13
بابىلنىڭ ۋەيران قىلىنىشى
1ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي: ــ
2 بابىل ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ قوۋۇقلاردىن ئۆتۈپ كىرىشى ئۈچۈن،
قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار،
ئۇلارنى يۇقىرى ئاۋازدا چاقىرىڭلار،
قولۇڭلارنى پۇلاڭلىتىپ ئىشارەت قىلىڭلار.
3مەن بولسام، مەخسۇس تاللىغانلىرىمغا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمەن،
ئۆز پالۋانلىرىمنى، يەنى تەكەببۇرلۇقتىن يايراپ كەتكەن ئادەملىرىمنى غەزىپىمنى بەجا كەلتۈرۈشكە چاقىردىم.
4ئاڭلاڭلار، بۈيۈك بىر ئەلنىڭ ئادەملىرىدەك توپ-توپ ئادەملەرنىڭ تاغلاردا ياڭراتقان قىيقاس-سۈرەنلىرىنى،
ھەممە ئەل-يۇرتلار ۋە پادىشاھلىقلار جەڭگە يىغىلىپ دولقۇنلاتقان قاينام-تاشقىنلىقنى!
ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار قوشۇنلارنى جەڭگە يىغىدۇ.
5ئۇلار، يەنى پەرۋەردىگار ۋە ئۆز غەزىپىنىڭ قوراللىرى،
يىراق يۇرتتىن، ھەتتا ئاسمانلارنىڭ قەرىدىنمۇ پۈتكۈل جاھاننى ھالاك قىلىشقا كەلگەن.
6پەرياد چېكىپ ھۇۋلاڭلار!
چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يېقىنلاشتى؛
ئۇ ھەممىگە قادىردىن كېلىدىغان ھالاكەتتەك كېلىدۇ.
7بۇنىڭدىن ھەربىر قول بوشىشىپ كېتىدۇ،
ھەممە ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېرىپ كېتىدۇ.
8ئۇلار ۋەھىمىگە چۈشىدۇ؛
ئازاب-ئوقۇبەت ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئۇلارنى قاپلايدۇ،
تولغىقى تۇتقان ئايالدەك ئۇلار تولغىنىپ كېتىدۇ،
ئۇلار بىر-بىرىگە ۋەھىمە ئىچىدە تىكىلىپ قارىشىدۇ؛
يۈزلىرى بولسا يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ.
9مانا پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى كېلىدۇ،
شۇ كۈن جىمى يەر-جاھاننى ۋەيران قىلىشقا،
رەھىمسىز بولۇپ، غەزەپ ۋە قەھر بىلەن تولغاندۇر؛
ئۇ گۇناھكارلارنى جاھاندىن يوقىتىدۇ.
10چۈنكى ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ھەم يۇلتۇز تۈركۈملىرى نۇرىنى بەرمەيدۇ؛
قۇياش بولسا چىقىپلا قاراڭغۇلىشىدۇ،
ئايمۇ ھېچ يورۇمايدۇ.
11مەن دۇنيانى رەزىللىكى ئۈچۈن،
قەبىھلەرنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن؛
ھاكاۋۇرلارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تۈگەل يوقىتىمەن؛
زوراۋانلارنىڭ كىبىرلىرىنى پەس قىلىمەن.
12مەن ئىنسانلارنى ساپ ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن،
ئادەمنى ھەتتا ئوفىردىكى ئالتۇندىن ئاز قىلىمەن.
13شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدە،
ئۇنىڭ قاينىغان قەھرلىك كۈنىدە،
مەن خۇدا ئاسمانلارنى تەۋرىتىمەن،
يەر بولسا ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىدۇ؛
14شۇڭا ئوۋلانغان بىر جەرەندەك،
ھېچكىم يىغمايدىغان بىر پادىدەك،
ھەربىرسى ئۆز ئەل-جامائىتىنى ئىزدەپ كەتمەكچى بولىدۇ،
ھەربىرى ئۆز يۇرت-ماكانىغا قاچماقچى بولىدۇ؛
15قېچىپ تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى سانجىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ؛
ئەسىرگە چۈشكەنلەرمۇ قىلىچلىنىدۇ.
16ئۇلارنىڭ بالىلىرىمۇ كۆز ئالدىدا پارە-پارە قىلىنىدۇ؛
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ،
ئاياللىرىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىنىدۇ.
17مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن،
ئۇلار كۈمۈشلەرگە ھېچ قارىمايدۇ،
ئالتۇندىن بولسا ئۇلار زوق ئالمايدۇ.
18ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى يىگىتلەرنى ئۆتمە-تۆشۈك قىلىۋېتىدۇ،
ئۇلار بالىياتقۇنىڭ مېۋىسىگە ھېچ رەھىم قىلمايدۇ،
كۆزلىرى بالىلارنى ھېچ ئايىمايدۇ.
19پادىشاھلىقلارنىڭ گۆھىرى،
كالدىيلەرنىڭ پەخىرلىنىدىغان گۈزەللىكى بولغان بابىل بولسا،
خۇدانىڭ سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى ئۆرۈۋەتكىنىگە ئوخشاش بولىدۇ.
20ئۇ يەردە ھېچكىم ھەرگىز تۇرمايدۇ،
دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۇ ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
ئەرەبلەر بولسا شۇ يەردە چېدىر تىكمەيدۇ،
مالچىلار پادىلىرىنى شۇ يەردە ياتقۇزمايدۇ.
21بىراق چۆل-باياۋاندىكى جانىۋارلار شۇ يەردە قونىدۇ،
ئۇلارنىڭ خاراب ئۆيلىرىگە ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار تولىدۇ،
ھۇۋقۇشلار شۇ يەردە ماكانلىشىدۇ،
«ئۆچكە جىن»لار سەكرەپ ئويناقلىشىدۇ.
22ياۋايى ئىتلار قەلئە-قورغانلاردا،
چىلبۆرىلەر ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئوردىلىرىدا ھۇۋلىشىدۇ،
بەرھەق، ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالدى،
ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.
Notes
□13:1
«يۈكلەنگەن ۋەھىي» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماسسا» دېگەن بىر سۆز بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ «ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان ۋەھىي» ھەم «پەيغەمبەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ۋەزىپە» دېگەن ئىككى مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ بابتىكى بېشارەتلەر بەلكىم «ئاخىرقى زاماندىكى بابىل»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بىراق 17-22-ئايەتلەر قەدىمكى دۇنيادىكى بابىلنىڭ پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىشىدا ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
□13:2
«قاقاس تاغ ئۈستىدە تۇغ كۆتۈرۈڭلار...» ــ تاغ قاقاس-قۇرۇق بولسا، تۇغ ئېنىق كۆرۈنىدۇ. تۇغنىڭ ئۆزى جەڭگە چاقىرىدىغان ئىشارەتتۇر.
□13:3
«مەخسۇس تاللىغانلىرىم» ــ دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «مۇقەددەسلىرىم» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. «مۇقەددەس» ئادەتتە «پاك، خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن مەنىدە. بىراق مۇشۇ يەردە بەلكىم «خۇدا ئۆزىنىڭ مەخسۇس مەقسىتى ئۈچۈن (مەيلى ئۆزلىرى بىلسۇن، بىلمىسۇن) ئايرىم قىلغانلار» دېگەن مەنىدە. ئايەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا ئوخشاشلا، مۇشۇ دۇنيادىكى تەكەببۇر ئادەملەرنى خۇدا ئۆز مەقسىتىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى يوقىتىش، شۇنداقلا پۈتكۈل رەزىل دۇنيانى ھالاك قىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ (11-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).
□13:5
«يىراق يۇرتتىن... كەلگەن» ــ دېمەك، پەلەستىندىن يىراق كەلگەن. مۇشۇ «دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇش»، پەلەستىندە ۋە پەلەستىن ئەتراپىدىكى تاغلار ئۈستىدە يۈز بېرىدىغانلىقى كۆرۈنىدۇ. خۇدا قوراللىرىنى «ئاسماننىڭ قەرىدىنمۇ» چاقىرىدۇ ــ بۇ جەڭلەرگە پەرىشتىلەرمۇ قاتنىشىدىغان ئوخشايدۇ.
■13:6
يو. 2:10، 31؛ 3:15؛ يەش. 2:12-22؛ 24:23؛ ئام. 8:9؛ مات. 24:29؛ روس. 2:20؛ ۋەھ. 6:12-13
□13:8
«يۈزلىرى... يالقۇندەك قىزىرىپ كېتىدۇ» ــ بەلكىم شەرمەندە بولغانلىقىدىن بولغان.
■13:10
ئەز. 32:7؛ يو. 2:31؛ 3:15؛ مات. 24:29؛ مار. 13:24؛ لۇقا 21:25
□13:12
«ئوفىردىكى ئالتۇن» ــ ئوفىر رايونىدىكى ئالتۇن ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، سۈپەتلىك ئالتۇن دەپ قارىلاتتى.
□13:17
«مانا، مەن ئۇلارغا قارشى تۇرۇشقا مېدىئالىقلارنى قوزغايمەن...» ــ بېشارەتنىڭ تېمىسى بابىللىقلارغا يېنىپ كېلىدۇ. يۇقىرىقى ئايەتلەر (2-16)، شۈبھىسىزكى، پەقەت بابىلنىلا ئەمەس، بەلكى ئاخىرقى زاماندىكى «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى»دىكى پۈتۈن دۇنيانى كۆرسىتىدۇ. مېدىئالىقلار «... كۈمۈشلەر... ئالتۇنلار»غا قىزىقمايدۇ ــ دېمەك، ئۇلارنى ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىش ئۈچۈن پۇل بېرىش كار قىلمايدۇ.
□13:18
«بالىياتقۇنىڭ مېۋىسى» ــ قورساقتىكى تۆرەلمىنى ياكى كىچىك بوۋاقنى كۆرسىتىدۇ.
□13:19
«سودوم ۋە گوموررا» ــ قەدىمكى زاماندىكى ئىككى رەزىل شەھەر. خۇدا ئۇلارنى ئوت بىلەن ۋەيران قىلغان. «يار.» 19-بابنى كۆرۈڭ.
■13:19
يار. 19:25؛ يەش. 1:9؛ يەر. 49:18؛ 50:40
■13:20
يەر. 50:39
□13:21
«ھۇۋلايدىغان مەخلۇقلار» ــ ياكى «ھۇۋقۇش-مۈشۈكياپىلاقلار». «ئۆچكە جىنلار» ــ مۇشۇ جىنلار بەلكىم ئۆچكە شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن.