يېڭى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ يېڭى جەمئىيىتى
1مانا، ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىر پادىشاھ چىقىدۇ؛
ئەمىرلەر بولسا توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ ئىدارە قىلىدۇ.
2ھەم شامالغا دالدا بولغۇدەك،
بورانغا پاناھ بولغۇدەك،
قاغجىراق جايغا ئېرىق-سۇلاردەك،
چاڭقاپ كەتكەن زېمىنغا قورام تاشنىڭ سايىسىدەك بولغان بىر ئادەم چىقىدۇ.
3شۇنىڭ بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆزلىرى ھېچ تورلاشمايدۇ،
ئاڭلايدىغانلارنىڭ قۇلىقى ئېنىق تىڭشايدۇ؛
4بەڭباشنىڭ كۆڭلى بىلىمنى تونۇپ يېتىدۇ،
كېكەچنىڭ تىلى تېز ھەم ئېنىق سۆزلەيدۇ.
5پەسەندىلەر ئەمدى پەزىلەتلىك دەپ ئاتالمايدۇ،
پىقسىق ئىپلاسلار ئەمدى مەرد دەپ ئاتالمايدۇ،
6چۈنكى پەسەندە ئادەم پەسلىكنى سۆزلەيدۇ،
ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇقچىلىق تەييارلايدۇ،
ئىپلاسلىق قىلىشقا،
پەرۋەردىگارغا داغ كەلتۈرۈشكە،
ئاچلارنىڭ قورسىقىنى ئاچ قالدۇرۇشقا،
چاڭقىغانلارنىڭ ئىچىملىكىنى يوقىتىۋېتىشكە نىيەتلىنىدۇ.
7بەرھەق، ئىپلاس ئادەمنىڭ تەدبىرلىرى قەبىھتۇر؛
ئۇ قەستلەرنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ،
مۆمىنلەرنى يالغان گەپ بىلەن،
يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ.
8پەزىلەتلىك ئادەمنىڭ قىلغان نىيەتلىرى بەرھەق پەزىلەتلىكتۇر؛
ئۇ پەزىلەتتە مۇقىم تۇرىدۇ.
مەڭگۈلۈك بەختنى ياكى بالايىئاپەتنى ــ ھازىر تاللاش كېرەك!
9ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ، ئى خاتىرجەم ئاياللار، ئاۋازىمنى ئاڭلاڭلار!
ئى ئەندىشىسىز قىزلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار!
10بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا، ئى بىغەم ئاياللار،
پاراكەندە قىلىنىسىلەر!
چۈنكى ئۈزۈم ھوسۇلى بىكارغا كېتىدۇ،
مېۋە يىغىش يوق بولىدۇ.
11ئى خاتىرجەم ئاياللار، تىترەڭلار!
ئى ئەندىشىسىز قىزلار، پاتىپاراق بولۇڭلار!
كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!
12گۈزەل ئېتىز-باغلار ئۈچۈن،
مېۋىلىك ئۈزۈم تاللىرى ئۈچۈن مەيدەڭلارغا ئۇرۇپ ھەسرەت چېكىڭلار!
13ئۈستىدە تىكەن-يانتاقلار ئۆسىدىغان ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنى ئۈچۈن،
شاد-خۇرام ئۆيلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئوينايدىغان بۇ شەھەر ئۈچۈن قايغۇرۇڭلار!
14چۈنكى ئوردا تاشلىنىدۇ،
ئادەملەر بىلەن لىق تولغان شەھەر ئادەمزاتسىز بولىدۇ،
ئىستىھكام ۋە كۆزەت مۇنارلىرى ئۇزۇن زامانغىچە پەقەتلا ياۋايى ئېشەكلەر زوق ئالىدىغان،
قوي پادىلىرى ئوزۇقلىنىدىغان بوز يەرلەر بولىدۇ.
15تاكى روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە،
دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە،
مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە شۇ پېتى بولىدۇ.  
16شۇ چاغدا ئادالەت دالانى،
ھەققانىيلىق مېۋىلىك باغ-ئېتىزلارنى ماكان قىلىدۇ.
17ھەققانىيلىقتىن چىقىدىغىنى خاتىرجەملىك بولىدۇ،
خاتىرجەملىكنىڭ نەتىجىسى بولسا مەڭگۈگە بولىدىغان ئارام-تىنچلىق ۋە ئامان-ئېسەنلىك بولىدۇ.
18شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خەلقىم خاتىرجەم ماكانلاردا،
ئىشەنچلىك تۇرالغۇلاردا ۋە تىنچ ئارامگاھلاردا تۇرىدۇ.
جازا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى بەخت-بەرىكەت
19ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ،
شەھەر پۈتۈنلەي يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلسىمۇ،
20سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار،
كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر!

Notes


32:1 زەب. 45‏:4-7؛ زەك. 9‏:9

32:2 «چاڭقاپ كەتكەن زېمىن» ــ ياكى «چارچاپ كەتكەن زېمىن».

32:3 يەش. 29‏:18؛ 30‏:21

32:7 «يوقسۇلنىڭ دەۋاسىدا گەپ قىلىپ ئۇنى ۋەيران قىلىشنى پەملەپ ئولتۇرىدۇ» ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: ــ «لىللا-ئادىل دەۋا قىلغان يوقسۇلنى يوقىتىش ئۈچۈن پەملەپ ئولتۇرىدۇ».

32:11 «كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يالاڭ قىلىڭلار، چاترىقىڭلارغا بۆز باغلاڭلار!» ــ بۇلار بولسا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلارنىڭ مەجبۇرىي قىلىدىغان ئىشلىرى.

32:15 «روھ بىزگە يۇقىرىدىن تۆكۈلگۈچە،.....» ــ مۇشۇ يەردە «روھ» خۇدانىڭ روھىنى بىلدۈرىدۇ. تېكىستتە «كىمنىڭ روھى» ئىكەنلىكى دېيىلمىگەن ئەھۋالدا «روھ» دېگەن سۆز ئايرىم كۆرۈلسە، ئۇنداقتا شۈبھىسىزكى خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. «دالالار مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار بولغۇچە، مېۋىلىك باغ-ئېتىزلار ئورمانزار دەپ ھېسابلانغۇچە...» ــ دېمەك، يەر يۈزىدىكى بوز يەرلەر مۇنبەت بولىدۇ ۋە ھازىر مۇنبەت يەرلەرمۇ تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

32:15 يەش. 29‏:17؛ يو. 2‏:28، 29؛ يـۇھ. 7‏:37، 38؛ روس. 2‏:17، 18

32:18 يەر. 33‏:16

32:20 «ئورمان كېسىلىپ يىقىتىلغاندا مۆلدۈر ياغسىمۇ،... سۇ بويىدا ئۇرۇق تېرىغۇچىلار، كالا ۋە ئېشەكلەرنى كەڭ دالاغا قويۇۋېتىدىغانلار بەختلىكتۇر!» ــ (19-20) دېمىسەكمۇ، بۇ ناھايىتى سىرلىق بىر سۆزدۇر. بەلكىم بىزنى ئاخىرقى زامانلاردىكى ئىككى ئەھۋال توغرىسىدا ئەسلىتىدۇ. «ئورمان يىقىلىدۇ» ــ تەكەببۇرلار پەس قىلىنىدۇ (10-باب، 18- ۋە 33-34-ئايەتنى كۆرۈڭ). «شەھەر» بەلكىم يۇقىرىقى (24-بابتىكى) «تەرتىپسىز شەھەر» بولۇپ، خۇدا تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدۇ. بىراق كىچىك پېئىللىق تۇرمۇشنى تاللىغانلار، مەسىلەن ئۆز كالا-ئېشەكلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلار بەخت-بەرىكەت تاپىدۇ.