېيىنكى ئەللىكىنچى كۈنى كېلىدىغان ھېيت، شۇڭلاشقا بەزى ۋاقىتلاردا گرېك تىلىدا «ئەللىكىنچى كۈندىكى ھېيت» («پېنتېكوست») دەپ ئاتىلىدۇ (بەلكىم ماينىڭ بېشى ئەتراپىدا).
■2:1
لاۋ. 23:15؛ قان. 16:9؛ روس. 1:14.
■2:4
مات. 3:11؛ مار. 1:8؛ 16:17؛ لۇقا 3:16؛ يـۇھ. 14:26؛ 15:26؛ 16:13؛ روس. 10:46؛ 11:15؛ 19:6.
□2:5
«ئۇ چاغدا، يېرۇسالېمدا ئاسمان ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن يەھۇدىي ئەرلەرمۇ تۇرۇۋاتقانىدى» ــ مۇشۇ ئەرلەر بەلكىم ھېيتنى تەبرىكلەشكە كەلگەنىدى.
□2:6
«ئەمدى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، توپ-توپ ئادەملەر شۇ يەرگە جەم بولۇشتى...» ــ «ئاۋاز» دېگەن سۆز توغرۇلۇق ئۈچ چۈشەنچە بار: (1) 2-ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «ئاسماندىن (چۈشكەن)... ئاۋاز»؛ (2) تەرجىمىمىزدەك، بارلىق ئېتىقادچىلار نامەلۇم تىل بىلەن خۇدانى مەدھىيەلىگەن چوڭ ئاۋازى؛ (3) گرېك تىلىدا بەزى ۋاقىتتا «ئاۋاز» دېگەن سۆز «خەۋەر»نى بىلدۈرگەچكە، مۇشۇ يەردىكى «ئاۋاز» «نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ تۇيۇقسىز كۆپ تىللاردا سۆزلىسىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر»نى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن.
□2:15
«ھازىر پەقەت ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى» ــ يەھۇدىيلارنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى بويىچە «كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى».
□2:17
«مەن ئاخىرقى كۈنلەردە ئۆز روھىمنى بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئۈستىگە قۇيىمەن» ــ «ئاخىرقى كۈنلەر» ياكى «ئاخىر زامان» ئادەتتە ئىنجىل دەۋرىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ؛ دېمەك، مەسىھنىڭ بىرىنچى قېتىم دۇنياغا كېلىشىدىن تارتىپ ئىككىنچى قېتىم كېلىشىگىچە بولغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. «روھىمنى» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «روھىمدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■2:17
يەش. 44:3؛ ئەز. 11:19؛ 36:27؛ يو. 2:27-29؛ زەك. 12:10؛ لۇقا 2:36؛ يـۇھ. 7:3؛ روس. 10:45؛ 21:9.
□2:18
«شۇ كۈنلەردە قۇللىرىم ئۈستىگىمۇ، دېدەكلىرىم ئۈستىگىمۇ روھىمنى قۇيىمەن...» ــ «روھىمنى» گرېك تىلىدا مۇشۇ يەردە «روھىمدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■2:20
يو. 2:10، 31؛ 3:15؛ يەش .13:10؛ 24:23؛ ئام. 8:9؛ مات. 24:29؛ ۋەھ. 6:12-13.
□2:21
«...ھەم شۇ چاغدا شۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، رەبنىڭ نامىنى چاقىرىپ نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ» ــ (17-21-ئايەت) «يو.» 28:2-32نى كۆرۈڭ.
■2:21
يو. 2:30-32؛ رىم. 10:13.
□2:23
«تەۋرات قانۇنىسىز يۈرگەن ئادەملەر»... ــ مۇشۇ يەردە يات ئەللىكلەر، بولۇپمۇ رىملىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
■2:23
روس. 4:28؛ 5:30.
■2:24
روس. 10:40.
■2:25
زەب. 16:8-11
□2:28
«...سەن ماڭا ھايات يوللىرىنى كۆرسەتكەنسەن؛ ھۇزۇرۇڭ بىلەن مېنى شاد-خۇراملىققا تولۇپ تاشقۇزىسەن».» ــ (25-28-ئايەت) «زەب.» 8:16-11نى كۆرۈڭ.
■2:28
زەب. 16:8-11
■2:29
1پاد. 2:10؛ روس. 13:36.
□2:30
«ئۆز پۇشتىدىن بىرەيلەن...» ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ چاتىرىقىدىن چىققاندىن بىرەيلەن...».
■2:30
2سام. 7:12؛ زەب. 132:11؛ لۇقا 1:32؛ روس. 13:23؛ رىم. 1:3؛ 2تىم. 2:8.
■2:31
زەب. 16:10؛ روس. 13:35.
■2:32
يـۇھ. 15:27؛ روس. 1:8.
□2:33
«شۇنداقلا ئاتا ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىپ،...» ــ ياكى «شۇنداقلا ئاتىدىن مۇقەددەس روھ ئاتا قىلىش ۋەدىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ،...».
■2:33
روس. 1:4؛ 5:31؛ 10:45؛ فىل. 2:9.
□2:34-35
«پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلمىغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!»» ــ «زەب.» 1:110.
■2:34-35
زەب. 110:1؛ 1كور. 15:25؛ ئەف. 1:20؛ ئىبر. 1:13.
■2:37
زەك. 12:10؛ لۇقا 3:10؛ روس. 9:6؛ 16:30.
□2:39
«بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ» ــ «بۇ ۋەدە» مۇقەددەس روھنى كۆرسىتىدۇ.
■2:39
يو. 2:30-32؛ ئەف. 2:13.
□2:42
«ئېتىقادچىلارنىڭ بىرلىك-ھەمدەملىكى» ــ بۇ ئالاھىدە مەنىدە بولۇپ، گرېك تىلىدا «ئورتاقلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆز ھەم خۇدا بىلەن بولغان ئالاقىنى، ھەم ئېتىقادچىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى ۋە خۇدانىڭ شاپائىتىدىن ئورتاق نېسىۋە بولۇشنى بىلدۈرىدۇ. «نان ئوشتۇش» ــ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ ئەيسانىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن نان ئوشتۇشىنى كۆرسىتىدۇ («مات.» 26:26-28، «1كور.» 11-باب، 17-34نى كۆرۈڭ).
■2:43
مار. 16:17؛ روس. 5:12.
■2:44
قان. 15:4؛ روس. 4:32.
■2:45
يەش. 58:7؛ روس. 4:35.
□2:46
«ئۇلار ھەر كۈنى ... ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئورتاق غىزالىنىشىپ، ناننى ئوشتۇپ يېيىشىپ،...» ــ 42:2دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
□2:47
«...رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى جامائەتكە قوشاتتى» ــ ياكى «...رەب ھەر كۈنى قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى».
■2:47
روس. 5:14؛ 11:21.