22
1ياخشى نام زور بايلىققا ئىگە بولۇشتىن ئەۋزەل؛
قەدىر-قىممەت ئالتۇن-كۈمۈشتىن ئۈستۈندۇر.
2گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار؛
ھەر ئىككىسىنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇر.
3زېرەك كىشى بالايىقازانى ئالدىن كۆرۈپ قاچار؛
ساددىلار ئالدىغا بېرىپ زىيان تارتار.
4ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىشنىڭ بەرىكىتى ــ باياشاتلىق، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھاياتتۇر.
5ھىيلىگەرلەرنىڭ يولىدا تىكەنلەر، تۇزاقلار ياتار؛
ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى ئۇلاردىن يىراق بولار.
6بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ،
چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس.
7بايلار مىسكىنلەرنى باشقۇرۇر؛
قەرزدار قەرز ئىگىسىنىڭ قۇلىدۇر.
8ناھەقلىق ئۇرۇقىنى چاچقاننىڭ ئالىدىغان ھوسۇلى بالايىئاپەتتۇر؛
ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى چۈشەر.
9سېخىي ئادەم بەرىكەت تاپار؛
چۈنكى ئۇ مىسكىنلەرگە ئۆز نېنىدىن بۆلۈپ بەرگۈچىدۇر.
10ھاكاۋۇرنى قوغلىۋەتسەڭ، جېدەل-ماجىرا بېسىلار؛
كېلىشمەسلىكلەر ۋە شەرمەندىچىلىكلەر تۈگەر.
11پاك نىيەتنى قەدىرلەيدىغان كىشىنىڭ سۆزلىرى گۈزەلدۇر؛
شۇڭا پادىشاھ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولار.
12پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار؛
ئۇ ئىپلاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ بىكار قىلار.
13ھۇرۇن ئادەم: «تاشقىرىدا بىر شىر تۇرىدۇ،
كوچىغا چىقسام ئۆلتۈرۈلىمەن!» ــ دەيدۇ.
14زىناخور ئايالنىڭ ئاغزى چوڭقۇر بىر ئورىدۇر؛
پەرۋەردىگار نارازى بولغان كىشى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتەر.
15نادانلىق سەبىي بالىلارنىڭ قەلبىگە باغلاغلىقتۇر؛
بىراق تەربىيە تايىقى بۇنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلار.
16مىسكىنلەرنى ئېزىش بىلەن باي بولغان،
ۋە بايلارغا سوۋغات سۇنىدىغان كىشى،
ئاخىرى پەقەت يوقسۇللۇقتا قالار.
ئوتتۇز ھېكمەتلىك سۆز
17قۇلاق سال، ساڭا ئاقىلانىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئۆگىتەي؛
كۆڭۈل قويۇپ بىلىمىمنى ئۆگەنگىن.
18ئۇلارنى قەلبىڭدە چىڭ تۇتساڭ،
ئۇلار ساڭا شېرىن بولار،
لەۋلىرىڭدە سەپ بولۇپ تەييار تۇرىدۇ.
19چىن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا تايىنىشىڭ ئۈچۈن،
بۈگۈن بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى باشقا بىرسىگە ئەمەس،
بەلكى ساڭا يەتكۈزدۇم.
20ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم،
بۇنىڭ ئىچىدە نەسىھەتلەر ھەم بىلىم بار.
21بۇلار بىلەن ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ دەرۋەقە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسەن،
ۋە شۇنداق قىلىپ سېنى ئەۋەتكۈچىلەرگە ھەقىقەتنىڭ سۆزلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرالايسەن.
22يوقسۇلدىن بۇلاپ ئالما، ئۇ كەمبەغەل تۇرسا،
ئاجىز مۆمىنلەرنى سوراق ئورنىدا بوزەك قىلما.
23چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى كۆتۈرەر،
ئۇلاردىن بۇلاپ ئالغانلاردىن بۇلاپ ئالار.
24مىجەزى ئىتتىك ئادەم بىلەن دوست بولما،
قەھرلىك ئادەم بىلەن ئارىلاشما،
25بولمىسا، ئۇنىڭ يامان يولىنى ئۆگىنىپ قېلىپ، قىلتاققا چۈشىسەن.
26باشقىلارغا كېپىل بولۇپ قول بەرگۈچىلەردىن بولما،
قەرزلەرنى تۆلەشكە كاپالەت بەرگۈچىلەردىن بولما؛
27سېنىڭ قايتۇرالىغۇدەك نەرسەڭ بولغان بولسا،
ئۇلار ئورۇن-كۆرپىلىرىڭنى بىكاردىن-بىكار ئاستىڭدىن ئېلىپ كەتمىگەن بولاتتى!
28ئاتا-بوۋىلىرىڭ پاسىلنى بەلگىلەپ بەرگەن كونا چېگرا تاشلىرىنى يۆتكىمە.
29ئىشنى ئەستايىدىل ۋە چاققان بېجىرىدىغان كىشىنى كۆرگەنمىدىڭ؟
ئۇ پەس ئادەملەرنىڭ خىزمىتىدە بولماس؛
پادىشاھلارنىڭ ئالدىدا تۇرار.
Notes
■22:1
توپ. 7:1
□22:2
«گاداي بىلەن باي بىر زېمىندا ياشار» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «گاداي بىلەن باي بىر-بىرىگە يولۇقار».
■22:2
پەند. 29:13
■22:3
پەند. 27:12
□22:5
«ئۆز يولىغا ھېزى بولغان كىشى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆز جېنىنى ساقلايدىغان كىشى».
□22:6
«بالىغا كىچىكىدە مىجەزىگە قاراپ دۇرۇس تەربىيە بەرسەڭ، ... يولدىن چىقماس» ــ بىزنىڭچە بۇ پەند ھەربىر بالىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى بار، شۇڭا بالىغا ئۆز مىجەزىگە، ماھىيىتىگە قاراپ تەربىيە بېرىش كېرەك، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بالىغا كىچىكىدە ھەققانىي يولدا مېڭىشنى ئۆگەتسەڭ،... يولدىن چىقماس». بەزى شەرھچىلەر ئايەتنى «كىنايىلىك سۆز» دەپ چۈشىنىپ: «بالىغا كىچىكىدە ئۆزى خالىغان (شەخسىيەتچى) يول بويىچە تەربىيە بېرىۋەر! مانا چوڭ بولغاندا ئۇ شۇ يولدىن چىقماس!» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ (دېمەك، بالىنى ئەركىلەتمە!).
□22:8
«ئۇنىڭ غەزەپ-ھەيۋىسى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «غەزىپىنى يەتكۈزىدىغان ھاسىسى» دېيىلىدۇ.
■22:8
ئايۇپ 4:8؛ ھوش. 10:13
□22:9
«سېخىي ئادەم» ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېخى كۆزلۈك كىشى».
■22:9
2كور. 9:6
■22:11
زەب. 101:6
□22:12
«پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ئىلىم-ھەقىقەتنى ساقلار» ــ پەرۋەردىگار ھەربىر دەۋردە، ھەربىر يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپات-ھەقىقەتنى ساقلايدۇ، ھەم شۇنداقلا شۇ ئىسپات-ھەقىقەتنى قەدىرلەيدىغان، شۇلارغا گۇۋاھ بېرىدىغان كىشىلەرنى ساقلايدۇ («رىم.» 19:1-20نى كۆرۈڭ)؛ ئۇ يەنە بارلىق ئىنسانلارغا كالام-شېرىف (تاۋرات، زەبۇر، ئىنجىل) بەرگۈچىدۇر.
■22:13
پەند. 26:13
■22:14
پەند. 2:16؛ 5:3؛ 7:5؛ 23:27
■22:15
پەند. 13:24؛ 19:18؛ 23:14؛ 29:15،17
■22:16
پەند. 14:31؛ 17:5
□22:20
«ئۇنىڭدىن مانا ئوتتۇزنى يازدىم» ــ بۇ «ئۆتتۇز ھېكمەتلىك سۆز» 22:22-22:24 دە تېپىلىدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭدىن مانا ئەلا سۆزلەرنى يازدىم».
□22:22
«سوراق ئورنى» ــ ئىبرانىي تىلىدا «شەھەر دەرۋازىسى» ــ يەنى سوت قىلىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.
■22:22
مىس. 23:6؛ ئايۇپ 31:13؛ زەب. 82:3، 4؛ زەك. 7:10
■22:23
مىس. 22:22، 23؛ زەب. 10:17-18
■22:26
پەند. 6:1؛ 11:15
■22:27
پەند. 20:16
■22:28
قان. 19:14؛ 27:17؛ پەند. 23:10
□22:29
«ئەستايىدىل ۋە چاققان» ــ ئىبرانىي تىلىدا بىرلا سۆز («ماھىر») بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.